مايمۇن

يوللىغۇچى : narquk يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-07 00:32:51

مايمۇنلىياڭ شىئاۋ شېڭباغچىدىكى قەپەسدە بىر توپ مايمۇنلار ياشايتتى. ئۇلارنىڭ قەپەسگە قاچانلاردىن باشلاپ قامالغانلىقىدىن ھېچكىم خەۋەرسىز ئىدى.بىز مايمۇنلار تۇرىۋاتقان ئۆينى قەپەس دەپ ئاتاۋاتى...

     

    مايمۇن
    لىياڭ شىئاۋ شېڭ
     
     
    باغچىدىكى قەپەسدە بىر توپ مايمۇنلار ياشايتتى. ئۇلارنىڭ قەپەسگە قاچانلاردىن باشلاپ قامالغانلىقىدىن ھېچكىم خەۋەرسىز ئىدى.
     
    بىز مايمۇنلار تۇرىۋاتقان ئۆينى قەپەس دەپ ئاتاۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇنداق دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. چۈنكى، مايمۇنلار تۇرىۋاتقان ئۆي چوڭ بىر تور بىلەن ئورالغان بولۇپ، مايمۇنلارنىڭ ئازادە ھەرىكەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلغان ئىدى. ئۇلار ئۇ بوشلۇقتا ئەركىن ئىدى. بىراق، ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ بەرىبىر قەپەس بولۇپ، ئورمانلىققا يەتمەيتتى.
     
    قەپەسدە ناھايىتى يوغان بىر تۈپ دەرەخ بار ئىدى. دەرەخنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قەپەسنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا، شاخلىرى بولسا قەپەس سىرتىدا ئىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تورنىڭ سىرتىدا ئىدى. دەرەخ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى قوۋزاقلارنى كەپسىز مايمۇنچاقلار چۈشۈرۈپ بولغان بولۇپ، غول يىلتىزلىرى خۇددى يىلاندەك ئەگرى-بۈگرى  ھالەتتە يەر يۈزىگە پۈرتۈپ چىقىپ قالغان ئىدى. دەرەخ گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پورلىشىپ كەتكەن كامار بولۇپ، پورلاشقانسىرى يوغىناۋاتاتتى. بىراق، ئۇ ياۋا مېۋە دەرىخى باھاردا ئوخشاشلا ئېچىلاتتى، كۈزدە بىرئاز بولسىمۇ مېۋە بېرەتتى. دەرەخنىڭ غوللىرى يامغۇر بولۇق ياغقان كۈنلەردە دالدا بولاتتى، پىژغىرىم ئىسسىقتا سايە تاشلايتتى. ئۇنىڭ مېۋىسىمۇ يىلدىن يىلغا ئازىيىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ يىلقى مېۋىسى تېخىمۇ ئاز بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تور تۆشۈكلىرىدىن ساقىپ چۈشكەن ياۋا مېۋىلەردىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ئورتاق بەھرىمەن بولغىلى بولماي قالدى. مايمۇن توپى مەرتىۋەھەم دەرىجىلەرگە ئايرىلغان. ئالاھىدە ھوقۇق ۋە كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان سالاھىيەتلا قانچىلىك مېۋىگە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى. تور قېپىنىڭ سىرتىغا چۈشكەن مېۋىلەرنى پەقەت دەرەخنىڭ ئۇچچىغا چىقىپ، توردىن بىلەكلىرىنى چىقىرالىغاندىلا ئاندىن ئاندىن ئالالايتتى. بەزى مايمۇنلار مۇشۇنداق قىلسا بولاتتى. ئەلۋەتتە مايمۇن پادىشاھ ئەڭ ئاۋۋال شۇنداق قىلاتتى. ئاندىن مايمۇن پادىشاھقا يېقىنچىلىق قىلىدىغان مايمۇنلار بولاتتى. يەنە ئاندىن قالسا يېتىلىۋاتقان قاۋۇل مايمۇنلار بولاتتى.
     
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرەخ مايمۇنلارغا پەقەت سايە چۈشۈرۈپلا قالماستىن، يەنە مايمۇن توپى ئارىسىدا ئادىل بولمىغان ئەھۋالنىمۇ شەكىللەندۈردى.
     
    شۇنىڭ بىلەن ھەسەتخورلۇق شەكىللەندى...
     
    شۇنىڭ بىلەن بىسەرەمجانچىلىق شەكىللەندى...
     
    شۇنىڭ بىلەن تالاش تارتىش شەكىللەندى...
     
    شۇنىڭ بىلەن ئېچىنىشلىق چىشلىشىشلەر باشلىنىپ كەتتى.
     
    شۇنىڭ بىلەن قەپەس ئىچى ھەر بىر مايمۇن بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان، ئۇرۇش كەيپىياتىغا توشۇپ كەتتى.
     
    باشقۇرغۇچى يىگىت مايمۇن توپىدىكى پاراكەندىچىلىكتىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالماپتۇ. تەشۋىشلىنىپ پېشقەدەم باشقۇرغۇچىدىن قانداق قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپتۇ. پېشقەدەم باشقۇرغۇچى:
     
    - ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئىختىيارىغا قويىۋەت،-دەپتۇ.
     
    باشقۇرغۇچى يىگىت ئەجەبلەنگەن ھالدا:
     
    - ئۇنداقتا قانداق بولغىنى؟ ئۇلار بىر –بىرىگە زىيان يەتكۈزۈشۈپ قويمامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
     
    - ئۇلارمۇ ئورمانلىقتىمۇ مەڭگۈ  ئىناق-ئىتتىپاق بولالمايدۇ. بەزى مايمۇنلار ئەسىر قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا بەدەنلىرىدە ئۆز-ئارا ئېلىشقاندىكى يارىلارنى قالدۇرغان بولىدۇ...
     
    - بىراق...ناۋادا بىرنى بوغۇپ قويسىچۇ؟
     
    - ئۆلسە ئۆلمەمدۇ. بىرسى ئۆلسە ئىككىسى تۇغۇلىدۇ. قەپەس ئىچى ئورمانلىق ئەمەستە. تۇغۇلۇپ ئۆلمىسە ، قەپەس ئىچى مايمۇنلارغا توشۇپ كەتمەمدۇ.
     
    باشقۇرغۇچى يىگىت پېشقەدەم باشقۇرغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىمۇ بەلگىلىك ئاساس بار دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، پېشقەدەم باشقۇرغۇچىنىڭ ئېرەڭسىزلەرچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پوزىتسىيىسىنى زادىلا چۈشىنەلمەپتۇ. بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەن پېشقەدەم باشقۇرغۇچى قەتئىي تەلەپپۇزدا:
     
    - بىز ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەڭ زور مۇۋاپەقيىتىمىز- مەيلى مايمۇن بولسۇن ياكى باشقا ھايۋانلار بولسۇن قېرىنداشلىرىنى ، ياشىغان ئورمانلىقلىرىنى، ئوتلاقلىرىنى، ئېگىز تاغ-جىرالارنى، دالىلاردا چېپىپ يۈرۈشلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇنتۇلدۇرالىغانلىقىمىزدا. ئۇلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كاللىسىدا - بىز تۇغۇلۇشتىنلا قەپەس ئىچىدىكى ھايۋان دېگەن ئۇقۇمنى تۇغما تالانتتەك تەدرىجىي شەكىللەندۈرەلىگەنلىكىمىزدە. قەپەسنى ئۇلارنىڭ ماكانىغا، ئۇلارنىڭ ماكانىنى قەپەسگە ئايلاندۇرالىغانلىقىمىزدا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت ۋاقىتقىلا تايانماقتىن باشقا ئامال يوق، يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نەسلىنى ئەۋلاد-ئەۋلاد چېكىندۈرۈشكە  تايانغانلىقىمىزدا. نەسلى چىكىنگەن ھايۋان قايتىدىن قەپەس سىرتىغا تەلپۈنمەيدۇ، بۇ خۇددى روھى زەئىپلەشكەن ئىنسانلار دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغلاشمىغانغا ئوخشاش...- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
     
    ئۇ سۆزلەۋاتقىنىدا قەپەس تەرەپتىن قاتتىق چىرقىرىغان قورقۇنچلىق سادا كەپتۇ. باشقۇرغۇچى يىگىت ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا قەپەس تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ...
     
    قارىغۇدەك بولسا مايمۇنلارنىڭ «كۆرۈشى » ناھايىتى شەپقەتسىز ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ. كونكرېتنى ئېيتقاندا ھەممە مايمۇنلار «كۈرەش »كە قاتناشماپتۇ. كۆپىنچە مايمۇنلار ئۇياندىن بۇيانغا سەكرىشىپ، ئۆرە-تۆپە بولۇپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، لەۋلىرىنى چاكىلدىتىشىپ، ئۆزلىرى تەرەپتىكى «ئالدىنقى سەپ پالۋان»لىرىغا مەدەت بېرىۋاتقىدەك. ئىككى تەرەپنىڭ بىر قانچە «پالۋان» لىرى راستتىنلا ۋەھشىيلەرچە چىشلىشىپ پومداقلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ پەيتلەردە مايمۇنلار ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارىلاپتۇ. ئۇلار ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن قارىشى تەرەپنىڭ ئاجىز يېرىنى چىشلىۋالغان ھامان تەڭلا تۈگۈشۈپ كېتىشنى پۈتۈشىۋالغاندەك زادىلا قويۇپ بەرمەيدىكەن. ئۇ ۋاقىتتىكى مايمۇننىڭ چىرايى بۆرە، يىلپىز، شىر قاتارلىق يىرتقۇچلارنىڭ ئوۋ بوينىدىن چىشلىۋالغاندىكى چىرايىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى...
     
    باشقۇرغۇچى يىگىت پېشقەدەم باشقۇرغۇچى دولىسىنى يېنىك ئۇرغىچە بولغان ئارلىقتا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ.
     
    پېشقەدەم باشقۇرغۇچى قەپەس ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ، سالماقلىق بىلەن :
     
    -ياخشى، ناھايىتى ياخشى. بىزگە نىسبەتەن بۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولماس. بىلىكىمدىكى بۇ تارتۇققا قارا، مايمۇن تاتلىۋالغان. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ مايمۇن توپىنىڭ ئارىسىدا قالتىس مايمۇن شاھتىن بىرسى بار ئىدى. شۇنداق، ئۇ بىر ناھايىتى قالتىس كارامەتكە ئىگە مايمۇنتى. ئۇ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى يامان كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئادەملەرنى يامان كۆرۈپ قىلىشىدىكى سەۋەب ئادەملەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ مايمۇن توپىنى باشقىلار تاماشا قىلىدىغان قەپەس ئىچىدىكى بويۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇ ئۆزىچە ماڭا ھوجۇمنى ئوبدان قىلدىم،دەپ ئويلايدى ھەم مايمۇن توپىنى باشلاپ قېچىپ كەتمەكچى ئىدى. مەن ئۇ مايمۇنغا تولىمۇ قايىل ئىدىم، ئۇ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورمانلىقتىكى ئەركىن ھاياتقا تەلەپۈنگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مايمۇن توپىغا قارا! بۇلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى مايمۇندەك مايمۇننىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ھوجۇم قىلىشىپ، تالىشىشتىكى مەخسىدى پەقەتلا قەپەس ئىچىدىكى ئىناۋەت ئۈچۈنلا . بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى ھېلىقى «قالتىس» مايمۇنغا مەن تولىمۇ قايىل ئىدىم. ئۇ قىرىنداشلىرى تەرىپىدىن تالاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن باغچا ئىچىدىن ئوبدان بىر جاينى تاللاپ كومۈپ قويدۇم...
     
    مايمۇن پادىشاھنى قاۋۇل بىر مايمۇن تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. قان ئۇنىڭ بوينىدىن ئېتىلىپ چىققاندا باشقۇرغۇچى يىگىت قاراپ تۇرۇۋېرىشكە چىدىماي ئۆرۈلىۋالدى...
     
    - ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ قىرىنداشلىرى ئارىسىدىن دۈشمەنلىرىنى بېكىتىۋېلىشتى. ئۇلار قانچە مۇشۇنداق قىلغانسىرى بىز شۇنچە ئاسان ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئايلىنىمىز. بىزگە نىسپەتەن بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. راستىنلا ياخشى ئەھۋال....
     
    غالىبىيەتچى مايمۇن يەنى يېڭى مايمۇن پادىشاھ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىدىن بىردەم ناھايىتى تىزلىك بىلەن دەرەخنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقسا، بىردەم  تىزلىك بىلەن پەسكە يېنىپ چۈشەتتى، چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلاتتى. يۇقۇرىغا چىقىپ چۈشكىچە تور سىرتىغا قولىنى چىقىرىپ بىر قانچە تال مېۋە ئۈزۈپ ئۆزىنىڭ خانلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەمدە بولغان « تۆھپىكار ۋەزىر» لىرىگە ئېتىپ بېرىشنىمۇ ئۇنتىمايتى. ئېغىزى قىرىنداشلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان مايمانلار يېڭى پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىرىشكەندىن كېيىن قۇيرۇقلىرىنى دېڭگايتىپ، قۇلاقلىرىنى سېلاشقىنىچە دەرەخنى بويلاپ چېپىپ يۈرۈپ چاڭ چىقىرىپ، چىرايىدىن شەرەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتاتتى. تازقارىلار دەرەخ شاخلىرىنى ماقان قىلغىنىدەك، ئىگىز-پەس دەرەخ شاخلىرىدا دوڭغىيىپ يېتىشاتتى...
     
    شۇنىڭ بىلەن باغچىدا، قەپەستە، ھېلىقى پور دەرەخ يەنە بىر قېتىم ئۇنتۇلدى.
     
    شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن بۇ بىر توپ مايمۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كاللىسىدىن ئورمانلىق ئۇقۇمى يوقالدى. ھەتتا، ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنىشمۇ يوقالدى.
     
    ئەلۋەتتە، مايمۇن توپى ئارىسىدىكى «كۆرەش» ھەر ۋاقىت داۋاملىشىپ تۇرسىمۇ،  يېگىتنىڭ خىزمىتى خىلالا ئاسانغا توختايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭچە، « قەپەز ئىچىدىكى مەرتىۋە تالىشىپ ئۆلگەن مايمۇنلارنى مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ كۆمۈپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيتى...»
     
    ئەسەرنىڭ مەنبەسى:
     
    “文苑“2010。2A   11页“猴子”梁晓声 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مايمۇن _