«ئىدىيەنى ئازات قىلىش»نى باھانە قىلىپ ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرگەن كىملەر

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-23 15:00:14

«ئىدىيىنى ئازات قىلىش»نى باھانە قىلىپ ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرگەن كىملەر، ئۇ؟سى مانەنبوزقىر تەرجىمىسى2008-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى«جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ «تەكلىماكان قۇملۇ...

    «ئىدىيىنى ئازات قىلىش»نى باھانە قىلىپ ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرگەن كىملەر، ئۇ؟
     سى مانەن
    بوزقىر تەرجىمىسى

     

    2008-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى«جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشتا تېخىمۇ دەب-دەبە قوزغاش مەقسىدىدە مەدەنىيەت ئەرباپلىرى (جاڭ شىيەنلىياڭ،لىياڭ ۋېنداۋ،جۇ گوپىڭ،يى جوڭتىيە،مو يەن،ۋاڭ شىياۋمىڭ،بەي يەنسوڭ،ئەي ۋېيۋېي،چېن دەنچىڭ،ۋاڭ شاۋخۇي قاتارلىقلار )نى ئىزدەپ ،ئۇلاردىن قوللاشنى تەلەپ قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن يازغۇچى جۇ تاۋنى تېخىمۇ «ئىچكىرلەپ زىيارەت قىلدى» .«جەنۇب ئازنىسى»گېزىتىنىڭ ئۇستىلىق بېلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە جۇتاۋ مەسئۇلىيەتسىزلىك بېلەن ئەسلى پىلاندا يوق بولسىمۇ ئەمما بەزىلەر ئىنتايىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھالقىلىق مەسىلە- «ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن يۆتكەپ،شىنجاڭدىكى قۇملۇققا ئاپىرىۋېتىش... تەكلىپى» نى ئوتتۇرغا قويدى. «جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى گېزىتكە جۇتاۋ بېلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ « جۇتاۋ ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش تەكلىپىنى بەردى» دەپ «ئوبىيېكتىپ»چانلىق بېلەن خەۋەر بەردى.

     

      مۇشۇنداق كاتتا پىلاننى تۈزگۈچىلەر ئاڭلىماققا شۇنداق يېقىشلىق بولغان «دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا كىممۇ ۋەتەننى پارچىلىۋېتەلىسۇن؟ باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىق كېرەك» دېگەن سەۋەبنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى.

     

      ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى نېمىشقا بىرىنچى بولۇپ تىيەنئەنمىندىن يۆتكەش لازىم بولۇپ قالدى؟جۇتاۋ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىن شەرھىلەيدۇ:

     

    1-، خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سېياسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.

     

    2-، ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.

     

    3-، خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىدىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خاندانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.

     

    4-، بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟

     

    5-، بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟ 

     

    ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى شىنجاڭنىڭ قۇملۇقىغا يۆتكەش؟ ۋاھ،مەن ئۇلارنىڭ قالتىس ئىجادىي تەپەككۇرىغا قول قويدۇم.  ئۇلارنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىدىن ئۆرگىلەي،ئۇلارنىڭ دىتسىزلىقى ۋە قاپ يۈرەكلىكىدىن تېخىمۇ ئۆرگىلەي .بۇ ئىجادكارلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇمكى، ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش ئىشىدا گەرچە «مۇمكىنچىلىك بەك ئاز» بولسىمۇ ئەمما ئۇلارچە بولغاندا «بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋال ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ،  كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق. شۇڭا ئۇلار قەتئىي نىيەت بېلەن «مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنىمۇ ئويلىماي قالماپتۇ» -دە.

     

      بىراۋلارنىڭ «ئىدىيىنى ئازات قىلىش» ئىرادىسى نېمىدىگەن قۇدرەتلىك ھە،ھەتتا  «قىلغىلى بولىدۇ ،قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي قارا-قويۇقلا چوقۇم قىلىش كېرەككەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىرادىسى نېمىدېگەن مۇستەھكەم،نىيىتى نېمىدېگەن دۇرۇس-ھە؟ئۇلارنىڭ قۇملۇق كەسپىنى ئېچىشتىكى ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش پىلانىنى زادى قانچىلىك ئادەم قوللار؟ بۇ جەھەتتە ئۇلاردىمۇ تۈزۈك ئىشەنىچ يوق.لېكىن ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن تورداشلار تەھلىل قىلغاندەك ئۆز ساداسىنى يەتكۈزدى.ئۇلار مۇراد-مەقسىدىگە يەتتى.ئۇلارنىڭ ساداسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەلقى ئالەمگە تارقىلىپ، زور نەتىجە قازىنىپ، باسقۇچ خارەكتىرلىك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

     

    «جەنۇب ئازنىسى»گېزىتىدىن باشقا ھېچقانداق بىرەر ئاخبارات ۋاستىسى بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىدى، ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ زۇۋان سۈرمىدى. جاڭ شىيەنلىياڭ،لىياڭ ۋېنداۋ،جۇ گوپىڭ،يى جوڭتىيە،مو يەن،ۋاڭ شىياۋمىڭ،بەي يەنسوڭ،ئەي ۋېيۋېي،چېن دەنچىڭ،ۋاڭ شاۋخۇي قاتارلىق زىيارەتنى قوبۇل قىلغان زەكىلەرنىڭ ئەپتىدىنمۇ «جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى بازارغا سالغان ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەش پىلانىنى قوللاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.پەقەت پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:«جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلغە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ- يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.» دەپتۇ.

     

    ئەمما، مۇئەللىپ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ. جۇ گوڭپىڭ ئەپەندى مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەندەك قىلىدۇ.ئۇنىڭغا پۇراتقۇچىلار تام تۈۋىدىن ھوشۇ قوپقاندەك گەپنى ئۇدۇللا دېگەن گەپ،مۇبادا ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەش ئىشىنىمۇ قوشۇپ دېگەن بولسا ئۇ يۇقۇرقىدەك گەپلەرنى قىلارمىدى؟

     

       بەزىلەرتېخى ئۆزىچە، «جەنۇب ئازنىسى»نى «راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان» گېزىت،دەپ ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ كېتىشىدىكەن. ھېچ چۈشەنمىدىم ئۇ كىملەر ئۈچۈن راسىت گەپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ راسىت گەپ قىلغانلىقىنى كىم ئىسپاتلاپتۇ؟ ئۇنداقتا، پەقەت«جەنۇب ئازنىسى»نىلا راسىت گەپ قىلغان بولسا ئۇلارغا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەندۇ؟ ئۇلاردىكى ئاتالمىش «جۈرئەت» نەدىن كەلگەن بولغىيدى؟ئۇلارنىڭ ئاتالمىش باتۇرلۇقىچۇ؟ مۇبادا «جەنۇب ئازنىسى»سىمان ئاخبارات ۋاستىسى ئاتالمىش راسىت گەپ قىلىپ جەمئىيەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسا باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى نېمىدەپ ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ؟ «تۈزۈلمىگە قارشى خەۋە»رلەر، «قىممەت قارىشىنى يېتەكلەيدىغان» بۇ ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ سىتراتېگىيسى قانداق قىلىپ راسىت سۆزلەشكە باراۋەر بولۇپ قالغاندۇ؟ «بىرنچى بولۇپ ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى قۇملۇققا يۆتكەش» مانا بۇ راسىت گەپ قىلغانلىقىما؟ ئۇنداقتا ئۇ كىملەرنىڭ راسىت گېپىدۇ؟ روشەنكى،بۇ پەقەت بەزىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-تىلەكلىرىدۇر خالاس.بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەر ئۇنى كۆپتۈرۈپ راسىت گەپكە ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. مۇبادا بۇنى راسىت گەپ دېسەك ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالجىشتىن نېمە پەرقى بولسۇن؟

     

       ھازىرلىقتا بىز شۇنىمۇ سورىماي تۇرالمايمىزكى، «راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان» «جەنۇب ئازنىسى»بۈگۈنكى كۈندە نېمىدەپ «بىرىنچى بولۇپ ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى قۇملۇققا يۆتكەش» ھەققىدىكى خەۋەر –ماقالىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بېلەن يىغىشتۇرىۋالىدۇ؟ يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بېلەن ئۈزىلىپ قالغان بولسا ئۇنى يەنە داۋاملاشتۇرسا بولىدىغۇ؟ قارىغاندا ئۇلار قوللىغۇچى تاپالماي يەككە يىگانە ھېلىم دىۋانە بولۇپ قالغان چېغى؟ ياكى بولمىسا جۇتاۋ ئەپەندى ئۇنداق دېمىگەن بولسا «جەنۇب ئازنىسى» ئۇنى ئويدۇرۇپ چىققانمۇ –يە؟....مانا بۇ ھەقتە «جەنۇب ئازنىسى»نىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئاز-تولا راسىت سۆزلەپ بېقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ قانداق؟

     

       يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى تەپەككۇر مەسىلىسىگە كەلسەك،شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىساد بېلەن بولۇپ كېتىپ بىمەھەل مۆجىزە يارىتىشقا سەل قارىغانلىقى(مۇشۇنداق تونۇشتىكى كىشىلەرنى ئاز دېيەلمەيمىز )نى ئاممىنىڭ ئېسىگە سالغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ھەم ئۇنى شۇ يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن پىكىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئەمما ،«جەنۇب ئازنىسى»نىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىپ ،ئۇنى بازارغا سېلىپ،داۋراڭ پەيدا قىلىشى ھەم باتۇرلۇق بېلەن خەۋەر قىلىپ ،جامائەت پىكرىنى ماۋزېدوڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ ،ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ كېتىشكە چاقېرىق قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتقا چۈشەنچە بېرىشكە ئامالسىزمىز.

     

       بىراۋلارنىڭ قۇملۇق ئىقتىسادى،قۇملۇق ساياھىتى،قۇملۇق كەسپى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق قالپاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» دېگىنىمۇ قۇرۇق گەپ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان.ئۇنداقتا،مۇشۇ بويىچە چۈشەنگەندە ، ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدى يۆتكىۋېتىلسىلا سېمۋوللۇق خاراكتىرگە ئىگە بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ مۇبادا راستىنلا يۆتكىۋېتىلسە بەزىلەرنىڭ پاقىسى قانارمۇ؟ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالىغانمىدۇ؟ئۇلار ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ كەتكەن بېلەن ماۋجۇشىنىڭ بايرىقىنى 1مىليارىت300مىليون خەلقنىڭ داۋاملىق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

     

      بەزىلەر جۇڭگونىڭ ھازىرقى سېياسىيسىغا باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلمەكتە،ئۇلار پۈتۈن كۈچى بېلەن «ماۋزېدوڭسىزلاشتۇرۇش» قا تىپىرلىماقتا،ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بىر قاتار قىلمىشلارغا ماسلاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئېھتىمال يېقىنقى يىللاردا يۈز بېرىۋاتقان «رەڭلىك ئىنقىلاپ»  ھەركەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.

     

      شۈبھىسىزكى،ماۋزېدوڭنىڭ روھى مىراسلىرى بۈگۈنكى سوتسىيالىزىمنىڭ قىممەت سىستېمىسى بېلەن بىردەكلىككە ئىگە.شۇڭا ئۇلار ماۋزېدوڭنىڭ بايرىقىنى يىقىتىشنىلا ئويلايدۇ.چۈنكى، ماۋزېدوڭنىڭ بايرىقى جۇڭگودا رەڭلىك ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ توسسالغۇدۇر. ماۋ زېدوڭغا زادى قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىدە سان بار.دېڭ شىياۋپىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن ھەم پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ موھىم تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى»دا ماۋزېدوڭغا ئوبىيېكتىپ ھەم ئادىل باھا بېرىلگەن.سوتسىيالىزىم ئىشلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ماۋزېدوڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ماۋزېدوڭنىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ھېس قىلىپ يەتمەكتە.


    مەنبەسى:  http://blog.sina.com.cn/s/blog_4d884eb901009yim.htm

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.