كۆڭۈل ۋە قول

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-10 15:55:56

دېنۋېر ۋوگزالىدا بىر توپ يولۇچى شەرق تەرەپكە ماڭغان BM شىركىتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزىغا قىستىلىپ چىقىشتى. بىر ۋاگوندا پوزۇر كىيىنگەن بىر قىز ئولتۇرغان بولۇپ، يېنىدا پەقەت تەجرىبىلىك ساياھەتچىلەرلا ئېلىپ يۈرىدىغان ئېسىل چامادان قويۇلغانىدى.

     
    كۆڭۈل ۋە قول
     
    ئو.ھېنرى [ئامېرىكا]
    زۇلفىيە ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى
     
    دېنۋېر ۋوگزالىدا بىر توپ يولۇچى شەرق تەرەپكە ماڭغان BM شىركىتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزىغا قىستىلىپ چىقىشتى. بىر ۋاگوندا پوزۇر كىيىنگەن بىر قىز ئولتۇرغان بولۇپ، يېنىدا پەقەت تەجرىبىلىك ساياھەتچىلەرلا ئېلىپ يۈرىدىغان ئېسىل چامادان قويۇلغانىدى.
    پويىزغا يېڭىدىن چىققان يولۇچىلار ئارىسىدا ئىككى ئادەم بار ئىدى. بىرى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، روھىي ھالىتى، يۈرۈش-تۇرۇشىدىن جەسۇر ۋە كەسكىن، ئوچۇق-يورۇقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى؛ يەنە بىرىنىڭ تەلەتى سۆرۈن، ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، ئەزمىلىك قىلىۋاتقاندەك سۆرىلىپ ماڭاتتى. ئۇلارنىڭ قولىغا بىر كويزا سېلىنغانىدى.
    ئۇ ئىككىيلەن ۋاگون كارىدورىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ، كەينىگە قاراپ ئولتۇرىدىغان بىردىنبىر بوش ئورۇن تەرەپكە قاراپ ماڭدى، بۇ ئورۇن دەل ھېلىقى ياش، جەلپكار قىز ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
    ئۇلارنى كۆرگەن قىزنىڭ چىرايىدا يېقىملىق تەبەسسۈم جىلۋىلەندى، سۈپسۈزۈك ئالمىدەك يۈزى سەل قىزاردى. ئارقىدىن ئۇ كۈلرەڭ پەلەي كىيگەن قولىنى سۇنۇپ يېڭى كەلگەن يولۇچىلار بىلەن سالاملاشتى. ئۇ گەپ قىلغاندا ئاۋازى شۇنچىلىك تاتلىق ۋە تەمكىن بولۇپ، كىشىدە ئۇنى پاراڭلىشىشقا ئامراق ئىكەن دېگەن ھېسىيات پەيدا قىلاتتى.
    -ئېستۇن ئەپەندى، نېمە، ياقا يۇرتتا يۈرۈپ قەدىناس دوستىڭىزنىمۇ تونىيالماس بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟-دېدى قىز.
    ھېلىقى كېلىشكەن ياش يىگىت ئۇنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئەندىكىپ كەتتى، ئاندىن سول قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
    -فايېرگېل خانقىز،-دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،-ئۇڭ قولۇم بىلەن كۆرۈشەلمىگىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرىشىڭىزنى سورايمەن، چۈنكى ئۇ قولۇم ھازىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.
    يىگىت ئوڭ قولىنى بىلىنەر-بىلىنمەس كۆتۈرۈپ كۆرسىتىپ قويدى، پارقىراپ تۇرغان بىر «بىلەيزۈك» ئۇنىڭ ئوڭ بېغىشىغا سېلىنغان بولۇپ، ھەمراھىنىڭ سول بېغىشىغا چېتىپ قويۇلغانىدى.
    قىزنىڭ كۆزىدىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسى بارا-بارا بىر تۈرلۈك تەشۋىشلىك ۋەھىمىگە ئايلاندى، چېھرىدىكى قىزىللىق غايىب بولدى. ئۇ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ئاغزىنى ئېچىپ، كەيپىياتنى ئوڭشىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئېستون خۇددى بۇ خانقىزنىڭ تۇرقى ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈۋاتقاندەك كۈلۈمسىرىدى. يىگىت ئەمدى چۈشەندۈرەي دەپ تۇرغاندا، ھەمراھى گەپنى تارتىۋالدى.
    بۇ تەلەتى سۆرۈن ئادەم ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن قىزنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئوغرىلىقچە كۆزىتىپ ئولتۇرغانىدى.
    -مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز خانقىز،-دېدى ئۇ،-قارىغاندا سىز بۇ ساقچى باشلىق بىلەن بۇرۇندىن تونۇشتەك قىلىسىز، ئەگەر سىز ئۇنى جىنايىتىمنى بېكىتكەندە مەن ئۈچۈن بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويۇشقا ماقۇل قىلالىسىڭىز، مېنىڭ ھالىم خېلى ياخشى بولاتتى. ئۇ ھازىر مېنى نېيسىنۋېيس تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، مەن ساختىلىق جىنايىتى بىلەن ئۇ يەردە يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلىمەن.
    قىز يەڭگىل تىندى، چىرايى ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالىتىگە كەلدى:
    -ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ھازىرقى خىزمىتىڭىز ئىكەن، ساقچى باشلىقى بوپسىز-دە.
    -سۆيۈملۈك فايېرگېل خانقىز،-دېدى ئېستون تىنچ ھالەتتە،-بىرەر ئىش تېپىپ قىلمىسام بولمايدۇ-دە. پۇل دېگەن نەرسە دائىم قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. سىزگىمۇ ئايان، پۇل بولسا ئاندىن باشقىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. مەن غەربىي رايوندا پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر يەرنى بايقىدىم، ئەلۋەتتە ساقچى باشلىقىنىڭ ئورنى باش ئەلچىنىڭكىگە يەتمەيدىغىنى تەبىئىي.
    -باش ئەلچى،-دېدى قىز ھاياجانلىنىپ،-بولدى، باش ئەلچىنىڭ گېپىنى تىلغا ئالماڭ، باش ئەلچىنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس، بۇ تەرىپىنى سىزمۇ بىلسىڭىز كېرەك. ھازىر سىز بىر غەربىي رايوننىڭ باتۇر قەھرىمانىغا ئايلىنىپسىز، ئات مىنىپ، مىلتىق ئېتىپ، ھەر تۈرلۈك خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرىسىز، تۇرمۇشىڭىز چوقۇم ۋاشىنگىتوندىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمدى ھەرگىز كونا دوستلىرىڭىز بىلەن بىر يولدا ماڭمايسىز.
    قىزنىڭ نەزىرى يەنە بىر نۆۋەت ھېلىقى پارقىراپ تۇرغان كويزىغا چۈشتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى.-ھەيران قالماڭ، خانقىز،-دېدى يەنە بىرى،-جىنايەتچىنىڭ چېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەممە ساقچى باشلىقى ئۆزىنىڭ قولىنى جىنايەتچىنىڭ قولى بىلەن قوشۇپ كويزا سېلىۋالىدۇ، ئېستون ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ ئەلۋەتتە.
    -بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشەلەيمىز؟-دەپ سورىدى قىز.
    -مېنىڭچە، پات يېقىندا كۆرۈشەلمەيمىز،-دېدى ئېتسون ئەپەندى جاۋابەن،-بەلكىم ئەمدى مېنىڭ ئەركىن كۈنلىرىم بولماسلىقى مۇمكىن.
    -مەن غەربنى ياخشى كۆرىمەن،-دېدى قىز، ئۇ ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي سۆزلەۋاتاتتى، كۆزى يېقىملىق چاقناپ كەتتى.
    ئۇ پويىز دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ھېسسىياتىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئۇ يىگىتكە دېدى:
    -مەن ئاپام بىلەن بىللە غەربىي رايوندا پۈتۈن بىر ياز تۇردۇم، دادام ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا كەتتى، مەن غەربىي رايوندا ناھايىتى خۇشال ئۆتتۈم، مېنىڭچە، ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ماڭا ياقىدىكەن. پۇل ھەممە نەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، كىشىلەر دائىم بۇ نۇقتىدا خاتالىق سادىر قىلىدۇ ھەمدە ھوشىنى تاپالمايدۇ.
    -ساقچى باشلىق ئەپەندى،-دېدى ھېلىقى سۆرۈن تەلەت كىشى قوپاللىق بىلەن،-بۇ تازا ئادىل بولمىدىمۇ قانداق، مەن ئازراق ھاراق ئىچىشىم كېرەك، تاماكا چەكمىگىنىمگە بىر كۈن بولدى. ئىككىڭلار مۇڭدىشىپ بولدۇڭلارمۇ يا؟ ھازىر مېنى تاماكا چېكىش ئۆيىگە ئاپىرىڭ، بولامدۇ؟ خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى.
    بۇ بىر-بىرىگە چېتىقلىق ئىككى يولۇچى ئورنىدىن تۇردى، ئېتسوننىڭ چىرايىدا تېخىچە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
    -مەن ئۇنىڭ تاماكا چېكىش تەلىپىنى رەت قىلالمايمەن،-دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا،-بۇ تەلىيى كاج كەلگەن بىر ئاداش ئىكەن. خەير-خوش، فايېرگېل خانقىز، خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى، توغرا چۈشىنەرسىز،-ئۇ قولىنى سوزۇپ قىز بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
    -ھازىر سىز شەرق تەرەپكە بارالمايدىغان بولدىڭىز، بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى،-دېدى قىز، شۇنداق دەۋېتىپ قايتىدىن كىيىم-كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ھالىتىگە كېلىۋالدى،-مېنىڭچە، سىز چوقۇم داۋاملىق مېڭىپ نېيسىنۋېيسقا بارىسىز.
    -شۇنداق،-دېدى ئېستون جاۋاب بېرىپ،-مەن نېيسىنۋېيسقا بارىمەن.
    ئىككى يولۇچى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ۋاگون كارىدورىدىن ئۆتۈپ، تاماكا چېكىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
    بىر چەتتە ئولتۇرغان باشقا ئىككى يولۇچى ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى باشتىن-ئاخىرى ئاڭلاپ ئولتۇرغانىدى، ئارىدىن بىرى سۆزلىدى:
    -ھېلىقى ساقچى باشلىقى ھەقىقەتەن باتۇر ئەزىمەت ئىكەن، غەربلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاشۇنداق قالتىس كېلىدۇ.
    -شۇنچە ياش تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئاپتۇ، شۇنداقمۇ؟-سورىدى يەنە بىرى.
    -يىگىت؟-دېدى دەسلەپ گەپ قىلغان كىشى ھەيرانلىق بىلەن، سىز توغرا كۆرگەنسىز-ھە؟ دېمەكچىمەنكى، سىز جىنايەتچىنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىغا چېتىۋالغان ساقچى باشلىقىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۆڭۈل قول كويزا ساقچى