ئەۋلاد بوشلۇقى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 13:48:15

ئەۋلاد بوشلۇقى ئەۋلاد بوشلۇقى مەسىلىسى ھەممە دەۋرنىڭ ئورتاق مەسىلىسسى بولۇپ، بۇ مەسىلە 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا غەربتە ئەۋج ئالغان، دەسلەپتە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى كۆپ بالىلىق بولغۇچىلا...

                                  ئەۋلاد بوشلۇقى

     

       ئەۋلاد بوشلۇقى مەسىلىسى ھەممە دەۋرنىڭ ئورتاق مەسىلىسسى بولۇپ، بۇ مەسىلە 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا غەربتە ئەۋج ئالغان، دەسلەپتە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى كۆپ بالىلىق بولغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئاتا- ئانىلىرى ئارىسىدىكى زور پەرق ۋە زىدىيەتلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان. بۇ خىل پەرق ۋە زىدىيەتلەر دۇنيا، ھايات ۋە قىممەت قاراشلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىدى. گەرچە ئەۋلادلار ئارىسىدىكى پەرقلەر تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق ئىلگىرىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

    بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى قانچە تېز بولسا، بۇ مەسىلىمۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئۈزۈلۈشلەرمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە شەكلى يەنە شۇ جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەرگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا بۇنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئايرىپ تەھلىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

    ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىمۇ 90- يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغان دولقۇنلىرىدا، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىلارنى ئىنكار قىلىش، يىپ- يېڭى ئېقىم شەكىللەندۈرۈش، ھەممىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىش خاھىشى كۈچلۈك گەۋدىلەنگەن ۋە پىشقەدەملەرنى ھەيران قالدۇرغان، قايىل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناش- ترانسپورت ئەسلىھەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئەسلىدىكى ئايرىم- ئايدىم بوستانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە كىىشلەرنى بىر- بىرىگە خېلى يېقىنلاشتۇردى ۋە ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش بوشلۇقىنى ھازىرلاپ ، ئەسلىدىلا سودا ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلار كۈنسېرى قولايلىىشۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ يۇرتلار ئارا بېرىش- كېلىشتە ئىلگىرى ھەر قانداق دەۋرىدىكىدىن زور ئەركىنلىككە ئېرىشتى. دېمەك، سودا ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىمۇ بۇ يۈزلىنىشنى تېزلەتتى. گەرچە بۇ جەريان ئەدەبىيات ساھەسىدە يۈز بەرگەن ھادىسىدەك كەسكىن بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ يىلدىن – يىلىغا ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىر كۈچىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇللىرى جەھەتتىمۇ خېلى پەرقلەر كۆرۈلدى.

    ئەۋلاد بوشلۇقىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئەۋلادنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتىگە چېتىلىدۇ. بىرى، ئەۋلادلارنىڭ ياش پەرقى ياكى بىئولوگىيىلىك تەۋەلىكى، يەنە بىرى، ئەۋلادلارنىڭ ئىجتىمائىي پەرقى ياكى ئىجتىمائىي تەۋەلىكى، مانا بۇ ئەۋلادلارنىڭ قوش تەۋەلىكىدۇر. ئەۋلاد بوشلۇقى دەل ئەۋلادلارنىڭ بىئولوگىيىلىك تەۋەلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەۋەلىكىنىڭ ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ.

    ھالبۇكى بۈگۈنكى غەربلىكلەر ئىچىدە نۆۋەتتە، بىزدە ئەۋلاد بوشلۇقى قالمىدى دەپ جاكارلىغۇچىلار چىقماقتا. مەسىلەن: ئۇلاردا ھازىرقى پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا- ئانىلار ئوخشاش مۇزىكا، مودا، سىياسەت، قىممەت ئېقىملىرىغا ئەگىشىدۇ. بالىلار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىلا چاقىرىدۇ. چۈنكى بۇ باراۋەرلىك، دوستلۇقنىڭ ئىپادىسى، بالىلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا دەپ قارىمايدۇ، روشەنكى بۇنىڭ نەتىنجىسى بەكمۇ يامان بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشى بىلەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەتتا بالىلارنىڭ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىشى، چوڭلارنىڭ جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا، لېكىن ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا بولمايدۇ. ئىككى ئەۋلاد ئارىسىدا چوقۇم ساغلام چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇشى، مەۋجۇت ئەۋلاد بوشلۇقىنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرى شۇ ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەۋلاد بوشلۇقى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇلاردىن بىرىنى ئىنكار قىلغانلىق يەنە بىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەۋرىدە چوڭلار ياشلاردىن ساغلام يېڭىلىقلارنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى، ياشلارمۇ چوڭلاردىن ساغلام يېڭىلىقلارنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى، ياشلارمۇ چوڭلاردىن ئېسىل ئەنئەنىلەرنى، قىممەتلىك ھايات ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەلىشى تولىمۇ زۆرۈر. شۇنداق بولغاندا جەمئىيىەتتە توغرا يولدا راۋاج تېپىۋاتقان بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.