قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مۇھەببەت

يوللىغۇچى : rastqil يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-29 11:56:00

قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مۇھەببەت ئو. ھېنرى ئو. ھېنرى (1862-1910)، ئامېرىكىنىڭ قىسقا ھېكايە يازغۇچىسى. ئۇ 1897- يىلى چىرىكلىك جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىپ 5يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە ئو. ھېنرى ئىمزاسىدا ھې...

    قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مۇھەببەت ئو. ھېنرى ئو. ھېنرى (1862-1910)، ئامېرىكىنىڭ قىسقا ھېكايە يازغۇچىسى. ئۇ 1897- يىلى چىرىكلىك جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىپ 5يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە ئو. ھېنرى ئىمزاسىدا ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆمرىدە 300پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ئىجاد قىلىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ئويلىمىغان يەردىن چىقىشقا ماھىر، تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق، كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە كومېدىيىلىك كارتىنىلارنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنى خۇددى ھەجۋى رەسىم سىزغاندەك تەسۋىرلەيدۇ ھەمدە ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ۋايىغا يېتىپ ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئادەمگە چىنلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. «قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مۇھەببەت» ناملىق بۇ ھېكايە ئەسلىدە يازغۇچىنىڭ «ئۆزگەرگەن ئالىقانات» ناملىق رومانىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ « دۇنيا قىسقا ھېكايىلەر پادىشاھلىقى» ناملىق توپلامنىڭ مەلۇم سانىنىڭ بىر بۆلىكىگە ئىنچىكە ماھارەت بىلەن سەنئەتلىك قىسقارتىلىپ كىرگۈزۈلگەن، بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. [/color] قۇياش ئىللىق نۇرىنى سەپكەن ئەتىگەندە، ئىندىئاننا شىتاتلىق تۈرمىنىڭ بىر ساقچىسى تۈرمىنىڭ موزدوزخانىسىغا كىرىپ كەلدى، موزدۇزخانىدىكى جىمى ئىسىملىك مەھبۇس بۇ چاغدا قېتىرقىنىپ ئاياق تىكىۋاتاتتى. ساقچى ئۇنى تۈرمە ئىشخانىسىغا باشلاپ كەلدى. تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭ قولىغا شىتات باشلىقى تەستىق سالغان جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىش قەغىزىنى تۇتقۇزدى. جىمى كەچۈرۈمنامىنى ئوقىغاندىن كېيىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىدى. چۈنكى ئۇ 4يىل كېسىلگەن بولۇپ ئۇنىڭغا ئوخشاش دوستلىرى كۆپ، ئىجتىمائىي ئالاقىسى قويۇق ئادەملەر تۈرمىگە كىرىپ قالسا كۆپۈنچە ھاللاردا 3-4 ئاي يېتىپ چىقاتتى، چېچىمۇ چۈشۈرىۋېتىلمەيتتى، لېكىن ئۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقىلى 10ئاي بولغان ئىدى! تۈرمە باشلىقى يۇمۇرلۇق گەپ قىلىدىغان ھەييار ئادەم ئىدى، ئاچچىق پاپىروس چېكىپ خىرىلداپ كۈلگىنىچە جىمىگە دېدى: ـ جىمى، ئەتە سەھەردە ئەركىنلىككە چىقىسەن، سەن شۇمتەكنىڭ تېگى ئانچە ئەسكى ئەمەس، چىققاندىن كېيىن يەنە بىخەتەر ئىشكاپنى چاقىدىغان ئىشنى قىلما جۇمۇ! ـ نېمە دەۋاتىسىز؟ مەن ئەزەلدىن بىخەتەر ئىشكاپ بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان!،ـ دېدى جىمى ھەيران قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ. ـ ئەجابا سەن «گۇناھسىز»نىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشى ئۇ سەۋەپتىن بولمىسا ئەمىسە باشقا سەۋەپتىن ئىكەندە. تۈرمە باشلىقى تاماكىنى كۈچەپ بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن كۈلگەن پېتى ساقچىنى توۋلىدى: ـ كىرونىن، ئۇنى كامېرغا ئاپىرىۋەت، ئەركىنلىككە چىقىش كىيىمىدىن بىر قۇر ئاپىرىپ بەر، ئەتە سەھەردە ئۇنى كۈتۈش ئىشخانىسىغا باشلاپ كەل. جىمىگە بۇ بىر ئاخشام تولىمۇ ئۇزۇن تۇيۇلدى، ئەتىسى سەھەر سائەت 7دە كىرونىن ئۇنى تۈرمە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كەلدى.ئۇ كېلەڭسىز بىر كىيىمنى كىيىۋالغان بولۇپ، ئايىقىمۇ چوڭ كېلىپ قالغان، قوپال،سەت ئىدى. يول ماڭغاندا ئۇنىڭدىن «غالاپ- غۇلۇپ» ئاۋاز چىقاتتى. بۇ شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ جازا مۇددىتى توشقان جىنايەتچىلەرگە تەسىس قىلغان كىيىمى ئىدى. تۈرمە زاپخوزى ئۇنىڭ قولىغا بىر دانە پويېز بېلىتى بىلەن 5دوللار پۇل تۇتقۇزدى، بۇ پۇلنىمۇ شىتاتلىق ھۆكۈمەت چىقىراتتى. تۈرمە باشلىقى بىر تال پاپىروس بەردى ھەمدە قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئاق يول تىلىدى. جىمى ئاخىرى تۈرمە دەرۋازىسى سىرتىغا چىقتى، 10ئايدىن بېرى 9762- نومۇر دەپ ئاتالغان بۇ جىنايەتچى ئاخىرى قۇياش ئىللىق پارلاپ تۇرغان ئەركىنلىك قوينىغا قايتىپ كەلدى. تۈرمە خاتىرىسىگە بۇ « شىتات باشلىقىنىڭ كەچۈرۈمنامىسىگە ئېرىشكەن» دەپ خاتىرىلەپ قويۇلدى. ئۇ بىر رېستۇرانغا كىرىپ، بىر توخۇ كاۋىپى بىلەن بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى بۇيرۇپ تۈرمە باشلىقى بەرگەن ھېلىقى ئېسىل پاپىروسنى چېكىپ ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۈردى. رېستۇراندىن چىققاندىن كېيىن ناھىيىتى روھلۇق ھالدا پويېز بېكىتىگە كەلدى- دە، پويېزغا ئولتۇرۇپ 3سائەت سەپەر قىلغاندىن كېيىن تۆمۈر يول ياقىسىدىكى بىر كىچىك بازاردا چۈشۈپ قالدى. ئاندىن بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ، خۇجايىندىن بىر باغ ئاچقۇچنى ئالغاندىن كېيىن ئىككىنچى قەۋەتكە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ بىر كىچىك ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردى. بۇ جىمىنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئاۋالقىدەكلا تۇرغان بولۇپ، مەشھۇر رازۋېتچىك بىن. پۇلىس ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ ئۇنى مۇشۇ ئۆيدە تۇتقان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ ساقچىلار بىلەن پومىداقلىشىپ تۇتۇشۇپ قالغاندا يىرتىلغان ياقىسى پول ئۈستىدە شۇ پېتى تۇراتتى. جىمى تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى يوشۇرۇنۇش ئورنىدىن بىر تاختاينى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۈستىنى بىر قەۋەت توپا باسقان بىر چاماداننى ئېلىپ سىرىتمىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئىچىدىن ئالماس ئۈشكە، بولقا، كۇلۇچ، لوم تۆمۈر، ئامبۇر...قاتارلىق بىر يۈرۈش شەرقىي رايوندىكى ئەڭ ياخشى ئوغۇرلۇق ئەسۋاپلىرى چىقتى. بۇ ئەسۋاپلار ساپ پولاتتىن ياسالغان بولۇپ يېڭى لاھىيىلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى- ئۈچ ئەسۋاپنى جىمى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىدى. بۇ بىر يۈرۈش ئەسۋاپلانى ئۇ مەخسۇس كەسپىي ئوغرىلارغا ئەسۋاپ ياساپ بېرىدىغان بىر ئورۇنغا 900 دوللار بېرىپ ياساتقۇزغان ئىدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، جىمى پەسكە چۈشۈپ قەھۋەخانىدىن چىقتى، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ قولىغا ھېلىقى چاماداننى ئېلىۋالغان ئىدى... جىمى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىندىئاننا شىتاتىدا 4قېتىم ئوغۇرلۇق دېلوسى يۈز بەردى: ئالدى بىلەن ھېچقانداق ئىز قالدۇرۇلمىغان بىخەتەر ئىشكاپنى بۇزۇپ 800دوللار ئوغۇرلاش دېلوسى يۈز بەردى؛ ئارقىدىن پاتېنت ئىلتىماسى سۇنۇلغان بىر بىخەتەر ئىشكاپ ئوڭايلا ئېچىۋېتىلىپ 1500دوللار پاك-پاكىز سۈپۈرۈلدى، ئارقىدىنلا يەنە بىر بانكىنىڭ كونا پاسۇندىكى بىخەتەر ئىشكابىمۇ بۇزۇلۇپ 5مىڭ دوللار يوقالدى... بۇ دېلولار يەنە مەشھۇر رازۋېتچىك بىن. پۇلىسنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانلارنى رازۋېتكا قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىر نەچچە دېلو سادىر قىلىش ۋاستىسىنىڭ بىرسىنىڭكىگە ناھىيىتى ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ يېنىدىكى ياردەمچىلىرىگە دېدى: ـ بۇنى جىمى قىلغان دەپ جەزىم قىلالايمەن، ئۇ يەنە كونا ھۈنىرىنى تېپىۋاپتۇ، ئاۋۇ مەخپىي شىفىر تاختىسىغا قاراڭلار، ناھىيىتى ئاسانلا قومۇرىۋېتىلگەن، باشقىلارنىڭ ئامبۇرى بىلەن ئۇنى قومۇرغىلى بولمايدۇ، قومۇرۇلغان جايمۇ شۇنداق چىرايلىق بولغان، جىمى ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى بىر قېتىمدىلا تاماملايدۇ، تەھقىقكى، جىمى ئەپەندىنى يەنە تۇتمىساق بولماپتۇ، بولمىسا داۋاملىق دېلو سادىر قىلىدۇ. بىن. پۇلىسقا جىمىنىڭ ئوغۇرلۇق ئادىتى بەش بارماقتەك تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى: يىراققا بېرىپ دېلو سادىر قىلىش، يالغۇز ھەرىكەت قىلىش، نەق مەيداندىن تېز ئايرىلىش، ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش...مانا بۇ جىمىنىڭ ھەمىشە غەلىبىلىك ھالدا تۇتۇلۇپ قالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدى. كىشىلەر كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تۇرغاندا ساقچى تەرەپ كىشىلەرگە بىن. پۇلىسنىڭ يىپ ئۇچى تاپقانلىقىنى، دىلونى پاش قىلىشنىڭ ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ خەۋەر بىخەتەر ئىشكاپتا پۇل ساقلايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خېلى تەسكىن تاپقۇزدى. ئەمىلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. مەشھۇر رازۋېتچىك بىن. پۇلىس شۇندىن تارتىپ سەزگۈر ئوۋ ئىتىدەك جىمىنىڭ پېيىغا چۈشتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىمى ھېلىقى ئېغىر چاماداننى كۆتۈرگەن ھالدا ئېلموردا پويېزدىن چۈشتى. ئېلمور بىر كىچىك شەھەر بولۇپ تۆمۈر يولغا 5 كىلومېتىر كېلەتتى. جىمى قارىماققا تەتىل قىلىپ ئۆيىگە قايتقان سىتودېنتقا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇ پىيادىلەر يولىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر ساھىپجامالنى كۆرۈپ قالدى... ئۇ شۇ ھامان داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى: توۋا، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ چىرايلىق قىز بولىدىكەن! ئۇ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا قىزغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئېلمور بانكىسىغا كىرىپ قالدى ھەمدە ئۆزىمۇ تۇيماي بانكىنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ قالدى. ئۇ بۇ يەردىكى ئويناۋاتقان بىر بالىنىڭ قولىغا بىرنەچچە دوللار تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئاننابېر، «ئېلمور بانكىسى» نىڭ خۇجايىنىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى... جىمى بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، سېت مېھمانخانىسىغا كەلدى، ئىسمى دېگەن يەرگە راف دەپ تىزىملىتىپ بىر ياتاق ئالدى. ئۇ قىزنى ئۇچرىتىش بىر مۆجىزىدەك ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ راف دېگەن سالاھىيەت بىلەن ئېلموردا قېلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلدى. ئۇ كۈزۈتۈش ئارقىلىق بۇ شەھەردە مەخسۇس ئاياق دۇكىننىڭ يوقلىقىنى، كىشىلەر ئاياق سېتىۋالماقچى بولسا تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىدىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ تۈرمىدىكى چېغىدا موزدۇزلۇقنى ئۆگۈنۈپ ھۈنەرگە پىشقان ئىدى، شۇڭا بىر ئاياق دۇكىنى ئاچتى، دېگەندەك ئۇنىڭ تىجارىتى تولىمۇ يۈرۈشۈپ كەتتى. باھار شامىلى ئات تۇيۇقىنى چاپچىتىدۇ، جىمى ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ نۇرغۇن دوست تۇتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە قەلبىدىكى مەشۇقى ئاننابېرمۇ بار ئىدى. يىل ئاخىرىدا «راف» ئەپەندى كىشىلەرنىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، ئاياق دۇكىنىنىڭ تىجارىتى بۇرۇنقىدەكلا يۈرۈشۈپ تۇراتتى. ئاننابېرنىڭ دادىسى ساددا يېزا بانكىرى ئىدى. ئاننابېرنىڭ يەنە تۇرمۇشلۇق بولغان بىر ھەدىسى بار بولۇپ، «راف» ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى،قارىماققا ئۇ مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى، جىمى سان لۇيىستىكى بىر دوستىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى، خېتىدە مۇنداق يازغان ئىدى:« بىر يىل بۇرۇن مەن ئۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈم، ھازىر خېلى ئوبدان ئاياق دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىۋالدىم، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرمەكچىمەن، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى بىر قىز بىلەن توي قىلىمەن. ساڭا دېسەم ئۇ بىر پەرىشتە، ئەگەر بىرسى ئالدىمغا بىر مىليون دوللار قويسىمۇ ئۇنىڭغا كۆز قىرىمنى سالمايمەن...» جىمى خېتىدە يەنە دوستىنى كېلەر چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا كىچىك تاش شەھەردىكى سۇلىۋېننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشىشىنى، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھېلىقى 10مىليون دوللارغىمۇ بەرمەيدىغان ئەسۋاپلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. جىمى خەتنى پوچتىدىن سېلىۋەتكەن ئەشۇ كۈنى كەچتە، بىن. پۇلىس ئىجارىگە ئالغان بىر پىكاپنى ھەيدەپ جىمجىتلا ئېلمورغا يېتىپ كەلدى... كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، جىمى ھېلىقى دوستى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. جىمى ھېلىقى بىر يۈرۈش ئەسۋاپلىرىنى دوستىغا بېرىشتىن سىرت يەنە تويغا پۈتۈشكەن سوۋغات بۇيۇملىرى ۋە ئاننابېرغا بىرنەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىچىك تاش شەھەرگە بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. ئەتىگەندە، جىمى ۋە ئاننابېرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىرلىكتە ناشتا قىلدى. ئاننابېرنىڭ ھەدىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قىزىمۇ بار ئىدى. بىرى 5ياشلىق ئەيلۇسا، يەنە بىرى 9ياشلىق مېي ئىدى. ناشتىدىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە جىمى ئىزچىل يېتىپ كېلىۋاتقان مېھمانخانىغا كەلدى. جىمى ياتىقىغا يۈگۈرەپ چىقىپ ھېلىقى چاماداننى كۆتۈرۈپ چىقتى-دە، بىرلىكتە ئىلمور بانكىسىغا كەلدى. چۈنكى جىمى پويېز بېكىتىگە ئاپىرىپ قويىدىغان كىرا ماشىنىسىنى مۇشۇ يەردە ساقلىماقچى ئىدى. ئۇلار ئىگىز كاۋچۇك قاشادىن كېسىپ ئۆتۈپ، باكا زالىغا كىردى، گەرچە جىمىنى بانكا خىزمەتچىلىرى بەك تونۇمىسىمۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ ئالدىنى توسمىدى. ئاننابېر تولىمۇ خۇشال ھالدا جىمىنىڭ شەپكىسىنى ئېلىپ بېشىغا كىيىۋالدى- دە، شوخلۇق بىلەن: ـ چاتما دۇمباقچىغا ئوخشىدىممۇ؟ـ دەپ سورىدى. ئاندىن جىمىنىڭ قولىدىكى چاماداننى ئېلىۋېلىپ: پاھ، راف، نېمىدېگەن ئېغىر بۇ، خۇددى ئىچىدە ئالتۇن باردەك!- دەپ توۋلىدى. جىمى بۇنىڭغا: - ئىچىدە نۇرغۇن ئاياق تۆمۈرى بار، ئۇنى دوستۇمغا ئاپىرىپ بەرمەكچىمەن، ـ دېدى ئۆزىنى سالماق تۇتۇپ. «ئېلمور بانكىسى»نىڭ ئالتۇن ئامبىرىغا يېڭى بىخەتەرلىك سەپلىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاننابېرنىڭ دادىسى بىلەن باشقا بانكا خىزمەتچىلىرى تولىمۇ پەخىرلەنگەن ھالدا بۇنى ھەر بىر خېرىدارغا تونۇشتۇرىۋاتاتتى. ئالتۇن ئامبىرى بەكلا كىچىك بولۇپ، ئىشىكى پاتېنتقا ئېرىشكەن ، بىر بېسىش بىلەن 3پولات روكوياتكىسىنى تەڭلا قۇلۇپلىغىلى ھەمدە ۋاقىت بەلگىلەپ قۇلۇپلىغىلى بولاتتى. قېرى بانكىر ئۇ ئىشىكنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى ناھىيىتى ئەستايىدىل ھەم مېغىزلىق تىل بىلەن چۈشەندۈردى، جىمى ئەدەپ بىلەن ئاڭلىدى، ئەيلۇسا بىلەن مېيغا بۇ پارقىراق ئىشىك تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ئۇلار ئىچكەركى خانىدا سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، مەشھۇر رازۋېتچېك بىن. پۇلىسمۇ بانكا زېلىغا كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىر جۈپ سىنچى كۆزلىرى قاشا ئىچىدىكى ھەر بىر نەرسىگە سەزگۈرلۈك بىلەن تىكىلەتتى، قارىماققا كىمدۇر بىرسىنى ساقلاۋاتقاندەك. تۇساتتىن، بانكىنىڭ ئىچكەركى خانىسىدىن ئاياللارنىڭ «ۋاي!» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن پاتپاراق بولۇپ كەتتى: ئەسلىدە بايا چوڭلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا، 9 ياشلىق مېي سىڭلىسى ئەيلۇسانى ئالتۇن ئامبىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىپ بوۋىسىدىن ئاڭلاپ ئۆگۈنىۋالغىنى بويىچە ئىشىكنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بېسىۋەتكەن ئىكەن. قېرى بانكىر ئېتىلىپ بېرىپ، ئىشىك تۇتقۇچىنى كۈچەپ تارتقان بولسىمۇ ئىشىك مىدىرلاپ قويمىدى! ـ ۋاقىت بەلگىلەش ئۈسكىنىسى بىلەن مەخپىي شىفىر ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان سىستېما تېخى ئورنىتىلمىغان ئىدى...ـ دېدى ئۇ قاتتىق ئازاپلانغان ھالدا. ئۇ بۇنداق دېگىنى بىلەن ئالتۇن ئامبىرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا پۈتۈنلەيمۇ ئامال يوق ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئالتۇن ئامبىرىنىڭ ئىچى بەك كىچىك، قاپقاراڭغۇ ھەم ئىچىدە تۈزۈك ھاۋا بولمىغاچقا 5ياشلىق قىز ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، يەنە تېخى ئۇ قورققىنىدىن ھۇشىدىن كېتىشىمۇ مۈمكىن ئىدى! ئالتۇن ئامبىرى ئىچىدىن ئەيلۇسانىڭ ئېچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، بۇنىڭدىن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى... ئاننابېرنىڭ ھەدىسى يىغلىغان ھالدا: ئۇ قورقۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ!ئىشىكنى ئېچىڭلار، ئۇنى چېقىڭلار! سىلەر بىر نەچچە ئەرنىڭ ئامالى يوقمۇ؟،ـ دەپ توۋلايتتى. قېرى بانكىر تىترىگەن ئاۋازدا: ـ كىچىك تاش شەھەردە بۇنى ئاچالايدىغان ئادەم بار ئىدى، ئۇنى قانچىلىك ساقلىيالايمىز، ئاھ تەڭرىم، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز؟ ئاننابېرنىڭ ھەدىسى ئىشىكنى ئەسەبىيلەرچە ئۇراتتى، ئۇ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئىدى... ئاننابېر جىمىگە قارىدى، كۆزلىرى ئەلەمگە تولغان ئىدى: كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەر ئۇ چوقۇنىدىغان كىشى ئىدى، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئۆزى چوقۇنىدىغان ئەر ھەممىگە قابىل ئىدى. بىراق، كۆز ئالدىدىكى بۇ پاجىئەگە ئۇ ئامال قىلالارمۇ؟ ئاننابېر بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ نۆلگە يېقىنلىقىنى بىلەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ جىمىگە بوشقىنە ئىلتىجا قىلدى: راف، سىزنىڭ ئامالىڭىز بارمۇ؟ جىمى ئاننابېرغا قاراپ، لەۋلىرى ھەم كۆزلىرىدە بىر خىل غەلىتە كۈلۈمسىرەش ئەكس ئەتتى: ـ سۆيۈملۈكۈم، ئەتىرگۈلنى ماڭا بېرەڭ،بولامدۇ؟ ئاننابېر ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىدى، ئەتىرگۈل بىلەن ئالتۇن ئامبىرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باركىنە؟ شۇنداقتىمۇ ئۇ كۆينىكىنىڭ كۆكرىكىدىكى گۈلنى ناھىيىتى تېزلا ئاجرىتىپ ئېلىپ ئۇنى جىمىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. جىمى ئەتىرگۈلنى ئېلىپ كۈچەپ ھىدلىدى، ئۇ گۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى ئاننابېرنىڭ روھى دەپ تونۇپ ئۇنى ئۆز قەلبى، روھىغا قوشىۋەتمەكچىدەك قىلاتتى. بۈگۈن ئۇ كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئەيلۇسانى قۇتقۇزۇش قارارىغا كەلدى، بىراق ئۇنىڭدا ھەرگىزمۇ قەھرىمانلىق كۆرسۈتۈپ نازىنىننى تەسىرلەندۈرۈش غەرىزى يوق ئىدى......جىمى گۈلنى كۆينىكىنىڭ ياقىسىدىكى تۆشۈككە ئورنىتىپ، چاپىنىنى سېلىۋېتىپ، يېڭىنى تۈردى. بۇ دەقىقىدە، راف مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇچار ئوغرى جىمى ئىگىلىگەن ئىدى! ـ بىر چەتكە ئۆتۈڭلار!ـ دېدى جىمى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئارقىدىن چاماداننى شېرە ئۈستىگە قويۇپ « شىرت!» قىلىپ سىرىتمىسىنى ئاچتى...بۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ چەبدەس ھەرىكەتلەر بىلەن پارقىراپ تۇرغان ئەسۋاپلارنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ ئىلگىرىكى ئادىتىكىدەك بوش ئىسقىتقان ھالدا شىرە ئۈستىگە تىزدى... ئەتراپتىكىلەر جىمىنىڭ ھەرىكىتىنى ھەيكەلدەك جىم تۇرۇپ كۈزەتتى، بىر مىنۇتتىن كېيىن، جىمى ئۆزى ئەڭ ئامراق ئالماس ئۈشكە بىلەن ئىشىكنى كېسىشكە باشلىدى. 10مىنۇت بولماي تۇرۇپلا پولات پۈگەت بوشىدى، ئارقىدىن «پىڭ » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالتۇن ئامبىرىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق تارىخىدىكى ئەڭ يۇقۇرى رېكورتى ئىدى. ئەيلۇسا ئامبار ئىچىدىن يىغلىغان پېتى يۈگۈرەپ چىقىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ھۇشىدىن كەتتى. ئاننابېر ، قېرى بانكىر ۋە باشقا كىشىلەر ئۇھ دېگىنىچە جىمىگە مىننەتدارلىق بىلەن قارىدى. - راف ئەپەندى! زال ئىچىدىن تونۇش ئاۋاز كەلدى، جىمى تۇرۇپلا قالدى، جىمىغا ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئايان ئىدى، ئۇ قىلچە تەمتىرىمەي چاپىنىنى كىيدى- دە، رىشاتكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ زالغا كىردى. تۇساتتىن، تولىمۇ گىروي بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىنى توستى، ئۇ دەل مەشھۇر رازۋېتچىك بىن. پۇلىس ئىدى! جىمى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: ـ سالام سىزگە، ئاخىرى مېنى تۇتتىڭىز، ماڭايلى...ـ دېدى. باياتىندىن بېرى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن بىن. پۇلىس ئاللىقاچان خەۋەردار ئىدى. ھەمدە ئۇ بىرنەچچە كۈن تەكشۈرۈش ئارقىلىق «راف»نىڭ ئاللىقاچان جىمى ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئىدى، شۇڭا جىمىگە: ـ قارىغاندا مېنى خاتا تونۇۋاپسىز راف ئەپەندى...ماشىنا ساقلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ـ دېدى-دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، چوڭ كوچىنى ياقىلاپ يۈرۈپ كەتتى. جىمى كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا يىراقلاپ كېتىۋاتقان بىن. پۇلىسقا ئۇزاق قاراپ كەتتى. كوچىدا ئىللىق قۇياش نۇرى پارلايتتى. «ھېكايىلەر مەجمۇئەسى» تەھرىراتى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان «مەشھۇر ھېكايىلەر» ناملىق توپلامدىن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق