مۇنچا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-09 18:33:09

كىيىم ئىشكاپىنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچ بېغىنى بېغىشىمغا ئۆتكۈزەي دەپ تۇراتتىم. بىرسى پاققىدە قىلىپ ئوڭ مۈرەمگە ئۇردى.

     
    مۇنچا
     
    ئاپتورى: مويەن
    ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
     
      كىيىم ئىشكاپىنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچ بېغىنى بېغىشىمغا ئۆتكۈزەي دەپ تۇراتتىم. بىرسى پاققىدە قىلىپ ئوڭ مۈرەمگە ئۇردى.
    - بۇرادەر، سەن چوقۇم مېنى تونۇمىدىڭ!- دېدى ئۇ.
    قارىسام تاقىر باش، يۇندا كۆز، شوخلا بۇرۇن، ئىككى تال يالغان چىشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، بويۇن تېرىلىرى ساڭگىلاپ گېنېرالچە قورساق سالغان، ھېلىقى بىر نېمىسى سالپايغان، ئىنچىكە ئەگرى پاچاق ئادەمكەن.
    - سەن چوقۇم مېنى تونۇمىدىڭ، بۇرادەر، ئېسىڭگە ئېلىپ باقە!
    مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىماقچى بولدۇم-يۇ، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم.
    - ئا بىر نېمەڭنى لۆڭگە بىلەن ياپ، بولمىسا تونۇيالمايدىكەنمەن،ـ دېدىم مەن.
    ئۇ كۈلدى، ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلگەن شياۋلىياۋمۇ كۈلدى. ئۇ لۆڭگە بىلەن ئاستى تەرىپىنى ياپقاچ كۈلۈپ كېتىپ:
    - ئەمدى تونۇيالىدىڭمۇ؟-دەپ سورىدى.
      ئۇنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىدىم، 30 نەچچە يىل ئالدىدىكى بىر ياش بالىنىڭ چىرايى ئۇنىڭ قېرى چىرايىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ چىقتى.
    - دۇڭ جياپۇ!- توۋلىۋەتتىم مەن.
    - بۇرادەر، كۆرۈشمىگىلى 38 يىل بوپتۇ!
      دۇڭ جياپۇ مېنىڭ پاختا زاۋۇتتا ئىشلىگەن ۋاقتىمدىكى ئىشدىشىم ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ رەسمىي ئىشچى، مەن ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ سالاھىيىتىمىز كەسكىن پەرقلىنەتتى. لېكىن ئۇ ئاتىكاچىلىق قىلماي مەن بىلەن ئاغىينە بولغان ئىدى. ئۇ جى فامىلىلىك بىر قىز بىلەن پاختا دۆۋىسى ئىچىدە يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا مەن تاساددىپى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۇ ماڭا بىر قاپ تاماكا بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشۈنۈپ ئۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغان ئىدىم. مەن ئەسكەرلىككە ئۆتۈپ پاختا زاۋۇتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ يەنە بىر قاپ تاماكا بىلەن مېنى ئۇزىتىپ، ئىستىقبالىمنىڭ پارلاق بولىشىنى تىلىگەن ئىدى.
    ئۇ بېلىدىكى لۆڭگىنى ئېلىۋېتىپ سول قولىدا ئۇنى سۆرەپ، ئوڭ قولىدا بېغىشىمنى چىڭ تۇتقان ھالدا قىزىق ھور ئۆرلەپ تۇرغان سۇنى شالاپشىتىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
    - بۇرادەرلەر، قاراڭلار كىم كەپتۇ؟!- دېدى ئۇ.
      سۇ كۆلچىكىنىڭ كۆلىمى ئادەمنى بىرئاز ئەنسىرىتەتتى، كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى فونتاندىن سۇ ھەرخىل شەكىلدە ئېتىلىپ چىقاتتى. مەن جىنەندىكى ئارىشاڭ بۇلاقنى، يەنە يۇەنمىڭ بېغى ئىچىدىكى داڭقان مۇنچىنى ئېسىمگە ئالدىم. سۇ پۇرقۇپ چىقىرىدىغان داڭقان مۇنچا بىلەن بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى تەڭلا كۆيۈپ ھالاك بولغان ئىدى. قەدىمكى رىمنىڭ كۆرۈنىشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولغان مۇنچا خارابىسىمۇ ئادەمگە ئەينى دەۋردىكى سەلتەنەتتىن ئۇچۇر بېرەتتى. كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىدا 10 نەچچە باش تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ بىز تەرەپكە قارىدى.
    - يازغۇچى!
    - بۇرادەرلەر!
    - كېلە، كېلە!
      سۇنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇردۇم. سۇ بىرئاز قىزىق بولۇپ تېرەمنى ئېچىشتۇرۇپ كۆيدۈرەتتى. چىدىدىم. مېنىڭ « قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش» دېگەن نەسىرىمنى كۆرگەن بۇرادەرلەر چوقۇم مېنىڭ 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ناھىيە مۇنچىسىنى تەسۋىرلەپ يازغىنىمنى ئەسلىيەلەيتتى.
      مەن ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقاندا سۇدىن بولدۇق-بۇلدۇق قىلغان ئاۋاز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ توۋلاپ بىرسىدىمۇ خاتالاشمىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاختا زاۋۇتتىكى ئىشداشلىرىم بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك سەمرىپ قورساق سالغان ئىدى. مەن ئۆزەمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم، ئۇلار ئەلۋەتتە مېنىڭ نېمىگە كۈلگىنىمنى بىلمەيتتى.
    - شۇنچە ئۇزاق كۆرۈشمەي يەنە بىزنى ئۇنتۇپ قالماپسەن!
    - تېخى بىرىمىزنىمۇ خاتا چاقىرمىدىڭ!
    - تالانت-دە بۇ، تالانت!
    - قۇرۇق گەپ،- دېدىم مەن.
      ئارقىدىن ھەممىمىز سۇ كۆلچىكىنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بەدىنىمىزدىكى ھۆللۈكنى لۆڭگە بىلەن سۈرتكەچ پاراڭلاشتۇق.
    - بۇ دوپپامدەك ناھىيە بازىرىمىزدا بۇنچىلىك ھەشەمەتلىك مۇنچا بار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن،- دېدىم مەن.
    - بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىدىن بىرسى بار!
    -«قارشى قىرغاقتا»
    -«رىمدىكى ئىسسىق بۇلاق» مۇ يامان ئەمەس.
    -بىراق ئۇ جاي ئانچە دۇرۇس ئەمەس، ئاڭلىسام پىچەتلىۋېتىپتۇ.
    - بىز دۇرۇس ئەمەس جايغا بارمايمىز.
    - مەن باراتتىم، لېكىن پۇلۇم يوق-تە.
    - بىز ھەممىمىز مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۇيۇنىمىز.
    - ھەممە مۇنچىخانىدا كۈن نۇرى ئېنېرگىيىلىك ئىسسىتقۇچ بارمۇ؟- سورىدىم مەن.
    - ئۇ نەرسىدە يۇيۇنسا ئادەم پۇخادىن چىقمايدۇ، يەنىلا چوڭ كۆلچەكتە يۇيۇنغان ياخشى.
    - بۇرادەرلەر ھەقىقەتەن يايراشنى بىلىدىكەنسىلەر جۇمۇ،- دېدىم مەن.
    - ھەممىمىز ئارامغا چىقتۇق، - دېدى دۇڭ جياپۇ،- يايرىغۇدەك پۇرسەت بولسىلا يايراش كېرەك.
    - يېرىم ئايدا بىر كېلىمىز، لاۋدۇڭ قىسقا ئۇچۇردا ئۇقتۇرىدۇ.
    -يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تاماق يەيمىز، ئىچىمىز، ئاندىن بىردەم ئۆتكەننىڭ پارىڭىنى قىلىشىمىز. بىر قېتىم جەم بولساق خوتۇنۇڭدىن ناھايىتى بىر كۈن ئاجرايسەن دەپ قويىشى بار بۇ لاۋدۇڭنىڭ.
    - لاۋدۇڭ بىزنىڭ رەھبىرىمىز.
    - سىلەرنىڭ يۇيۇنۇشۇڭلارغا رەھبەرلىك قىلىدىكەن-دە.
    - بۇرادەر، سەن ئەجەب ئاقكەنسەن-يا؟ ئاپئاق يۇمران تېرىلىرىڭ بەئەينى خوتۇن كىشىنىڭ بەدىنىگىلا ئوخشايدىكەن،-دېدى چار ساقال لو رېنگۈي.
    - ئۇ ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق ئاق.
    - شۇنداق بولمىسا شياۋسەي ئۇنى يارىتامتى.
    - بىراق، ئاڭلىشىمچە سەن باشتا خوپوئېرنى قوغلىشىپتىكەنسەن، شياۋسەي ئارقىلىق مۇھەببەت خېتى ئەۋەتىپتىكەنسەن، لېكىن خوپوئېر ئۇنىمىغاندىن كېيىن خېتىڭنى شىدوغا ئاپىرىپ بېرىپتىكەنغۇ.
    - قىپقىزىل يالغان گەپ،- دېدىم مەن.
    -ئۆتكەن ئايدا خوپوئېرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، نەنخۇ كۆلىدە نەۋرىسىنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋېتىپتىكەن.
    - بۇرۇنقىدەك تۇرۇپتىمۇ؟- سورىدىم مەن.
    - مۈكچىيىپ قاپتۇ، پۇتى ئاقسايدىكەن.
    - كېيىن ئۇ كىمگە تەگكەن ئىدى؟
    - جياڭجۇاڭ يېزىلىق تەمىنات كوپىراتىپىدىكى بىر مۇئاۋىن مۇدىرغا تەگكەن، ئۇنىڭ پۇتى بىرئاز توكۇر. ھازىر ئۇلارمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ شەھەرگە يېنىپ كىردى.
    - ئاڭلىسام ئۇ بەك ئەسكى گۇيكەن، خوپوئېرنىڭ پۇتىنى شۇ ئۇرۇپ ئەيىبناق قىلىۋېتىپتۇ.
    - ئەركىشىمۇ شۇنداق بولامدۇ!- دېدىم مەن ئەپسۇسلىنىپ.
    - ئۇ كۈنى ئۇ بىچارە ماڭا دەردىنى تۆكۈپ: « تەلىيىم يوقكەن، ئەينى چاغدا ليۇ توكۇرنى رەسمى ئىشچىكەن، كىچىك بولسىمۇ كادىر ئىكەن دەپ ... لوق گۆشنى شياۋسەيگە ئۆتۈنۈپ بېرىپتىكەنمەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ كەتتى.
    - بۇرادەرلەر، قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، سېمىز گۆشنى كىم يەيدۇ.
    - ئەينى چاغدا ھەممە ئادەم سېمىز گۆش يىيىشكە ئامراقتىغۇ، كىمگە ئورۇق گۆش بەرسەڭ شۇ خاپا بولاتتى،- دېدى ئەينى چاغدىكى ئاشپەز جياڭ داتيەن،- لاۋسۈن بىلەن لاۋگو دېگەن ئىككى باشلىق كەلگەندە ئۇلارنىڭ قاچىسىغا ساپلا ياغ ئايرىپ بېرەتتىم.
    - سەن ئىزچىل ئۇلارنىڭ ساغرىسىنى يالاپلا كەلدىڭ،- دېدى ئەينى چاغدىكى چىگىت ئايرىش سېخىنىڭ باشلىقى خۇا جيەن.
    - موماڭنىڭ ئوسۇرۇقىنى پۇراشنى بىلە ۋاي!
    - رەھبەرنىڭ ساغرىسىنى يالاش بەك شەرەپ ئىشقۇ، نېمىگە خىجىل بولاتتىڭ.
    - ئاغزىڭنى يۇمە! بىكار سېنى سۇغا پىشىپ ئۆلتۈرۈپ قويماي!
    - ھەددىڭمۇ! قول سېلىپ باقە قېنى، كۆزى ئاسمانغا بولۇپ قالىدىغىنى مەن ئەمەس چوقۇم سەن.
    ھەر ئىككىسى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىگە ھۈرپىيىشتى. جاڭ داتيەن ئالقىنىغا بىر ئۇچۇم قىزىق سۇنى ئېلىپ خۇا جيەننىڭ يۈزىگە چاچتى.
    -ۋۇي، راست شىلتىڭ ئېتىۋاتىسەنغۇ!- دېدى خۇا جيەن ھەمدە قوش قوللاپ سۇ ئېلىپ ئۇمۇ جياڭ داتيەننىڭ يۈزىگە چاچتى.
    ئىككىيلەن كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، بېشىنى قىيپاش قىلغىنىچە سۇ چېچىشىپ ئاخىرى پومىداقلىشىپ كەتتى، لېكىن كۈچى تەڭ كېلىپ قېلىپ، بىر دەم خۇا جيەن جياڭ داتيەننى سۇغا باسسا،يەنە بىردەم جياڭ داتيەن خۇا جيەننى سۇغا باستى.
    باشقىلار باشتا كۈلۈشۈپ، كېيىن كۈلمىدى.
    مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتمەكچى بولدۇم.
    - كارىڭ بولمىسۇن،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- بىزگە بىكارلىق ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتىدۇ.
    - قېرىغاندا سەت تۇرىدىكەن،- دېدىم مەن.
    - بەزى ئادەملەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدۇ.
    - قىپيالىڭاچ بولىۋېلىپ سۇ چېچىشىش كىچىك بالىلارغا ياراشقان بىلەن ئىككى چوپچوڭ ئادەم بۇنداق سۇ ئۇرۇشى قىلىپ يۈرسە بەك سەت تۇرىدىكەن.
    - ئۇلار ساڭا ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتىدۇ!،- دېدى دۇڭ جياپۇ، - ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ يازە.
    - بولىدۇ، ئۇلارنى يازاي،- دېدىم مەن.
    ئۇچىسىدا كالتە كۇساردىن باشقا ھېچنېمە يوق بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ توۋلىدى:
    - تاغىلار، ئۇرۇشماڭلار.
    - ئۇلارنى ئاجرىتىۋېتىڭ،- دېدىم مەن.
    - تاغىلار، ئۇرۇشماڭلار، دېرىكتور كۆرۈپ قالسا مۇكاپات پۇلۇمنى تۇتۇۋالىدۇ!
    خۇا جيەن جياڭ داتيەننىڭ بوينىدىن سىقىپ بېشىنى سۇغا باستى.
    -خەپ، ساڭا كاسامنى سۆيدۈرمىسەم، كاسامنى سۆيدۈرمىسەم!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
    جياڭ داتيەننىڭ بېشى سۇدىن لوڭڭىدە كۆتۈرۈلۈپ، قولىنى قالايمىقان شىلتىغىنىچە قېقىلىپ ھۆتىلىپ كەتتى.
    - ماۋۇ قارا توخۇ موگو شورپىسىنىڭ تەمى قانداقكەن؟- دەپ سورىدى خۇا جيەن كۈلگىنىچە.
    جياڭ داتيەننىڭ قالايمىقان ئاتقان مۇشتى گالاچچىدە قىلىپ خۇا جيەننىڭ بۇرنىغا تەگدى. خۇا جيەن قولىنى قويۇپ بېرىپ بۇرنىنى تۇتتى. بارماقلىرى ئارىسىدىن قان تامچىلاپ سۇغا چۈشتى.
    - تاغىلار، سىلەر بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىۋەتتىڭلار!- دېدى يىگىت ھەمدە كىيىم ساقلاش ئۆيىدىكى مۇلازىمەتچىگە توۋلىدى:- تېز بېرىپ دېرىكتورنى چاقىرىپ كەل!
    كۆپچىلىك بىر-بىرلەپ سۇ ئىچىدىن ئۆرە بولۇشتى.
    ئۇ ئىككىيلەن يەنە سوقۇشۇپ كەتتى، مەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ دېدىم:
    - ئاغىينىلەر، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى، يۈزۈمنى قىلساڭلارچۇ، كەچتە مەن مېھمان قىلاي!
    - شياۋگۇەننىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسامچۇ، سېنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قوياتتىم!- دېدى خۇا جيەن.
    - بۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ؟ ئىككى تامچە ئىت قېنىڭ پۈتۈن كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغاپ بولدى،- دېدى جياڭ داتيەن.
    - بولدى ئەمدى! ئويۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن!- دېدى دۇڭ جياپۇ.
    قولىدا سۆزلىشىش ئاپاراتى كۆتۈرىۋالغان، ئۇچىسىغا كەسپىي فورما كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر، ساقچى كالتىكى كۆتۈرىۋالغان ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈگۈرگىنىچە بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.
    - نېمىش بولدى؟
    - ھېچ ئىش بولمىدى، بىر دەم ئوينىشىپ قويدۇق!
    - ئەگەر يەنە جېدەل قىلىدىكەنسىلەر مەن سىلەرنى قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان دەپ جاكارلايمەن جۇمۇ.
    - نېمە دەۋاتىسەن ھوي؟- دېدى دۇڭ جياپۇ،- كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ كىملىكىمىزنى بىلىۋال جۇمۇ!
    - كىم بولۇشىڭلاردىن قەتئىنەزەر كۆل ئىچىدە ئۇرۇشساڭلار بولمايدۇ-دە. تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالساڭلار ياكى بوينۇڭلار قايرىلىپ، بېشىڭلار يېرىلىپ كەتسە بۇنىڭغا كىم ئىگە؟
    - ھەي سولتەك، بۇ گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى؟- دېدى دۇڭ جياپۇنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ، يېشىڭغا باقساڭ بىزنى بوۋا دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ، بوۋاڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار شى ليەنچېڭ مەن زاۋۇت باشلىقى بولغان مەزگىلدە بىر رېمونتچى ئىدى. ئۇ كېچىلىك سېمىنا ۋاقتىدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا تاماكا چېكىپ پۈتۈن پاختا زاۋۇتقا ئوت قويۇۋەتكىلى تاس قالغان، ئۇنىڭغا جازا بېرىدىغان ۋاقتىدا ئانىسى ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا تىزلىنىپ يالۋۇردى، مېنىڭ ئىچىم ئاغرىپ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بەردىم! ئۇنىڭ ئانىسى مەن بىلەن بىر كەنتتىن، ئۇنىڭ فامىلىسىمۇ دۇڭ، قانداقلا بولمىسۇن 70 پۇشتۇم ئىچىدىكى بىر ھەدەم. ئىشەنمەمسەن؟ ئىشەنمىسەڭ خوجايىنىڭنى چاقىرىپ كەل، ئەگەر ئۇ مېنى تاغا دەپ چاقىرمىسا ئىككى قۇلىقىنى كېسىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن!
    دېرىكتور ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ غىمىسسىدە كەتتى.
    - ھازىرقى دەۋردىچۇ،- دېدى دۇڭ جياپۇ كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىغا چىقىپ قولىنى شىلتىغان ھالدا،- پەسكەشلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئالىيجانابلار خارلىنىۋاتىدۇ! سىلەرچە شى ليەنچېڭ قانچىلىك بىر نېمە ئۇ؟ ئۇنى دىزېل ماتورغا قارىغىلى قويسام دىزېل ماتورىنىڭ ماي ساندۇقىغا سىيىپ قويۇپ ماتور ئىس قويۇپ بېرىپ پارتلاپ كەتسىمۇ نومۇس قىلماي دۆلەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە تېجەپ بەردىم دېگەن نومۇسسىز گۇي ئۇ. ئۇنى پاختا ئوراشقا قويسام بىر مۈشۈكنى پاختىنىڭ ئىچىگە سېلىپ پىرىسلاپ قېنىنى ئاققۇزۇپ ئايال ئىشچىلارنى قورقۇتۇپ، جان- پېنىنى چىقىرىۋەتكەن. مەن ئۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھازىر ئويلىساممۇ نومۇسۇم كېلىدۇ، قورققىنىمدىن ئىشتىنىمغا سىيىۋەتكەن ئىدىم! يەنە بۇ ئىشمۇ بولغان، 2- پاختا زاۋۇتىدا بىر پاختا ئوراش ئىشچىسى ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان ئىكەن، نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈۋالغىلى كەلگەن ئىشچىنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماپتۇ، رۇبىلنىك بېسىلىشىغا ماشىنا گۈلدۈرلەپ ئايلىنىشقا باشلاپتۇ، ساندۇقنىڭ يېرىقىدىن قان تەپچىرەپ چىقىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ مەن ئىشتىنىمغا سىيىۋەتتىم، لاۋيۈ، يۈ مىڭلياڭ، سەن تونۇيسەن، ئۇ ماڭا ئورۇنباسار بولۇپ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك يېنىپ، چىشلىرى چىڭ كىرىشىپ، كېسىلى تۇتۇپ قالدى. بىراق شى ليەنچېڭ دېگەن سولتەك بىر چەتتە تۇرۇپ ئاغزىنى تۇتقىنىچە ھە دەپ كۈلگىلى تۇردى. مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ ئاغزىمنى بولىشىغا قويۇۋېتىپ شى ليەنچېڭنى تىللاپ كەتتىم. «ئاناڭنى!...» دېسەم ئۇ: «تاغا، مېنىڭ ئانام سېنىڭ ھەدەڭ ئەمەسمۇ» دېمەسمۇ، ئاناڭنى! شۇنىڭ بىلەن ئاغزىم تۇتۇلۇپ قېلىپ باشقا گەپ قىلالمىدىم. ئۇ مۇشۇنداق يامان سولتەك، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ دېڭىزغا چۈشتى، باشتا شەھەرلىك كوپېراتىپنى ھۆددىگە ئالدى، كېيىن ئاشخانا ئاچتى، دېسكوخانا ئاچتى، بىر نەچچە يىل جاپا تارتىپ مىلياردېر بولدى. ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى ھەممە چوڭ ماگىزىن، مونچا، دېسكۇخانىلار ئۇنىڭ. نەنخۇ باغچىسىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يېڭى ئېچىلغان «يۇندۇ خەلقئارا قاۋاقخانىسى» مۇ ئۇنىڭ، 5 يۇلتۇزلۇق، ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى زۇڭتۇڭ ئايرىمخانىسى بار ئىكەن، تازىلىق ئۆيىدىكى جۈمەكلەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ياسالغان ئىكەن. مېنىڭ ئىككىنچى كۈيئوغلۇم ئۇ يەردە ئاشپەز، مەخسۇس بېلىق ۋە قۇش گۆشى قورۇمىلىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل.
    - يېرىم كۈن كاسىلدىدىڭ، لېكىن ئۆزۈڭ يالغۇز پەرزەنت سىياسىتىنى ئىجرا قىلماپسەنغۇ!
    - ھېچقايسىمىز سەندەك ئەخمەق ئەمەس!-دېدى دۇڭ جياپۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇن باقىمىز، ۋەزىيەت سەل ئوڭشالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئاشكارىلايمىز. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار، لاۋجياڭنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار، لاۋخۇا ئەڭ يۈرەكلىك، ئىككى قىز، بىر ئوغلى بار، ئىككىنى ئارتۇق تۇغدى!
    - مېنى چىشلەپ تارتما! – دېدى خۇا جيەن بۇرنىنى قەغەز بىلەن ئېتىۋېلىپ خىڭىلدىغان ھالدا.
    شياۋلىياۋ ئۇقتۇردى، ساڭناغا بارىدىغان بولۇپ قالدىم.
    ئۇدا نەچچە كۈن يېزىقچىلىق قىلغان بولغاچقا دولام كۈيۈشۈپ ئاغرىپ، بېشىم قېيىپ كۆزۈم تورلىشىدىغان، تاپىنىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا شەھەردىكى بىر ئەمەلدار ئاغىينەم كاتىپى شياۋلياۋغا مېنى ساڭناغا ئاپىرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
    مەن ساڭناغا كىردىم، دۇڭ جياپۇمۇ كونا بۇرادەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەن بىلەن بىللە كىردى.
    شياۋلياۋ قىزىق تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ سۇ قۇيدى. شىرىلداپ چۈشۈۋاتقان سۇ ئىسسىق ھورغا ئايلىناتتى.
    دۇڭ جياپۇ تامدىكى تېرمومېتىرغا شۇنداقلا قاراپ:
    - ئاران 42 گىرادۇس. سوغۇق بولۇپ قاپتۇ، يەنە قايناقسۇ قوشۇش كېرەك!-دېدى.
    قىزىق ھور ئەتراپنى قاپلىدى، نەپەس ئالماق بىراز قىيىنلاشتى. بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلاتتى. خۇا جيەن بۇرنىنى تۇتقىنىچە قېچىپ چىقتى.
    - چوقۇم تەر چىقىرىپ...- دېدى دۇڭ جياپۇ،-بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش كېرەك!...شى ليەنچېڭ دېگەن بۇ سولتەك ماڭا ئاران 3 ئۈلۈش ھۆرمەت بىلدۈردى، نېمىلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ تاغىسى، زاۋۇت باشلىقى، شەپقەتچىسى ئەمەسمۇ. ئۇ ماڭا «تاغا پاختا زاۋۇتى يۈرىكىمنى زېدىلىگەن جاي، بۇ زاۋۇتنى سېتىۋالىمەن» دېدى، مەن «زاۋۇتنى سېتىۋېلىپ قانداق قىلىسەن؟» دېسەم، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇنچىخانا ئاچىمەن» دېدى. ئاناڭنى، ئۇ گەپنى مەن خام خىيال دەپ قاپتىمەن، لېكىن ئۇ بۇنى ناھايىتى تېزلا رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
    - بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇنچىخانا ئەمەسمىكىن.
    - سېنىڭ كۆرگىنىڭ بۇلا ئەمەستۇ؟ بۇ يەر دۇنيا بويىچە بىرىنچىمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ساڭا ئىنتايىن ئاسان سوئال،-دېدى دۇڭ جياپۇ.
    - ئەمەلىيەتتە،-دېدىم مەن،-مەنمۇ بىلمەيمەن، بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئىدارىنىڭ مۇنچىخانىسىدا يۇيۇنۇپ باققان ئىدىم، ھازىر مۇشۇ يەردە يۇيۇنىۋاتىمەن، بۇنداق ھەشەمەتلىك شاھانە مۇنچىخانىغا راستىنلا تۇنجى قېتىم كىرىشىم.
    - كەمتەرلىك قىلىۋاتىسەن-ھە،-دېدى دۇڭ جياپۇ،-مۇشۇنداق كەمتەر بولساڭ سەن يەنە ئالغا باسقۇدەكسەن!
    - مەنمۇ ئىنتايىن كەمتەر، لېكىن ئىزچىل ئالغا باسالمىدىم،-دېدى ئەينى چاغدىكى پاختا زاۋۇت قوغداش بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى ۋۇ كې.
    - ئاز قالدى، ئامەت قۇشى بېشىڭغا قوناي دەۋاتىدۇ، سەنچۇ قارا، مۇشۇ يەردىن غەربكە قاراپ ماڭ، 100 چاقىرىم نېرىسىدىكى يولنىڭ سىرتىدا بۇلۇتقا تاقاشقان بىر تۇرخۇن بار، سەن شۇ يەرگە كىرىپ ئۆمىلەپ ماڭساڭ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيسەن!- دېدى دۇڭ جياپۇ.
    كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.
    - مېنى جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا بار دېمەكچىمۇ؟-دېدى ۋۇ كې كۈلۈپ،-ئۇ يەرگىمۇ سەن ئاۋۋال بارارسەنمىكىن.
    - قايسىمىز باشتا بارىمىز، بۇنىڭدا تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنايلى،-دېدى دۇڭ جياپۇ،-ئەينى چاغدىكى مەشھۇر 1-پاختا زاۋۇتىنىڭ مۇنچىخانىغا ئايلىنىپ كەتكىنىنى ھەر بىر ئويلىسام زاۋۇت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەك ئازاپلىنىمەن!
    - لاۋدۇڭ، ياسالمىلىق قىلما!
    - ياسالمىلىق قىلمىدىم، مەن راستىنلا ئازاپلاندىم! ئەينى چاغدا، زاۋۇتىمىز يىلىغا 100 مىڭ دەن ساپ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەيتتى، چاۋشيەننىڭ پاختىغا ئېھتىياجى چۈشكەندە گوۋۇيۇەن ۋەزىپىنى بىزنىڭ زاۋۇتىمىزغا چۈشۈرگەن ئىدى، بىز كېچە-كۈندۈز ئىش قوشۇپ ئىشلەپ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ زۇڭلى جۇ ئېنلەينىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئىدۇق.
    - بۇ ئىشنى مەن يېزىپ رومانىمغا كىرگۈزگەن.
    - سېنىڭ ئۇ «ئاق پاختا» دېگەن پاخ-پاخ رومانىڭ ساپلا يالغان توقۇلما. تېرىقچىلىق ئىشنى كاۋىدەك يوغىنىتىپ يېزىپتىكەنسەن! بىراق يەنىلا ئاز-تولا رەھىم قىلىپتىكەنسەن.
    - لېكىن بۇ مېنى بىر لۈكچەك قىلىپ يېزىپتىكەن!- دېدى ۋۇ كې،-ئەگەر شۇ چاغدا لاۋ دۇڭ مېنى توسمىغان بولسا مەن سېنى ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلماقچى ئىدىم.
    - بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا پىكرى بار،-دېدى دۇڭ جياپۇ،-سېنىڭ قەلىمىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭدىن باشقا بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق.
    - بۇرادەرلەر، ھەقىقەتەن كەچۈرۈم سورايمەن! سىلەرگە باش ئۇراي، ئۇ دېگەن رومان، كۆپچىلىك ئۇنى ئۆزۈڭلەرگە ئېلىۋېلىپ ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇپ يۈرمەڭلار.
    - ئۇنى بىز ئۆزىمىزگە ئېلىۋالمىدۇق، سەن مېنىڭ ئېڭىكىمدىكى سېرىق تۈكنىمۇ يېزىپتىكەنسەن ئەمەسمۇ.
    - سېنىڭ كىندىك ئاستى سانجىق كېسىلىڭنى يازمىغىنىغا خوش بولە ۋاي.
    - ئاياللارنى يامان ئەمەس ئوخشىتىپتىكەنسەن، بولۇپمۇ خو پۇئېرنى بەك تەپسىلى يېزىپتىكەنسەن!
    - كەچتە سىلەرنى مېھمان قىلىمەن!- دېدىم مەن مۇنچىخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، لېكىن تېيىلىپ كېتىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالدىم.
    ئۇلار ئارقىمدىن قوغلاپ چىقىپ نەگە باشلايدىغىنىمنى قىزغىن سوراشتى.
    - يۈرۈڭلار، 3- قەۋەتكە چىقىمىز، ئۇ يەردە تاللا تاماقخانا بار. ئاسماندا ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە يۈگرەيدىغىنىنىڭ ھەممىسى بار،- دېدى دۇڭ جياپۇ.
    - چاتاق يوق، مەن مېھمان قىلىمەن.
    - كىم سېنى ساھىبخانلىققا تەكلىپ قىپتۇ؟ مەندە ئالماس كارتا بار،-دېدى دۇڭ جياپۇ،-بۇ شى ليەنچېڭنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كىچىككىنە ئىلتىپاتى.
    - نەدە مۇشۇنداق ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان ئىش بار،-دېدى جياڭ داتيەن،-بۇ يەردە سېنىڭ پېيىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
    - ئۇ ماڭا شىركەتكە كېلىپ خەت- چەك خىزمىتىنى ئىشلەپ بەر، ئېيىغا 3 مىڭ سوم بېرىمەن دېگەنىدى، لېكىن مەن كەسكىن رەت قىلدىم. مەن ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنچىلىك خارلىققا چۈشۈپ قالمىدىم، ئارامغا چۈشكەن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان ئىت بولامتىم؟ تۈفى! ئۇنىڭغا دېدىم: شى ليەنچېڭ، سەن سولتەك مېنىڭ شۇنچە شۆھرەتلىك 1- پاختا زاۋۇتۇمنى مۇنچىخانىغا ئايلاندۇرىۋەتتىڭ، سەن ھەقىقەتەن پەس نېمىكەنسەن! ئۇ نېمە دېدى دېمەمسىلەر، تاغا، بۇ يەرنى چوشقا قوتىنىغا ئايلاندۇرىۋەتمىگىنىمگە خوش بول. مەن ساڭا بىر ئالماس كارتىسى بېرەي. بارلىق چىقىمنىڭ 3 تىن 1 ئۈلۈشىگىلا پۇل تۆلەيسەن، قانچىلىك ئادىمىڭ بولسا شۇنچىنى باشلاپ كەل!
    - ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس،-دېدىم مەن كۆپچىلىككە.
    كۆپچىلىك لاۋدۇڭنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولماقچى بولدى.
    - ئەمەلىيەتتە بۇ لاۋدۇڭنىڭ داستىخىنى ئەمەس، بىز ئەسلىدىنلا بۇ زاۋۇتنىڭ ئادىمى تۇرساق، لاۋدۇڭ دېگەن بۇ كىسپۇرۇچ زاۋۇتنى سېتىۋەتتى،-دېدى خۇا جيەن غۇدۇراپ.
    3-قەۋەتتىكى تاللا تاماقخانىسىنىڭ زېلىدا دۇڭ جياپۇ بىلەن ئىككىمىز تاماكا چېكىپ ئولتۇردۇق. مېنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇرادەرلىرىم كۆز ئالدىمىزدا ھەر خىل تاماقلارنىڭ ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە. كۆپچىلىك بەل تاسمىسىنى بوشۇتۇپ ئەسەبىيلەرچە يېمەكتە، تا قورسىقى باداڭدەك پومپىيىپ كارت-كارت قىلىپ كېكىرگىچە...
     
    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنچا ئىشچى زاۋۇت