ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە ھېكايە

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-12 18:18:49

ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە ھېكايەبىرىنچى ھېكايەگەپنى 2004-يىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى ــــ مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ بىر مۇئاۋىن باش دېر...

    ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە ھېكايە

    \

    بىرىنچى ھېكايە

    گەپنى 2004-يىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى ــــ مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ بىر مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولۇپ، ئىسمى لى كەي فۇ ئىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۇ سومكىسىنى قولتىقىغا قىستۇرۇپ شىركەتكە كەپتۇ، ئەمدىلا ئىشخانىغا كىرىشىگە، بىر خىزمەتدىشى ئىنتايىن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:

    -گايتىسنىڭ ئاچچىقى بەك يامان تۇرىدۇ، قارىغاندا بىرەر ئىش چىققان بولسا كېرەك،-دەپتۇ.

    لى كەي فۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈگەندەك بولۇپ، كۆڭلىدە چوت سوقۇشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئىشخانىدىكى ياڭرىتىش ئۈسكۈنىسىدىن «يىغىن ئېچىلىدۇ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركەتتىكى ھەممە خادىملار يىغىن زالى تەرەپكە قاراپ مېڭىشىپتۇ.

    بېل گايتىس يىغىندا ئىنتايىن جىددىي تەلەپپۇزدا:

    -مەلۇم بىر مۇئاۋىن باش دېرىكتورىمىز بىزنىڭ رىقابەتچىمىز گوگىلغا كېتىدىغان بولۇپتۇمىش، بىز بۇ دېرىكتورىمىز شۇ شىركەتكە يۈز ئۆرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى ئەرز قىلىمىز،-دەپتۇ.

    لى كەي فۇ بۇنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىدىن بىر چېلەك سۇقۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كېتىپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قاپتۇ، چۈنكى بايا گايتىس دېگەن ھېلىقى باش دېرىكتور دەل مۇشۇ لى كەي فۇ ئىكەن.

    يىغىن تۈگىگەندىن كېيىنمۇ، خادىملارنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مۇنازىرە قىلىشلىرى توختىماپتۇ، ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەن لى كەي فۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ھەرخىل مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلاپتۇ

    -دېمىسىمۇ، بۇ گوگېلنىڭ تەرەققىياتى بەك ئىتتىك بولۇپ كەتتى!

    -يۈز نەپەر مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرنىڭ ئىچىدىن زادى كىمدۇ ئۇ؟

    لى كەي فۇ بۇلارنى ئاڭلاپ خىزمەت قىلىشمۇ خۇشياقماي، چاققانراق ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشنى ئىستەپتۇ.

    ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپلا توققۇز ياشلىق قىزىنىڭ بوسۇغا تۈۋىدىلا تۇرۇپ ئۇنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇيۇ، قىزنىڭ سۆرىۋالغان چامادىنىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، چۈنكى چاماداننىڭ ئۈستىدە يوغان قىلىپ «گوگېل» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئۇ چۈشىنەلمەي قىزىدىن سوراپتۇ:

    -نېمە دەپ چاماداننى سۆرىۋالدىڭىز؟

    قىزى سەل ئويلىنىپ جاۋاب قىپتۇ:

    -دادا، سىز گوگېلغا بېرىپ خىزمەت قىلماقچى ئىدىڭىزغۇ؟

    -سىز قانداق بولۇپ مېنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلدىڭىز؟

    -بىر ھەپتە بۇرۇنلا، گوگېل شىركىتى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇنچۇقلار سېلىنغان مۇشۇ چاماداننى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرسا، مەن ھەركۈنى شۇلارنى ئويناۋاتسام.

    لى كەي فۇ مانا شۇندىلا قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن ئۆزىنى سەل بېسىۋالغاندەك بولغان. بايا شىركەتتە گايتىس ئۇنى ئەرز قىلىمىز، دېدى. بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى بارماسلىق كېرەكمۇ؟ ئۇ چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ئىدى. ئويلا-ئويلا خىياللىرى پەرۋاز قىلىپ خېلى يەرلەرگە كېتىپ قالدى.بىر قېتىم ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كاماندىروپكىغا ماڭغاندا، بىر چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنى بىلەن مۇڭدىشىپ قالدى. ئۇ خوجايىن مۇنداق دېگەنىدى:

    -مۇبادا سىز بىرەر ئىشتا بىر قارارغا كېلەلمەي قالسىڭىز، چوڭلاردىن سورىماي، كىچىك بالىلاردىن سوراڭ، چۈنكى يەنە نەچچە يىلدىن كېيىنلا، بۇ دۇنيا شۇ كىچىكلەرنىڭ دۇنياسى ئەمەسمۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرگىنى دەل سىزگە لازىم بولغىنى!

    لى كەي فۇ تۇيۇقسىزلا بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىدىن:

    -سىز مىكروسوفىتنى ياخشى كۆرەمسىز، ياكى گوگېلنىمۇ؟-دەپ سورىدى.

    -ئەلۋەتتە گوگېلنى ياخشى كۆرىمەن، سىز ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ دادا، سىزنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىڭىزنى مەن شۇ گوگېلدىن ئىزدەپ سىزگە سوۋغا قىلغانىدىمغۇ؟

    -گوگېلنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما مىكروسوفىتنىڭ ئىقتىدارىمۇ كۆپقۇ؟ مەسلەن، ۋورد، يەنە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر بارغۇ؟

    قىزى ئۇنىڭ گېپىنى تاقەتسىزلەرچە بۆلىۋەتتى؛

    -مەن مىكرو سوفېتنى ياخشى كۆرمەيمەن، مەن گوگېلنى ياخشى كۆرىمەن.

    قىزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، لى كەي فۇنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە: «بىر قارارغا كەلدىم» دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گوگېلنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، مىكروسوفېتتىن گوگېلغا كەتتى، ئالمىشىش سوممىسى بولسا 10 مىليون دوللار بولۇپ، تارىختا رېكورت ياراتقان.

     

    ئىككىنچى ھېكايە:

    \

    20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئامېرىكىدا بىر ياش بولۇپ، ئۇنىڭ بەكلا باي بولغۇسى بار ئىكەن. بىر كۈن-كەچكىچە قانداق قىلىپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولدىغانلىقى، قانداق قىلىپ مىليونېر، مىلياردنېر بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە بۇ غايىلىرىنى قانداق قىلسا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتتۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدى بىلەن پۇل تاپقان بىر بايدىن، قانداق قىلىپ بۇنداق باي بولالىغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئويلاپتۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش ئەينى دەۋردىكى بايلار تىزىملىكىنى ئېلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېكسو موبېل نېفىت شىركىتىنىڭ خوجايىنى روكفېللىرنى ئىزدەپ تېپىپتۇ. روكفېللىر كىچىكىدىن باشلاپلا جاپالىق تۇرمۇشتا ئۆتكەن بولۇپ، تۈزۈك مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مىلياردنېر بولالىغان ئىكەن.

    بىر كۈنى بۇ ياش روكفېللىرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپتۇ. توغرا كېلىپ قالغىنى، روكفېللىر ئۆيىدە بولۇپ، ئۆزى يالغۇز ئىكەن. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ناتونۇش بىر ياش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشتىن نام-شەرىپىنى سوراپتۇ. ئۇ ياش ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ:

    -ياخشىمۇسىز، مەن بىر يۇقىرىغا ئۆرلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم. سىزدىن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەلىم ئالاي دەپ كەلگەن ئىدىم. سىز قانداق بولۇپ مىلياردنېر بولالىغان؟

    روكفېللىر بۇ ياشنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ، ياش ئۆيگە كىرىپلا ئۆينىڭ ئاجايىپ ئېسىل بېزەلگەنلىكىنى، خۇددى ئوردىلاردەك ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تاڭ قاپتۇ، ئۇ ئەزەلدىن بۇنچە چىرايلىق ئۆينى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.

    بۇ ۋاقىتتا روكفېللىر بۇ ياشقا دەپتۇ:

    -بۈگۈن ئۆيدىكى خىزمەتچىلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتكەن، شۇڭا سىزنى كۈتىۋالي دېسەممۇ، نەرسىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، سىزنى مۇشۇنىڭ بىلەن كۈتۈۋالاي!-دەپلا قولىدىكى تاۋۇزنى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ پارچىغا كېسىپتۇ، ئاندىن يىگىتكە دەپتۇ؛

    -ئەگەر مۇشۇ ئۈچ كېسىم تاۋۇز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالىدىغان پايدىڭىزغا ۋەكىللىك قىلسا سىز قانداق تاللايتىڭىز؟

    بۇ ياش ئىنتايىن تېزلىك بىلەن ئەڭ چوڭ بىر تىلىمنى قولىغا ئېلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. روكفېللىر ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىر تىلىمنى ئېلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ھېلىقى ياش ئەڭ چوڭ تىلىمنى يەۋاتقان چاغدا، روكفېللىر ئەڭ كىچىك بىر تىلىمنى يەپ بولۇپ، ئىككىنچىسىنى ئاپتۇ-دە، يىگىتكە قاراپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن ئىككىنچى پارچىسىنىمۇ يەۋېتىپتۇ.

    بۇ ۋاقىتتا، ياش بۇنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ، ئۈچ تىلىم تاۋۇزنىڭ ئىچىدە، گەرچە يىگىتنىڭ ئالغىنى ئەڭ چوڭ بولسىمۇ، روكفېللىر ئەپەندىمنىڭ ئالغان ئىككىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كىچىك ئىكەن.

    تاۋۇزنى يەپ بولغاندىن كېيىن روكفېللىر ئەپەندى بۇ ياشقا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا روفېللىر ئەپەندىم بۇ يىگىتكە مۇنداق دەپتۇ:

    -غەلبە قازىنىشنى خالىساڭ، كۆز ئالدىڭدىكى پايدىدىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك، مۇشۇنداق قىلالىساڭلا يىراقتىكى تېخىمۇ چوڭ پايدىلارغا ئۇلىشالايسەن، مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەت يولى!

      

    \

    3-ھېكايە

    كۆپچىلىككە مەلۇم، كارنېگ بىر چوڭ باي. ئەمما ئۇمۇ ياش ۋاقىتلىرىدا مال ساتقۇچى بولغان، شۇنىڭدىن ئالدىرىماي بۈگۈنك كۈنگە كەلگەن.

    كارنېگ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە خۇددى ھازىرقى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە ئوخشاش، ھەممە يەرگە قاتراپ خىزمەت ئىزدىگەن. بىر كۈنى، كارنېگ بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچى قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقى، شىركەتكە بىر مال سېتىۋالغۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ كۈنى شىركەتكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، قايتا-قايتا تاللاپ ئاخىرىدا ئۈچ ياش يىگىتلا قاپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كارنېگمۇ بار ئىكەن.

    بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، شىركەت تەرەپ بۇلارغا يەنە بىر سىناق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ سىناق ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، «مۇبادا شىركەت سىزنى بىر زاۋۇتقا ئەۋەتىپ، 2000 دانە قېرىنداش سېتىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا، بېرىپ-كېلىش چىقىمى ئاندىن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىزگە نەچچە پۇل كېرەك بولىدۇ؟» دىن ئىبارەت ئىكەن.

    بىرىنچىسى، 120 دوللار كېتىدۇ، 2000 قېرىنداش ئۈچۈن 100 دوللار، قالغان ياتاق-تاماق، كىراغا 20 دوللار بولسىلا بولىدۇ، دەپتۇ، ئىمتىھان ئالغۇچى، ئۇنى ئولتۇرۇڭ، دەپتۇ. قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئارتۇق گەپ قىلماپتۇ. ئىككىنچىسى، ماڭا 110 دوللار بولسىلا بولىدۇ، دەپتۇ. ئۈچىنچىسى، يەنى كارنېگ مۇنداق دەپتۇ، 113.86 دوللار. بۇ جاۋابقا قاراپ ئىمتىھان ئالغۇچى ھەيران قاپتۇ. قامداق بولۇپ بۇنداق پارچە پۇللار ھېسابلىنىپ چىققاندۇ؟

    كارنېگ چۈشەندۈرۈپتۇ، بىر قەلەم بەش سېنت. 2000 دانىسى 100 دوللار. بۇنىڭ باھاسى مۇقىم بولغاچقا، ئۈچىلىسىنىڭ جاۋابى ئوخشاش ئىكەن. ئەمما كارنېگ داۋاملىق چۈشۈندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ، شىركەت بىلەن زاۋۇت ئارىسىدا بېرىپ كېلىشكە 4.8 دوللار كىرا چىقىمى كېتىدۇ. چۈشلۈك تاماققا ئىككى دوللار، زاۋۇت بىلەن بېكەت ئارىسىدا يېرىم بېكەت يول بار. بۇنىڭدا چوقۇم مال يۆتكىگۈچىلەرنى ياللاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا 1.5 دوللار.....، جەمئىي 113.86 دوللار.

    باش نازارەتچى كارنېگنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كارنېگنىڭ دەل شىركەت ئىزدەۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپتۇ، ئەينى ۋاقىتتا كارنېگ دەل شۇنداق ئىنچىكە ھېساباتى بىلەن بۇ شىركەتكە قۇبۇل قىلىنغانىكەن. مانا بۇ كارنېگنىڭ خىزمەت ئىزدەشتىكى ھېكايىسى.

     \

    تۆتىنچى ھېكايە

    مۇنداق ئۈچ چەت ئەللىك بار ئىكەن. بىرى ئامېرىكىلىق، بىرى فىرانسىيىلىك يەنە بىرى يەھۇدىي ئىكەن. ئۇلار ئۈچىلىسى تۈرمىگە چۈشۈپ بىر كامىرغا قامىلىپتۇ. بۇ ئۈچىلىسى ئۈچ يىللىق كېسىلگەن ئىكەن.

    تۈرمە باشلىقى ئىنتايىن ياخشى ئادەم ئىكەن. ئۇ بۇ ئۈچىسىگە: « مەن ھەربىرىڭلارنىڭ بىر تەلىپىڭلارنى ئورۇنداپ بېرىمەن.» دەپتۇ. ئامېرىكىلىق سىگارت چېكىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا ئۇ: «ماڭا ئۈچ ساندۇق سېگارت بولسىلا بولىدۇ» دەپتۇ. ئىككىنچى بولۇپ تەلىپىنى ئېيتقىنى فىرانسىيىلىك بولۇپ، ئۇ چىرايلىق قىزلارغا ئامراق ئىكەن، شۇڭلاشقا ئۇ تۈرمە باشلىقىغا  مۇنداق دەپتۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ قىز دوستىنى كامىرىمغا ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالايمەن.» دەپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يەھۇدىي دەپتۇ: «مېنىڭ ھېچقانداق تەلىپىم يوق، ماڭا پەقەت سىرت بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان بىر تېلىفون ئورنىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.» شۇنداق قىلىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ ئۈچ يىلمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.

    ئۈچ يىل توشقان كۈنى بىرىنچى بولۇپ تۈرمە دەرۋازىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكىنى ئامېرىكىلىق بوپتۇ، ئۇنىڭ بۇرنى ۋە ئېغىزلىرى سېگارتقا تولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ: «ماڭا چاقماق بېرىڭلار، ماڭا سەرەڭگە بېرىڭلار! مەن سېگارت بۇيرۇتقىنىم بىلەن چاقماق بۇيرۇتۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!!! » دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ.

    كەينىدىن ئەگىشىپ چىققىنى فىرانسىيىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا بىر بالا، كەينىدىن كېلىۋاتقان قىز دوستىنىڭ قولىدا بىر بالا، قىز دوستىنىڭ قورسىقىدا يەنە  بىر بالا بار ئىكەن. ئەسلىدە ئۇ فىرانسىيىلىك ئۈچ يىلدا ئۈچ بالىلىق بولغانىكەن.

    ئەڭ ئاخىرىدا چىققىنى ھېلىقى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كاستيوملىرىنى تۈزەپ بولغاندىن كېيىن، تۈرمە باشلىقىنىڭ قولىنى  چىڭ سىققىنىچە:« رەھمەت سىزگە تۈرمە باشلىقى، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە سىرت بىلەن بولغان ئالاقەمنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىم ئۈچۈنلا، سودام بىر كۈنمۇ توختاپ قالماي، ئەكسىچە %200 ئاشتى. سىزنىڭ ماڭا قىلغان بۇ چوڭ ياردىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، سىزگە لوۋرىنتىس ماركىلىق ماشىنا سوۋغا قىلماقچىمەن.»

    بۇ ھېكايە بىزگە، قانداق تاللاش بولسا، شۇنداق تۇرمۇش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىز بەلكىم بىز ئۈچ يىل ئاۋۋالقى تاللىشىمىز سەۋەبلىك بولغان بولىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى تاللىشىمىزمۇ ھەم ئۈچ يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى بەلگىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، دوستلىرىم، كېلەچەكنىڭ قانداق بولىشى سىزنىڭ بۈگۈن قانداق تاللاش ئېلىپ بېرىشىڭىزغا باغلىقتۇر.

     \

    بەشىنچى ھېكايە

    2000-يىل ياز، ئامېرىكىنىڭ يالې ئۇنۋېرسىتېتى چوڭ يىغىن زالىدا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يىغىلىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېرىكسوننىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئارىدىكى بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئامېرىكا كىرېمىنىي جىلغىسىنىڭ بىرىنچى زەردارى بىزگە لېكسىيە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى، پۈتۈن ئامېرىكىدا، پۈتۈن دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ بايلىقىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق.» بۇنى ئاڭلىغان بەزىلەر: «بۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، ئۇ دېگەن بىر مەكتەپتىن قالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچى، بىزنىڭ مەكتەپتىن پىرىزدېنت كېلېنتون، بوش قاتارلىق داڭلىقلارمۇ چىققان» دەپ رەددىيە بېرىشەتتى. ياندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇنداق پىكىر قوشتى: «ئېرېكسوننى مەن بەك ياقتۇرىمەن. ئۇ مۇسابىقە كارتېرىنى بەل ياخشى ئوينايدۇ، ئەڭ قالتىس بولغىنى ئۇنىڭ تېنچ ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەقلىدىي ئۇرۇش ئويۇن ئوينىغىنى-دە! ئۆزىمۇ بەك قاملاشقان، جەلپ قىلارلىققۇ؟!» ياندىكى بىر پىروفېسىسسور مۇنداق دېدى: «ئېرېكسون بىلەن تىركەشكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ لېكسىيىسىنى مەن ئاڭلاپ باققان، ئۇنىڭ دەيدىغان ئەڭ ۋەھشىي سكزى، رەقىبنىڭ بوغۇزىغىلا بىر پىچاق ئۇرۇپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشىمىز كېرەك، بۈگۈن ئۇ يەنە كىمنىڭ [جېنىنى ئالاركىن؟]»

    مۇنازىرە تازا قىزىۋاتقاندا، بىر كىشى سالاپەتلەرچە قەدەم تاشلاپ، مۇنبەر ئالدىغا كەلدى. بۇ كىشى دەل ئېرېكسون ئىدى. كىشىلەر دىققەت نەزىرىنى كەينى-كەينىدىن بۇ كىشىگە ئاغدۇردى. ئېرېكسون سۆزىنى باشلىدى:

    -مەن بۈگۈن بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ، مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرەلمىدىم، ۋە ياكى كەلگۈسىدىكى 1000 خىل كەسىپنىڭ كارامەت يول باشلىغۇچىلىرىنىمۇ كۆرەلمىدىم. مەن پەقەت 1000 نەپەر مەغلۇبىيەتچىنى كۆردۈم. بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەن، ئېرېكسون، بىر مەكتەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى. ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزغا ئىگە مۇشۇنداق بىر ئالىي ئوقۇلدا، سىلەرگە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي، چۈنكى مەن ئېرېكسون، مۇشۇ پىلانتتىكى ئىككىنچى باي، بىر مەكتەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى، ئەمما سىلەر  ئەمەس. بېل گايتىس، دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى، شۇنداقلا ھەم بىر ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى، ئەمما سىلەر ئۇنداق ئەمەس، ئەيلون ئەپەندىم، ئالما شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، دۇنيادىكى ئۈچىنچى باي كىشى. ئۇمۇ بىر مەكتەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى. ئەمما سىلەر ئەمەس. سىلەرگە  بۇنىڭدىن باشقا ئىسپات كېرەكمۇ؟ قاراڭلار، دېل شىركىتىنىڭ باشلىقى دېل ئەپەندىمگە، دۇنيادىكى توققۇزىنچى باي. ھازىر ئۇنىڭ تىزىملىكتىكى ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. ئۇمۇ بىر مەكتەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى. سىلەر بولساڭلار يەنىلا ئەمەس. ھازىر سىلەر چوقۇم بەك ئۈمىدسىزلىنىۋاتىسىلەر. چۈنكى سىلەر شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلدىڭلار ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدىڭلار. 2000-يىلنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، سىلەر مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىلا كېرەكتىن چىقتىڭلار، سىلەر ئەمدى پەقەت شۇ يىللىق مائاشى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بىچارە خىزمەتلەرنىلا ئىزدەيسىلەر. نېمە ئۈچۈن بىچارە؟ چۈنكى سىلەرنىڭ مائاش تالونىڭلارنى ئىككى يىل بۇرۇن مەكتەپتىن چېكىنگەن شۇ سىنىپداش، ساۋاقدىشىڭلار چىقىرىپ بەرگەن بولىدۇ.

    مۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشى بىلەن يالې ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ چوڭ زالىغا يىغىلىشقان ھەممە كىشىلەر سۈكۈتكە چۆمدى. ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئېرېكسوننىڭ مەشھۇر سۆزى، «رەقىبنىڭ بوغۇزىغا كۈچلۈك پىچاق ئۇرۇش كېرەك» دېگەندەك، بۇ 1000 دىن ئوشۇق ئەلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كانىيىگە بىر پىچاق تىقىلىپ قالغاندەك، بىرەرسىمۇ ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

    بۇ قېتىملىق لېكسىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئېنتېرنېتتا ئۇچقاندەك تارقىلىپ، ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق گەپ-سۆز بولدى. بەزىلەر بۇ لېكسىيىنى قالتىس بوپتۇ دەپ قاراشتى، بەزىلەر بولسا ئىنتايىن ناچار دەپ باھا بېرىشتى. يەنە بەزىلەر ئېرېكسوننى رىۋايەتلەردىكى شەخىسلەرگە ئوخشاتتى، بەزىلەر بولسا ئۇنى بىر لۈكچەك دەپ تىللىدى. مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ بىز كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

     \

    ئالتىنچى ھېكايە

    بىر كۈنى بىر يەھۇدىي باي ئامېرىكىدىكى سىنى بانكىسىنىڭ قەرز بۆلىمىگە كىرىپ كەلدى. قەرز بۆلىمىدىكى دېرىكتور بىرقاراپلا، چوڭ خېرىداردىن بىرى كەپتۇ دەپ ئويلىدى. چۈنكى بۇ يەھۇدىينىڭ قولىدا ئىنتايىن قىممەت بىر چامادان بولۇپ، كىيىملىرىمۇ ئىنتايىن ئالىپتە ئىدى.

    دېرىكتور تېزلىك بىلەن يەھۇدىينى قارشى ئېلىپ، دېدى:

    -ئەپەندىم، سىزگە بىرەر ياردىمىم كېرەكمۇ؟

    -مەن قەرز ئالاي دېگەن.

    -بولىدۇ، ئەمما ئەپەندىم، سىز بىزنىڭ بۇ بانكىدىن قەرز سوممىدى ئالسىڭىز، چوقۇم كاپالات بولىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ، ياكى بولمىسا بىرەر مۇھىم نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويمىسىڭىز بولمايدۇ، سىز نېمە نەرسىڭىزنى قويىسىزكىن؟

    -مەن ماۋۇ نەرسەمنى كاپالەت ئۈچۈن قويسام  بولارمۇ، قاراڭ!

    يەھۇدىي گېپىنى تۈگىتىپلا قولىدىكى چاماداننى ئاچتى ، چاماداننىڭ ئىچىدە ئېسىل ئالتۇن-كۈمۈش، مەرۋايىت، ۋە يۇقىرى سوممىلىق ئاكسىيە بېلەتلىرى بار ئىدى.

    -بۇ نەرسىلەر مەنچە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدۇ.

    دېرىكتور بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىززەت-ئېكتىرام بىلەن:

    -ئەپەندىم، سىزگە قانچىلىك پۇل كېرەك ئىدى؟

    يەھۇدىي ئويلىنىپ جاۋاب قىلدى:

    -مەن  بىر ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالماقچى.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ دېرىكتور ھاڭۋېقىپلا قالدى. 500  مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ، پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالماقچى بولغان بولسا، بۇ ئادەم ئېنىقلا ئېلىشىپ قاپتۇ. ئەمما دېرىكتورمۇ ئەقىللىق بولغاچقا ئىشنىڭ تېگىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ-دە، بۇ يەھۇدىي چوقۇم ئىنتايىن چوڭ بىر باي، مۇشۇ بىر ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق بىزنىڭ ئىناۋىتىمىزنى ھەم ئىش ئۈنۈمىمىزنى، ئىش بېجىرىش قابىلىيىتىمىزنى سىناپ باقماقچى بولىۋاتىدۇ، كېيىن چوقۇم بىلەن تېخىمۇ چوڭ توختام تۈزىشى مۇمكىن، بۇ بىر ئامېرىكا دوللىرى چوقۇم بىر يەمچۈك، دەپ ئويلاپتۇ.

    -بولىدۇ، بۇ بىر ئامېرىكا دوللىرىنى بىز چوقۇم سىزگە قەرز بېرىپ تۇرىمىز.

    دېرىكتور گېپىنى تۈگىتىپلا، بۇ يەھۇدىيغا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بېرىپتۇ ھەمدە ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىپتۇ.

    ھەش-پەش دېگۈچە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ھېلىقى يەھۇدىي بار يەنە شۇ بانكىغا كەپتۇ. بىر باي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، يانچۇقىدىن بىر ئامېرىكا دوللىرىنى چىقىرىپ دەپتۇ:

    -مەن بۈگۈن بۇ بىر ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇپ بەرگىلى كەلدىم، سىزمۇ ماڭا نەرسىلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ!

    دېرىكتور يەھۇدىينىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئۆز سانى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ، ھەمدە يەھۇدىينىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ بىرەر نەرسە دېيىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، ئەمما يەھۇدىي نەرسىلىرىنى قولىغا ئېلىپلا، رەھمەت، دەپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. يەھۇدىي كەينىدىن چىقىپ بېلىكىنى تارتقان دېرىكتورغا قاراپ:

    -ئەجەبا يەنە بىرەر رەسمىيەتلەر كام قالدىمۇ، ئەپەندىم؟-دەپ سوراپتۇ.

    كەينىدىن يەھۇدىي كۈلۈپ قويۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى دېرىكتورغا ئېيتىپ بېرىپتۇ: «بىز بىر ئائىلىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ساياھەتكە چىقماقچى ئىدۇق، ئەمما ئۆيدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرگە خاتىرجەم بولالماي قالدۇق. ئەسلىدە سىلەرنىڭ بانكىدا بىر ساقلاپ بېرىش كەسپىنى ئاچقۇزاي دېگەن، ئەمما بەك قىممەت، بىر ئايلىق ساقلاش ئۈچۈنلا نەچچە يۈز دوللار ئالىسىلەر، شۇڭا مەن مۇشۇ ئامال بىلەن بىر ئامېرىكا دوللىرى  قەرز ئېلىش بىلەن نەرسىلىرىمنى بانكىغا ياخشى ساقلىتىۋالدىم.»

     \

    يەتتىنچى ھېكايە:

    ھەر قانداق بىر غەلبە قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۈن-تىنسىز ياردەمدە بولغان بىر ئايال بولىدۇ. بېل گايتىسنىڭ كەينىدىمۇ شۇنداق بىر ئايال بولغان بولۇپ، ئەمما ئۇ ئۇنىڭ ئايالى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر ئايال كاتىپى، بۇ ئايال كاتىپنىڭ مىكروسوفىت شىركىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ.

    بېل گايتىس ئەمدىلا ئىش باشلىغان چاغدا، ئىنتايىن ياش بولۇپ، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىدى. گايتىسنىڭ كاتىپلىقىنى قىلىدىغان خانىمنىڭ ئىسمى رۇبا بولۇپ، 42 ياشقا كىرگەن، تۆت بالىنىڭ ئاپىسى ئىدى. ئەينى چاندا رۇبا گايتىسنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئىدى.

    رۇبا خانىم گايتىسنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماستىن، ھەتتا شىركەتتىكى بەزى سېستىما يازىدىغان ياش بالىلارنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشىغىمۇ ئۇ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەرگەنىدى. كۆپچىلىك جىددى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا يۈرگەنلىرىدە، رۇبا خانىم ئۇلارنىڭ قورسىقىنىڭ غېمىنى قىلاتتى. رۇبا خانىمنى شىركەتتىكى ھەممەيلەن ھۆرمەت قىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا رۇبا خانىم بۇ شىركەتتە كېيىنچە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

    ئۇ چاغلاردىكى بېل گايتىس ئىنتايىن ياش بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ خېرىدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۈستى-بېشىغا دىققەت قىلمايتتى. شۇڭا بەزىدە خېرىدارلىرىدا، ئالدامچىمىدۇر؟ دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قوياتتى. بەزى خېرىدارلار ھەتتا شىركەتكە تېلىفون قىلىپ، بېل گايتىسنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەتتى. بۇنداق چاغلاردا، رۇبا خانىم ئىنتايىن سەۋرچانلىق بىلەن ئۇ كىشىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرەتتى. 20 ياشلىق بىر ياش باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلمەي قالغاندىمۇ، بۇ 40 ياشلىق ئايالنىڭ چۈشەندۈرۈش سۆزلىرى كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلاتتى.

    كېيىنچە مىكرو سوفېت شىركىتى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ كېڭەيدى. شىركەتنىڭ ئورنىمۇ ئەسلىدىكى كىچىك بازاردىن ئامېرىكىدىكى سېئاتېلغا يۆتكەلدى. ئەمما رۇبا خانىم يولدىشى سەۋەبلىك ئەسلىدىكى كىچىك بازاردا قېلىپ قالدى. بېل گايتىس كېتىشتىن بۇرۇن رۇبا خانىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە: «مىكروسوفېتنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق!» دېدى.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھايات يەتتە ھېكايە