ئالدىن بېيىغانلار، ئويلاپ بېقىڭلار!

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-13 08:36:33

ئالدىن بېيىغانلار، ئويلاپ بېقىڭلار! جۇڭگولۇقلار پۇل خەجلەشتە پىخسىقلىق قىلمايدىغان بولۇۋېدى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى. خەلقئارا ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى جەمئىيىتى...

       ئالدىن بېيىغانلار، ئويلاپ بېقىڭلار!

    جۇڭگولۇقلار پۇل خەجلەشتە پىخسىقلىق قىلمايدىغان بولۇۋېدى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى.  خەلقئارا ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى جەمئىيىتىنىڭ 3-ئايدىكى جاكارنامىسىدە بۇلتۇر جۇڭگولۇقلارنىڭ 9 مىليارد 400 مىليون دوللار خەجلەپ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ ياپونىيىلىكلەردىن قالسىلا دۇنيادىكى 2-چوڭ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلدى. جاكارنامىدە، دۇنيادىكى ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىنىڭ %27.5 ئىنى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالغانلىقى، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى 1-لىكنى قولغا كەلتۈرۈشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالغانلىقى ھەم 2015-يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
        پۈتكۈل دۇنيا «جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقى» غا كۆز تىكمەكتە. جۇڭگولۇق بايلارنىڭ تومپايغان چۆنتىكى ھەقىقەتەن جۇڭگونىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى. ئەمما بۇ «ئالدىن بېيىغان بايلار» نېمە ئۈچۈن ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىغا پۇل خەجلەشتە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خەير-ساخاۋەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟
       ئويلاپ باقايلى، جۇڭگولۇقلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 دوللارغا يەتمەيدۇ، غەربىي جۇڭگو يەنىلا نامراتلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، جۇڭگودا قانچىلىغان ئوقۇشسىز بالىلار ۋە نامرات ئائىلىلەر بار؟ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي سەۋىيىسى، بايلىق زاپىسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن بولغان پەرقى ئاز ئەمەس. گەرچە جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا پەرق ناھايىتى زور. ئەمما بۇ «ئالدىن بېيىغانلار» ئۆزلىرىنىڭ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىنى كۆپەيتكەن بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارغا پۇل، كۈچ چىقىرىشقا كەلگەندە قانداقتۇر بىرەر ئىئانە پائالىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتۈشۈپ تۇرۇۋالىدۇ.
        پەيلاسوپ سوقرات «ناۋادا بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز، ئاندىن ئۇنى ماختاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى قارار قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىكەن. بىز ئامېرىكىلىق بايلارنىڭ ئۆز بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى : ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت، دوختۇرخانا، مۇزېي، مۇزىكا زالى ھەتتا تۆمۈريوللار سودىگەرلەرنىڭ ياردەم-مەدەتلىرى بىلەن قۇرۇلغان ياكى يۈرۈشكەن، شۇڭا ئامېرىكىدا سودىگەرلەر «ئىجتىمائىي مەدەتكارلار» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. بىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىمىز بىرقىسىم كىشىلەرنى، بىرقىسىم رايونلارنى ئالدىن بېيىتىش، شۇ ئارقىلىق تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئەمەسمۇ؟ بۇرۇنقىسىنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى شياڭگاڭلىق بايلارغا قاراپ باقايلى: لى جياچېڭ، شاۋ يىفۇ، خو يىڭدۇڭ قاتارلىقلار جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇق بايلارنىڭ بۇنداق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى كەمچىل؟
        بۇ مەسىلىگە بىل گەيتىسمۇ دىققەت قىلماي قالمىدى، ئۇ بۇلتۇر داۋوستىكى (شۋېتسارىيەدە)دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگولۇق بايلارغا باھا بېرىپ «بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، مېنىڭ نەزەرىمدە بۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش. ئەمما جۇڭگولۇق بايلار ئامېرىكىلىق بايلارغا ئوخشاش ئۆز بايلىقى ۋە ۋاقتىنى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن بېغىشلىيالامدۇ؟ بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن.
    (ئاپتور «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى تۇ لىمېي ، تەرجىمان نىمجان، 2010-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.