​نېمىشقا مېنى جازالايسىز

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-28 19:09:50

مەن ئادالەتسىزلىكنىڭ كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قانچىلىق دەرىجىدە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سىلىگە كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانىدىم،-دەپتۇ ئۇستاز.

    نېمىشقا مېنى جازالايسىز
    خۇسرەۋⅡ بالىلىق مەزگىلىدە بىر تەلەپچان ئۇستازدىن تەلىم ئاپتۇ. ئۇستاز ئۇنى ئەلەمدىمۇ، قەلەمدىمۇ كامىل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلاپتۇ.
    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇستاز سەۋەبسىزلا ئۇنى قاتتىق جازالاپتۇ.
    نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن خۇسرەۋⅡ خانلىق تەختىگە چىقىپتۇ. ئۇ خانلىق ئورنىغا چقىپ تۇنجى قىلغان ئىشى بالىلىق ۋاقتىدىكى ئۇستازىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۆزىنى سەۋەبسىزلا جازالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش بوپتۇ.
    -ئۇستاز، سىز نېمىشقا مېنى ئىلگىرى سەۋەبسىزلا جازالايسىز؟-دەپ سوراپتۇ خان ئۇستازىدىن.
    -ئەينى چاغدا مەن سىلىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، كېيىن ئاتىلىرىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقلىرىغا كۆزۈم يەتكەنىدى-دەپتۇ ئۇستاز،-شۇڭا، مەن ئادالەتسىزلىكنىڭ كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قانچىلىق دەرىجىدە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سىلىگە كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانىدىم،-دەپتۇ ئۇستاز.
    مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىلى 1-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇستاز