ئۈلۈم ئەلچىسى

يوللىغۇچى : qunduz يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-12 23:35:00

 ئۈلۈم ئەلچىسى ئۆتمۈشتە بىر كىشى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن دوست بۇلۇپ قاپتۇ. ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا كەلسىلا، -مىنى يوقلاپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى جېنىمنى ئالغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ سورايد...

     ئۈلۈم ئەلچىسى

    ئۆتمۈشتە بىر كىشى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن دوست بۇلۇپ قاپتۇ. ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا كەلسىلا، -مىنى يوقلاپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى جېنىمنى ئالغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ سورايدىكەن.

    -        سېنى يوقلاپ كەلدىم، دەيدىكەن ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام.

    -        بىر كۈنى ھېلىقى كىشى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامغا : مەن سەندىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، دوستلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئەجىلىم توشقاندا جېنىمنى ئالغىلى كىلىدىغانلىقىڭنى ماڭا خەۋەر قىلىدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتسەڭ.

    -        چوقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن، دەپتۇ ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام.

    -        بىر كۈنى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام ھېلىقى كىشىنىڭ قېشىغا كەپتۇ.

    -        ئۇ كىشى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامغا مىنى يوقلاپ كەلگەنسەن ھەقىچان دەپتۇ .

    -        ئۇنداق ئەمەس، بۇ قېتىم جېنىڭنى ئالغىلى كەلدىم، دەپتۇ.

    -        مەن سەندىن جېنىمنى ئالغىلى كېلىدىغانلىقىڭدىن مېنى خەۋەرلەندۈرىدىغان ئەلچى ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنگەن ئىدىمغۇ، دەپتۇ.

    -        مەن دېگىنىڭدەك قىلدىم.

    -        قېشىمغا سەن ئەۋەتكەن ئۇ ئەلچى كەلمىدىغۇ؟

    -        كەلدى..... ئىلىپتەك قەددىڭ يادەك ئىگىلدى. قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىڭ ئۇچتەك ئاقاردى. گۈلدۈرمامىدەك چىقىدىغان ئۈنۈڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. شۈنچە ئۆتكۈر كۆزلىرىڭ خىرەلەشتى. ئارزۇ- ئۈمۈدلىرىڭ ئۈزۈلدى. سەن مەندىن بىرلا ئەلچى سورىغان ئىدىڭ، مەن ساڭا ئەلچىدىن بىر قانچىنى ئەۋەتتىم، سەن يەنە ماڭا نىمە دەپ مالامەت قىلىسەن؟ دەپتۇ ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام.

    -------------- 

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق