ئەر -ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-24 08:10:52

ئەر-ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار1- جىدەللىشىش:ئاياللار جىدەللەشكەندە،دائىم دەيدىغان گىپىنى دەۋالماي قالمايدۇ،ئەرلەر مۇنداق ۋاقىتتا يۈزبەرمەكچى بولغان يېڭى <<جەڭ>>گە تەييارلىق قىلىدۇ. 2- ن...

    ئەر-ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار



    1- جىدەللىشىش:ئاياللار جىدەللەشكەندە،دائىم دەيدىغان گىپىنى دەۋالماي قالمايدۇ،ئەرلەر مۇنداق ۋاقىتتا يۈزبەرمەكچى بولغان يېڭى <<جەڭ>>گە تەييارلىق قىلىدۇ.

    2- نىكاھ: تويدىن كېيىن ئايال ئەرنى ئاز-تولا ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ، ئەر بولسا تويدىن كېيىن خوتۇنىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ.

    3- ئاچچىق: ئاياللار ھەمىشە يىغلاپ-قاخشاپ، كوتۇلداپ باشقىلاردىن ئاچچىق چىقىرىدۇ، ئەرلەر بولسا جىمجىت ئولتۇرۇپ، ھاراق-تاماكىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ.

    4- پۇل: بىر ئەر باشقىلار بەكلا ئالغۇسى بار بىر يۈەنلىك نەرسە ئۈچۈن ئىككى يۈەن تۆلىۋېتىدۇ، بىر ئايال باشقىلار ئېلىشنى خالىمايدىغان ئىككى يۈەنلىك نەرسە ئۈچۈن بىر يۈەن خەجلەيدۇ.

    5-پۇشايمان: ئەرلەر قۇربان بېرىشكە رازىكى پۇشايمانغا قېلىشنى خالىمايدۇ. ئاياللار پۇشايمان قىلىشقا رازىكى قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

    6.مۇھەببەت:ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەندە ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئۇ مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئەرزىيدۇ دەپ قارىسىلا ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار  مۇھەببەتلەشكەندە دۆتلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىسىلا ياخشى كۆرىدۇ.

    7.نىكاھ:ئەرلەر ماڭغۇدەك يولى قالمىغاندا ئايالى نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ. ئاياللار ماڭغۇدەك يولى قالمىغاندا توي قىلىدۇ.

    8. ئۇچرىشىش: ئەرلەر ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن بۇرۇن بانكىغا بېرىدۇ. ئاياللار ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن گىرىمخانىغا بارىدۇ.

    9. ياسالمىلىق: ئەرلەر پىشىپ يېتىلگەندە قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئامراق بولىدۇ، ئاياللار بولسا ياش قىزلاردە بولۇۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ.


    10. پۇل يىغىش: ئەرلەرنىڭ پۇل يىغىشى باشقا ئاياللارغا خەجلەش ئۈچۈن بولىدۇ، ئاياللارنىڭ پۇل يىغىشى ئېرىگە خەجلەش ئۈچۈن بولىدۇ.



    مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.