ۋەزىپەبەردارلىق

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 05:45:41

ۋەزىپەبەردارلىق ھەربىي ئۈچۈن ئىيىتقاندا، مەسئۇلىيەت ئەڭ يۈكسەك بۇرچ. بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ سىياسىي، ئەخلاقىي، دىنىي مەسئۇلىيەتكە ئوخشاش تۈرلۈك مەسئۇلىيەتكە دۇچ كىلىمىز. پەيلاسوپلارنىڭ ...



    ۋەزىپەبەردارلىق

     
     ھەربىي ئۈچۈن ئىيىتقاندا، مەسئۇلىيەت ئەڭ يۈكسەك بۇرچ. بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ سىياسىي، ئەخلاقىي، دىنىي مەسئۇلىيەتكە ئوخشاش تۈرلۈك مەسئۇلىيەتكە دۇچ كىلىمىز. پەيلاسوپلارنىڭ مەسئۇلىيەتنىڭ قانداق ماھىيىتى ۋە ئىنسان پائالىيىتىدىكى روھى ھەققىدە قانداق تەلىماتلىرى بار؟ ئەخلاق پەلسەپىسىدە  «مەسئۇلىيەت ئېتىكىسى ۋە شادلىق ئېتىكىسى »  كەبى تۈپ مەسىلە يوق.

    مەسئۇلىيەت ئەخلاقى بويىچە، بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى قانۇنغا توغرىلانغان ئەھۋالدا، ئەخلاق جەھەتتىن توغرا ياكى خاتا دېگەن تۈپ پەرققە ئىگە بولىدۇ. ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ئەخلاقى بەختكە ئالاقىداربولىدۇ، خۇددى ھەر قانداق بەخت ۋە شادلىق ئەخلاقمۇ مەسئۇلىيەتكە ئالاقىدار بولخاندەك،ئوتتۇرىدىكى پەرق شۇكى،ئۇلارنىڭ مەسئۇلئۇلىيەتكە قارىتا نۇقتىسى  باشقا-باشقا.بەزى رادىكاللار بەخىت ئېتىكىسى مەسئۇلىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇنداق پوزىتسىيە كېيىن ئېپىكۇرچىلىكنى بارلىققا كەلتۇرگەن.ئارىستوتېل مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىۋەتمىگەن.ئەمما ئېنىق تەبىرمۇ بەرمىگەن.ئۇنىڭ قارىشىچە،مەسئۇلىيەت پەقەت ئادىللق ۋە پەزىلەتىنڭ بىر تەرىپى.ئادالەتلىك كىشى قەرز قايتۇرۇشتا ،باشقلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۇزمەسلىكتە، ئاۋامنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا مەسئۇلىيىتم بار دەپ قارايدۇ.ئەپلاتوننىڭ قارىشچە، ئادىل پەزىلەت مەسئۇلىيەت ياكى مەجبۇرىيەتنى تەكىتلەيدۇ.ئۇنىڭچە، ئادالەت پەزىلەتنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ،لېكىن ئۇنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش،باتۇرلۇق ۋە پاراسەتلەردىن ؛ئايىرىپ قارىغىىلى بولمايدۇ.شۇڭا ،ئۇ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنى ئادالەت تۇيغىۇسى ياكى ئۇمۇمىي پەزىلەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.يەنە بەزى رادىكاللار مەسئۇلىيەتنى ئەخلاق قاتارىدا كۆرىدۇ. ئەرلىئۇس ۋە ئېپىكۇرنىڭ ستوئىتسزم تەلماتىدا، توغرا ھەرىكەت قىلىش بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر،ئۇنىڭ ئەكىسىچە بولغان ئارزۇ ھەۋەسلەر مەسئۇلىيىتىگە زىت تۇىدۇ.كانت ئۆزىنىڭ پۇختا ئەخلاق تەلىماتىدا ئوخشاش پىكىرنى تەكىتلەيدۇ، ئۇنىڭچە،«ياخشىلىق» تىن باشقا خالىس ياخشىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.چۇنكى،بەخت مۇئەييەن چەككە ئىگە ياخشىلىقتۇر،يەنى ئۇ «ئاقىل ئادەمنىڭ ھاياتى بويىچە دەخلى- تەرۇزدىن خالىي شادلىق ئېڭى»دۇر.

    بىر ئادەم ئۆزىنىلا ياخشى كۆرسە، يەنە بىرسى خۇشاللىقنىلا كۆزلىسە، بۇنىڭ ھەر ئىككىسى «ئەخلاقنى بۇزىدۇ،ئەخلاقنىڭ دەبدەبىسىنى سۇندۇرىدۇ. چۇنكى، ئۇلار ياخشى – ياماننى ئارىلاشتۇرۋېتېپ، بىزگە سەرلەپ، مسقاللاپ ھېسابلىشىشنى ئۆگىتىدۇ». ھەر ئىككىسى ھەۋەسنى ياخشى _ ياماننى ئايرىيدىغان ئەخلاقى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ. ئەخلاقى نەتىجە بىلەن ئۆلچەيدۇ.كانتىنڭ قارىشچە،«مەسئۇلىيەت بىر ئىشىنىڭ ئەخلاقى قىممىتى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئۇنى كەلتۇرۇپ چىقارغان پرىنسىپ بىلەن ئۆلچىنىدۇ.» ئۇ يەنە:«مەسئۇلىيەت قانۇنىغا بولغان ھۆرمەتتىن كېلىپ چىققان ئەخلاقى پائالىيەت بولۇپ، ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ بىر ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشىنى قىلدۇكى، چۇنكى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇننىڭ تەلپىدىن كەلگەن دەيدۇ ئۆز پىكىرنى تولۇقلاپ.كانت يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ:«مەسئۇلىيەتىلىك ئىش شەخسىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

    ھەربىر ئىرادىنڭ نىشانى ئوبيېكتىپ قانۇنىڭ ۋە ئاشۇ قانۇنغا بولغان ئىخلاسنىڭ تەسىرىدىن باشقا ھېچنېمنىڭ تەسىرىگەيولۇقماسىلىقى كېرەك .» بۇ پرىنسىپ- مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاقى ھەرىكەتنىڭ مەنبەسى_ دەل كانتنىڭ مەشھۇر بولغان«مۇتلەق قانۇن پرىنسىپى » دۇر. كانىت مۇنداق خىتاب قىلىدۇ؛«مەن شۇنىڭ ئۇچۇن بۇنداق قىلمەنكى، مېنىڭ پرىنسىپىمنىڭ ئۇمۇمى پرىنسىپ بولشىدىن باشقا ھېچبىر ئاساسى يوق ». مۇتلەق بۇيرۇققا بويسۇنغاندىلا ئاندىن مەسئۇلىيىتىمزنى ئادا قىلالايمىز، ئىرادىمىزنى ياخشىلىققا ئۇيغۇن بولشىغا كاپالەت قىلالايمىز.كانىت ئۈچۈن، مەسئۇلىيەت ئوبيېكتىپ نەرسە. ئۇ يۈكسەك ئەمىرنىڭ تەلپىگە بويسۇنىش بولۇپ، ئۇ سۇبيېكتىپ  خاھىش، ھەۋەش ۋە تەلەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەقلنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئادا قىلساقلا بولىدۇ.

    مەنبە: غەربنىڭ تەپەككۇرى ناملىق كىتاب

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.