ئەڭ ئاخىرقى سودا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-28 17:51:00

سەھەر، شېغىل ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭغاچ: «كىم مېنى ياللايدۇ؟» دەپ توۋلىدىم. شاھ قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، ئېسىل شاھانە پەيتۇندا يېتىپ كەلدى.

     
    ئەڭ ئاخىرقى سودا
     
    رابىندرات تاگور (ھىندىستان)
    پانتېكىن ئەركىن تەرجىمىسى

     
    سەھەر، شېغىل ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭغاچ: «كىم مېنى ياللايدۇ؟» دەپ توۋلىدىم.
    شاھ قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، ئېسىل شاھانە پەيتۇندا يېتىپ كەلدى.
    ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ: «مەن ھوقۇقۇمغا تايىنىپ سېنى ياللايمەن» دېدى.
    لېكىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، شاھ پەيتۇنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.
     
    چۈش، پىژغىرىم ئىسسىق، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى يېپىق.
    مەن ئەگرى-بۈگرى تار كوچىلارغا كىردىم.
    بىر چال بىر خالتا تىللا ئېلىپ چىقتى.
    ئۇ ماڭا زەن سېلىپ قارىۋېتىپ: «سېنى پۇلغا ياللايمەن» دېدى.
    ئۇ تىللارلىرىنى بىر-بىرلەپ ساناشقا باشلىدى، لېكىن مەن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدىم.
     
    گۇگۇم چۈشتى، گۈللۈكنىڭ چىتلىقىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
    بىر گۈزەل چىقىپ: «مەن، كۈلكەم بىلەن سىزنى ياللايمەن» دېدى.
    ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇنۇكلىشىپ، چېھرى ياش بىلەن يۇيۇلدى؛
    گۈزەل تەنھالىق ئىچرە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، تۈن قاراڭغۇىسدا غايىب بولدى.
     
    كۈن نۇرى دېڭىز ساھىلىنى يورۇتۇۋاتاتتى، دېڭىز دولقۇنى ھەدەپ قىرغاققا ئۇرۇلۇۋاتاتتى.
     
    بىر شاكىچىك دېڭىز ساھىلىدا قۇلۇلە قېپى ئويناۋاتاتتى
    ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مېنى تونۇيدىغاندەك: «سىزنى ياللاشقا ھېچنىمە ئىشلەتمەيمەن» دېدى.
    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن بىر ئەركىن ئادەمگە ئايلاندىم!
     
    مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 5-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياللاش پۇل كۈلكە