(ناۋادا) بىلەن باشلىنىدىغان 55خىل باھانە

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-25 14:33:00

مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بىرلا نەتىجىسى بولىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن باھانىسى بولىدۇ. مۇۋەپىقىيەتكە قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن ،ئۇلار با...

    مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بىرلا نەتىجىسى بولىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن باھانىسى بولىدۇ.

    مۇۋەپىقىيەتكە قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن ،ئۇلار بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنى كەم كۈتىسىز باھانە بىلەن ئاقلايدۇ. ئۇ باھانە -سەۋەپلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن جايىدا قويۇلغان ، بەزىلىرىنىڭ راستلىقى ھەتتا ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ،لېكىن باھانەنى پۇل ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى دۇنيا سىزدىن پەقەت(مۇۋەقىپىيەت قازىنالىدىڭىز مۇ يوق)دەپلا سورايدۇ. مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بولىدۇ، مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ نۇرغۇن باھانە سەۋەپلىرى بولىدۇ. بىر خارەكتىر تەتقىقاتچىسى كىشىلەر دائىم كۆرسىتىدىغان باھانە سەۋەپلەرنى رەتلەپ چىققان. بۇ باھانە سەۋەپلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىز ئۈسىتىدە ئويلىنىڭ ئاشۇ سەۋەپلەر ئىچىدە قانچىسى سىزدە بار ئىكەن.

    1.ناۋادا ئۆيلەنمىگەن بولسام........

     2.ناۋادا ئىقتىدارىم تولۇق بولغان بولسا..........

     3. ناۋادا پۇلۇم بولغان بولسا............

     4. ناۋادا ئوبدانراق ئوقۇغان بولسام.............

    5.ناۋادا تىرىكچىلىق يولىنى تاللىغان بولسام.........

     6.ناۋادا تېنىم ساغلا بولغان بولسا............

     7.ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا..........

     8.ناۋادا ئوبدانراق زامانلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولسا.........

     9.ناۋادا باشقىلار مېنى ئوبدان چۈشەنگەن بولسا ........

     10.ناۋادا مەن تۇرغان مۇھىت ھازىرقىدەك بولمىغان بوسا..........

     11.ناۋادا يەنە بىر نۆۋەت تۇغۇلالىغان بولسام...................

     12.ناۋادا باشقىلارنىىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم بولمىغان بولسا ..........

     13.ناۋادا ئىلگىرى پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام ياكى مۇشۇ ئىشنى سەل بۇرۇن بىلگەن بولسام.............

    . 14.ناۋادا ئەمدى پۇرسەت كەلگەن بولسا................

     15.ناۋادا باشقىلار ماڭا ئۆچمەنلىك قلمىغان بولسا..............

     16.ناۋادا ھېچقانداق توسقۇنلۇقا ئۇچىرمىغان بولسام...........

     17.ناۋادا ياشراق بولغان بولسام.................

     18.ناۋادا ئويلىغىنىمنى قىلىشقا پۇرسەت بولغان بولسا.................

    . 19.ناۋادا بايراق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسام...............

     20.ناۋادا بايراق ئائىلىنىڭ قىزىغا يادلىق بولغان بولسام...............

     21.ناۋادا باشقىلارنىڭ قابىلىيىتى مەندىمۇ بولغان بولسا.............

    . 22.ناۋادا ئۆز ھوقۇقۇمنى قوغدىيالىغان بولسام.......................

     23.ناۋادا ئىلگىرى كەلگەن پۇرسەنى تۇتالىغان بولسام...................

     24.ناۋادا باشقىلار مېنى ئازدۇر مىغان بولسا..................

     25.ناۋادا ئۆيۈم بالا دەپ يۈرمىگەن بولسام......................

     26.ناۋدا ئاز تولا پۇل توپلىيالىغان بولسام ................

    . 27.ناۋادا خوجايىن ئازراق ئىلتىپات قلغان بولسا................

    . 28.ناۋادا باشقىلار ياردەم قىلغان بولسا.....................

     29.ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر مېنى چۈشەنگەن بولسا.............

     30 ناۋادا چوڭراق شەھەردە تۇغۇلغان بولسام................

     31.ناۋادا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇش قىلالىغان بولسام.............

     32.ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسام...............

     33.ناۋادا پالانىنىڭ خرەۆكتىرى مەندەمۇ بولغان بوسا............

    . 34.ناۋادا بۇنچىۋالا سەمىرىپ كەتمىگەن بولسام.........

     35.ناۋادا باشقىلار قانىلىيىتىمنى ىلگەن بولسا..............

    . 36.ناۋادا تەلىيىم بولغان بولسا.....................

    37.ناۋادا قەرىزدىن قۇتۇلغان بولسام..................

     38.ناۋادا مەغلۇپ بولمىغان بولسام................

    . 39.ناۋادا قانداق قىلىشنى بىلگەن بولسام...................

    . 40.ناۋادا باشقىلار قارشى تۇرمىغان بولسا................

     41.ناۋادا بۇنچىۋالا ئاۋارچىلىككە يولۇقمىغان بولسام....................

     42.ناۋادا جورامنى توغرا تاللىيالىغان بولسام..................

     43.ناۋادا كىشىلەر بۇنچىۋالا دۆت بولمىغان بولسا...................

     44.ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر ئۇنچىۋالا ئىسراپخور بولمىغان بولسا................

     45.ناۋادا ئۆزۈمگە ئىشلىگەن بولسام................

     46.ناۋادا بۇنداق شور پېشانە بولمىغان بولسام ...............

     47.ناۋادا ئىلىكى شور تۇغۇلۇپ قالمىغان ولسام...............

     48.ناۋادا ......ئىشلار بولغان بولسا.....

    . 49.ناۋادا بۇنداق قاتتىق تىرىكچىلىكتە قالمىغان بولسام..............

     50.ناۋادا مال دۇنيارىمدىن زىيان تارتمىغان بولسام..............

     51.ناۋادا باشقا بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان بولسام...................

     52.ناۋادا ھېلىقىدەك كەچمىشلىرىم بولمىغان بولسا...............

     53.ناۋادا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىكىم بولغان بولسا....................

     54.ناۋادا باشقىلار گېپىمگە ماقۇل دېگەن بولسا....................

     55.ناۋادا.......... .............(بۇ بارلىق باھانىلەردىن مۇھىمىدۇر)ناۋادا ئۆزۈمگە دادىل يۈزلىنىپ ، ئۆز كەمچىلىكلىرىمنى تېپىپ چىقىپ ، ئۇنى ئۆزگەرتەلگەن بولسام ، ئېھتىمال ئاشۇ كەمچىلىكلەر ئارىسىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان، باشقىلارنىڭ تەجىربىلىرىدىن خېلى نەرسە ئۆگىنۋالغان بولسام. چۈنكى ئاشۇ كەمچىلىكلەر ئۆزۈمدە بارلىقىى بىلىمەن. ناۋادا ئىلگىرى ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىقىمنى تەھلىل قىلشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتالىغان، ۋاقتىمنى ئاجىزلىرىمنى باھانە سەۋەپ بىلەن يوشۇرۇشقا ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولسام. غايەمدىكى مەنزىلىمگە ئاللىقاچا بېرىپ بولغان بولاتتىم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق