ئەرنىڭ ئىپپىتى(موسا جارۇللا ھەققىدە ھىكايە)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 07:59:12

ئەرنىڭ ئىپپىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۆلىما ياشىغان بۇلۇپ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى ...

    ئەرنىڭ ئىپپىتى


       ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،  ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۆلىما ياشىغان بۇلۇپ،  بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ.  بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن،  قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم - دەرەم بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋاپتۇ.  بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي - ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كېتىپتۇ.  بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ. .. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ « ئۇھ. .. !!! » دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ.  شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن،  قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى - سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىقى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا :
    -- كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. .. بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم.  كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى،  سانى بۇخارا ئاتالغان ( يەنى،  ئىككىنچى بۇخارا ) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى.  بىلمىدىم،  بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بىرىشەرلىمىكىن ؟!. .. -- دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ كاتتىلاردىن.  كاتتىلار بولسا :
    -- ۋاي،  بولىدۇ. .. قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن !!!. .. -- دېيىشىپ،  موسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ. 
    موسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا،  قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل،  ئاجىز. .. نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز،  رۇس،  شىۋىت. .. يەنە ئامبال،  لويى،  دوتەي،  تەيتەي. .. دىگەن نىمىلەر ناھايىتى كۆرەڭ،  تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك.  ھەتتا , بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ مۈشۈكنى ئالدىدىكى ساچقاندەك لاغ - لاغ تىترەپ تۇرغىدەك.  بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا - ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ.  بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن،  ھېلىقى « كاتتىلار » :
    -- يا تەقسىر،  بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا ! -- دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ.  ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشنى توسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ :
    -- نىمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟!. .. -- دەپ سوراپتۇ.  « كاتتىلار » :
    -- بۇ كوچىغا پاھىشەخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار،  شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان.  بۇ يەر سىلى - بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس.  شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىكلىرى تۈزۈك دەپ توسۇپتۇ.  ئالىم بولسا گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن « كاتتىلار» مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.  ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا،  ئەپيۇنخانا،  قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەنىكەن.  ( ئەلۋەتتە،  بۇ يەردىكى پاھىشىخانا،  ئەپيۇنخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار ئىكەن.  )بىچارە ئۇيغۇر قىز - جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن.  بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ،  كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ كېتىپتۇ.  ئۇ بىر چەتتە،  چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ،  يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.  « كاتتىلار » نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا،  ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ :
    -- ئى بىچارە قىزىم.  نىمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز ؟!. .. -- دەپ سوراپتۇ.  مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ. 
    -- مەن *** يېزىسىدىكى *** دىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى *** بولىمەن.  مەن 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى.  بىز چۈإچۈرىدەك تۆت بالا قاراپ تۇرۇپ يېتىم قالدۇق.  دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا،  ھەم ئانا بۇلۇپ،  ھەم ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى.  ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ،  نومۇسىنى بۇلغاپتۇ.  بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى.  دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا،  يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ،  چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى.  بىز دادىمىزنى مىڭبىر - مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق.  ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ،  يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تېۋىپقا كۆرسەتتۇق.  داداممۇ ئاخىرى نىمجان بۇلۇپ ساقايدى.  ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دىدىلىما ؟!. .. ئۇرۇق - تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيدىلا ؟!. .. يۇرت كاتتىلىرى ؟!!! ھىھ !. .. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇلۇۋاتمامدۇ ؟!. .. دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى.  ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى.  ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بىر بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز - تىزى يوق يوقاپ كەتتى.  ئون - يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بۇيىدىن تېپىپ ئەپكېلىپ بەردى.  يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن.  جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن.  -- دەپتۇ ئېسەدەپ يىغلىغانچە.  ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ :
    -- ئى ناتىۋان قىزىم،  سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز ؟! -- دەپ سوراپتۇ.  جۇۋان :
    -- بەزىدە سالالايمەن.  بەزىدە سالالمايمەن.  -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.  ئالىم :
    -- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ.  -- دەپتۇ.  ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان « كاتتىلار » غۇلغۇلا قىلىشىپ :
    -- يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ , ئارقىدىن غۇسلى - تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يىزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار ؟!. .. ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ ؟!!! -- دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا.  -- ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ،  ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ.  -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھاماقەتلىكىگە ئېچىنىپ.  -- نىمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى ؟!. .. -- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،  ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت « ئاتا » لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى.  سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىقى قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىن ئەلۋەتتە سىلىگە يۈكلىنىدۇ. . .. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەريۇ،  ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى جالاپ خوتۇن دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر ؟!. .. شۇنى بىلشىڭلار كېرەككى،  ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلار مەجبۇرىيىتى ئەمەس،  بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى. .. بەلكىم،  سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر.  ناھايىتى ئەپسۇس،  سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن.  مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياغى بەزمە - زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار.  زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر - بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ،  ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار. .. تەييارلانغان نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى.  دەسلەپتە ئەل - يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.  لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،  ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن.  خەلق نامرات،  ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ.  ئىلاجسىز ئۈلۈۋېلىشقا،  ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ.  سىلەر بولسا سېسىق كېكىرىپ يۈرۇيسىلەر.  ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ.  بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ.  تائىپىلەر بولسا خۇددى تۇغما مۇشۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك خەلقنىڭ شىللىسىگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ.  مانا بۇ خورلۇق ئەمەسما ؟!!!. .. خىيال قىلىپ بېقىڭلار. .. سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن ؟!. .. سىلەر مۇشۇنداق غۇرۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا،  خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان.  شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى،  ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە.  كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ !!!. ..
      قەدىرلىك تورداشلار. .. ھېكايەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى.  سوغۇققانلىق بىلەن راۋۇرۇس ئويلاپ باقايلى.  « ئىپپەت » دىگەن زادى نىمە ؟!. .. ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم ؟!. .. بۇنىڭ جاۋابى ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئايدىڭ. ........

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.