ئادىللىق ئالۋۇن بولۇپ قالسا...

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-01 20:02:42

ئادىللىق ئالۋۇن بولۇپ قالسا... «چاڭجىدىكى مەمۇرلۇق ئىمتىھانى» يېڭى بىر تۇراقلىق ئىبارە بولۇپ قالدى. «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 9-نويابىر سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جىلىن ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ...



     

    ئادىللىق ئالۋۇن بولۇپ قالسا...

    «چاڭجىدىكى مەمۇرلۇق ئىمتىھانى» يېڭى بىر تۇراقلىق ئىبارە بولۇپ قالدى.

    «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 9-نويابىر سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جىلىن ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ ماگستىر ئاسپىرانتى سوڭ ئەپەندى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاڭجى شەھىرىدە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئەلىيۇل ئەلا بوپتۇ. سالامەتلىك تەكشۈرىشىدە لاياقەتسىز چىقىپ شاللىنىپ قاپتۇ. سوڭ ئەپەندى باشقا دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتۈپ باققان ئىكەن، لاياقەتلىك چىقىپتۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ تەكشۈرتكەندە لاياقەتسىز چىقىپ قالغىنى قانداق ئىش؟
    11- نويابىر چاڭجى شەھەرلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سوڭ ئەپەندىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشىدە لاياقەتسىز بولغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ، دۆلەت بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلغانلىقىنى، سوڭ ئەپەندىنىڭ ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز چىققانلىقىنى، سوڭ ئەپەندىگە سەۋرىچانلىق بىلەن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى، «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشتىن بۇرۇن ئىمتىھانغا مەسئۇل ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قارىغاندا، خەۋەردە يالغانچىلىق بار دېمەكچى ئوخشايدۇ.
    ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتە-ئۆتمەي، چاڭجى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسى سوڭ ئەپەندىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشىدە سەھۋەنلىك كۆرۈلۈپ قالغانلىقىنى، قايتىدىن ئىككى قېتىم تەكشۈرگەندە لاياقەتلىك چىققانلىقىنى، سوڭ ئەپەندىنىڭ مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، چاڭجى شەھەرلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سالامەتلىك تەكشۈرۈلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوختۇر قاتارلىق ئالتە خادىمنىڭ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى، ئىشتىن توختىتىلغانلىقى، گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلگەنلىكى ياكى ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، سوڭ ئەپەندىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز چىقىشى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان خۇلاسە ئىكەنلىكى ئايان بولدى.
    تاراتقۇلار بۇ ئىشنى بوش قويىۋەتمىدى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىشتى، چاڭجى تەرەپنىڭ بىمەنە جاۋابلىرىنى مەسخىرە قىلىشتى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، بىر تەرەپ قىلىشتىن شۈبھىلەندى، قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرىلەپ، ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى. ئۇلارغا ئاپىرىن!
    بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارا بولدى. قەستەن ناھەقچىلىك پەيدا قىلغانلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاش بىلەن بولدى قىلىشقا بولامدۇ-يوق، داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. جاۋابكارلارنى قانداق جازالاشتىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋەقەدە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر جاۋابكارلارنى جازالاش مەسىلىسىدىنمۇ بەكرەك ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
    ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىرىنچى مەسىلە، چاڭجى شەھىرىنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى بىنۇرمال ئەھۋاللار تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، چاڭجى شەھەرلىك ئىمتىھانغا مەسئۇل ئاپپارات سەمىمىي قىياپەتتە ئاپ-ئاشكارا يالغانچىلىق قىلغان، خەۋەردە چاتاق بار دېگەننى ئىشارە قىلغان. يوغان، قىزىل تامغا بېسىلغان ھۆكۈمەت ئالاقە خېتى بىلەن ساختىپەز ئەمەلدارغا چاپان ياپقان. بۇنىڭدىن شۇ ئەمەلدارنىڭ رەزگىلىكىنى، ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ يالغانچىلىقنىڭ قۇرالى بولۇپ قېلىشى بەكلا ئوڭاي ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
    تاراتقۇلار ئەسلىدە شۇ مەسىلىگە گۇمانىنى قويۇپ، تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان. چاڭجى شەھەرلىك ئىمتىھانغا مەسئۇل ئورۇننىڭ مەسئۇلى بەرگەن جاۋابىدا پاسكىنا سۇنى ئىمتىھان ئېلىش سېستىمىسىغا چاچقان. مانا بۇ ھوقۇقنى خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنڭ پاكىتى، ھوقۇقنى سۈيئىستىمال قىلىپ نەيرەڭۋازلىق قىلغانلىقنىڭ، ھوقۇقنىڭ ئەمەلدارنى چەكلىيەلمىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
    ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىككىنچى مەسىلە، ھوقۇق سېستىمىسىدا خاتالىقنى تۈزىتىش ئىقتىدارى يەنە قانچىلىك قالدى؟ سوڭ ئەپەندى لاياقەتسىز دېيىلگەندىن كېيىن، ئەرز-شىكايەت قىلماي ئولتۇرمىغان، لېكىن، ھېچكىم ئەستايىدىل قارىمىغان، چاڭجى شەھەرلىك كادىرلار ئىدارسىنىڭ باشلىقى سوڭ ئەپەندىنى «بۇدۇشقاق» بىر نېمىكەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك چىقساڭمۇ، سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەيمەن، دېگەن. مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىگە تېلېفۇن قىلسا، بۇ تېلېفۇن نومۇرىنى نەدىن ئۇقتۇڭ، بۇ ئىشنى بىز باشقۇرالمايمىز دېگەن. ئۆلكىلىك ئىمتىھان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بارسا، چاڭجى شەھىرىنىڭ ئىشىغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز دەپ جاۋاب بەرگەن. چاڭجى شەھەر باشلىقى قىزىق لېنىيەسى تەكەللۇپ
    بىلەن، بوپتۇ، يەنە بىر نۆۋەت تىزىملاپ قويايلى، دېگەن.
    سوڭ ئەپەندى ئۆزى بىلىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە بارغان، لېكىن جاۋاب ئالالمىغان. بۇ ئىش تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا غۇلغۇلا قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولغان. ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا، چاڭجى شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئويۇن ئويناشمۇ؟ بىزگە ئايان بولغىنى، ناھەقچىلىققا ئۇچراپ، ئۇنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغاندا دەسلەپكى مەزگىلدە تېخىمۇ بەك ناھەقچىلىققا ئۇچرايدىكەن. سو ئەپەندى ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئېلىپمۇ، ئەمەلدارلارنىڭ ساختا قىلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنماي قالغان. بۇ ئۇ ئۇچرىغان دەسلەپكى ناھەقچىلىق بولسا، ئادىللىق ئىزدەپ ئەرز-شىكايەت قىلغاندا باشقا ھوقۇقلۇق ئورگانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.
    سوڭ ئەپەندى ئىمتىھاندىن ئۆتكەن، لېكىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن. مېدىتسىنا بۇ يەردە ئەمەلدارلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالغان. سوڭ ئەپەندىنىڭ ئىمتىھان نومۇرىدا بىرىنچى بولغانلىقىدىن جەمئىيەتتە يەنىلا ئىشەنچ بار دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئىمتىھاننىمۇ ئادىل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئادەمگە قاراپ شەرت بەلگىلىگەن، ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى يۇقۇرى نومۇر ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارمۇ خەۋەر قىلىنغان.
    بىرەر ۋەقە، بىر قانچە جاۋابكار ئادەمنىڭ ئىشى ئادەتتىكى ئىش، لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئادىللىققا بولغان ئىشەنچى، ئادىللىققا ئېرىشىش ئىشەنچى يوقالسا، بۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس.

     

    مەنبە: جەنۇب شەھەر گېزىتى.

    ئاپتورى: ليۇ خوڭبو
    تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن پاۋان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.