يېڭى شوپۇرنىڭ كەچمىشى

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-10 15:50:15

ئالاقزادە بولغان ئايال شوپۇر: قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى! قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى! تېلېفون: مەن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى، نېمە ئىشىڭىز بار؟ ئايال شوپۇر: مەن ھازىر ماشىنا ھەيدەۋاتقانىدىم، لېكىن بۇ ماشىنا زادىلا توختىمايۋاتىدۇ! تېلېفون: تورمۇز

     
    يېڭى شوپۇرنىڭ كەچمىشى
     
    لى دوڭمېي
    ئەنۋەر خالىق تەرجىمىسى
     
    ئالاقزادە بولغان ئايال شوپۇر: قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى! قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى!
    تېلېفون: مەن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى، نېمە ئىشىڭىز بار؟
    ئايال شوپۇر: مەن ھازىر ماشىنا ھەيدەۋاتقانىدىم، لېكىن بۇ ماشىنا زادىلا توختىمايۋاتىدۇ!
    تېلېفون: تورمۇز تۇتۇڭ!
    ئايال شوپۇر (سىگنالنى بىر نەچچە قېتىم بېسىپ): بېسىپ تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن باپ-باپ قىلىپ ئاۋاز چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ماشىنا يەنىلا توختىمايۋاتىدۇ.
    تېلېفون: ئۇ دېگەن سېگنال. تورمۇز پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدا، بېسىڭ!
    ئايال شوپۇر: باسالمايمەن، قولۇم رولدىن ئاجراپ كەتسە بولمايدۇ.
    تېلېفون: پۇتىڭىزدا دەسسەڭ!
    ئايال شوپۇر: ھەي! بولمىدى دەسسىيەلمەيۋاتىمەن.
    تېلېفون: نېمىشقا دەسسىيەلمىدىڭىز؟ ئۇ يەردە ئىككىلا پېدال بارغۇ.
    ئايال شوپۇر: ماڭا بۇمۇ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ. بۇنچىۋالا پېدال ئورنىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى...
    تېلېفون: بىز ھازىرلا بارايلى، سىز قەيەردە؟
    ئايال شوپۇر: مەن ماشىنىنىڭ ئىچىدە.
    تېلېفون: ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. ئورنىڭىز قەيەردە؟
    ئايال شوپۇر: شوپۇر ئورۇندۇقىدا.
    تېلېفون: توۋا! كۆز ئالدىڭىزدا نېمە بار؟
    ئايال شوپۇر: ئەينەك!
    تېلېفون: ئەينەكنىڭ سىرتىدىچۇ؟
    ئايال شوپۇر: ئەينەك سۈرتىدىغان ئىككى ئەبلەخ بار.
     تېلېفون: ئەينەك سۈرتىدىغان ئەبلەخنىڭ ئالدىدىچۇ؟
    ئايال شوپۇر: ئىككى ئەينەك سۈرتىدىغاندىن باشقا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن!
    تېلېفون: ئۇنى ئېچىۋېتىڭ، ھەركەتلەندىمۇ؟
    ئايال شوپۇر: نېمە ھەركەتلىنىدۇ؟ ئۇ ئىككىسى قوللىرىدا دەسمال تۇتقىنىچە ماشىنىنىڭ ئالدى ياپقۇچى ئۈستىدە قىمىرلىماستىن ياتىدۇ، ئۇلار ئالدىمنى توسىۋېلىپ ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن.
    تېلېفون: قوللىرىدا دەسمال تۇتقىنىچە دېگەن نېمە گەپ ئۇ؟
    ئايال شوپۇر: ئەينەك سۈرتىدىغان ھېلىقى ئىككىسىچۇ!
    تېلېفون: توۋا! تۇمۇچۇقۇم، گېپىمنى ئاڭلاڭ، ئىككى يان تەرىپىڭىزگە قاراڭ، دېرىزە سىرتىدا نېمە كۆردىڭىز، نېمىلا بولمىسۇن بىر نىشاننى بەلگىلىۋالايلى...
    ئايال شوپۇر: قولىدا قوماندانلىق كالتىكىنى كۆتۈرۋالغان بىر ئەرنىڭ ھەيكىلىنى كۆردۈم!
    تېلېفون: ئۇ دېگەن چايكوۋسكىينىڭ ھەيكىلى! خۇداغا شۈكرى! بىر ھازىرلا يېتىپ بارىمىز. ماشىنىڭىز قانداق رەڭدە؟
    ئايال شوپۇر: كۆك. ئۆزۈم قوشۇلۇپ جالداقشىپ كېتىۋاتىمەن، بۇ يەر تاش پارچىلىرى يېيىتىلغان يول ئىكەن!
    تېلېفون: تاش پارچىلىرى يېيىتىلغان يول؟ ئۇ يەر كرېمۋىل سارىيى ئەتراپىغۇ.
    ئايال شوپۇر: ماشىنا ھازىر پەلەمپەيدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ!
    تېلېفون: قانداق پەلەمپەي؟ توۋا! ئۇ لېنىن مۇزېيىغۇ!
    ئايال شوپۇر: ئالدىمغا بىر قېرى چىقىپ قالدى!
    تېلېفون: نۋمە ئۇ قېرى دېگەن؟ قانداق قېرى ئىكەن؟
    ئايال شوپۇر: پاينەك باش، ساقال قويىۋاپتۇ، مۇشتىنى پۇللاڭشىتىپ تۇرىدۇ...ۋاي! مەن يەنە ھېلىقى ھەيكەلنىڭ يېنىغا چىقىپ قالدىم!
    تېلېفون: قايسى ھەيكەل؟
    ئايال شوپۇر: قولىغا قوماندانلىق ھەيكىلى كۆتۈرۈۋالغان ھېلىقى ئەرنىڭچۇ!
    تېلېفون: بىر ئايلىنىپ كەپسىزدە-دە، نېمانچە تېز ھەيدىدىڭىز؟
    ئايال شوپۇر: مۇشۇ بىرلا ھەيكەل، بېشىغا ساقچى شەپكىسى كىيىۋاپتۇ...
    تېلېفون: ئۇ ھەيكەل ئەمەس! قاتناش ساقچىسى، سىزنى بەك قورقىتىۋېتىپتۇ!
    ئايال شوپۇر: ئۇنىڭغا جان كىردى! ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ!
    تېلېفون: خۇداغا شۈكرى! ئاخىر سىزنى قۇتۇلدۇرىدىغانغا ئادەم كەلدى...
    مەنبە: «تەرمىلەر» 2014-يىلىق 2-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.