ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى(ۋاڭ مېڭ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 00:48:19

ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىۋاڭ مېڭئاسىيە ئەخەت تەرجىمىسىقاپقارا قوي كۆزلۈكۈم غۇلجىلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن ناخشىنى ئېيتالايدۇ. ئۇلار ھەتتا ھەر بىر قېتىم ھاراق ئىچىشىپ ...

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى
    ۋاڭ مېڭ
    ئاسىيە ئەخەت تەرجىمىسى

    قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم

        غۇلجىلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن  ناخشىنى ئېيتالايدۇ. ئۇلار ھەتتا ھەر بىر قېتىم ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇشقاندىمۇ مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىشىدۇ.
    ھاراق ئىچىش بىلەن ناخشا ئېيتىش ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا بىر - بىرىگە زىت، ئەمما كەيپىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا بىردەك.
    مەن بۇ ناخشىنى تۇنجى قېتىم 1965 - يىلى قىشتا ئاق ئۆستەڭدىكى ئەجدىھا ئېغىزى قۇرۇلۇشى بولغان «جەڭگاھ»تا  ئاڭلىغانىدىم. ئۇ يەردە مەن دېھقانلار بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا كولىغان ئۆڭكۈر ئۆيدە تۇراتتىم. ئۇنىڭ ئىچىدە ۋاقىتلىق ئاشخانىمۇ بار بولۇپ، زىمىستان قىش كۈنلىرىدە ئاشخانىنىڭ قېلىن ھەم ئېغىر پاختىلىق مىلەڭزىسىنىڭ سىرتىنى مۇز تۇتۇپ كېتەتتى. مىلەڭزىنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئاشخانىغا  سوغۇق كىرىپ تۇراتتى. ئېغىرلىقىدىن قايرىشمۇ تەسكە چۈشىدىغان بۇ ئالاھىدە پەردىنى قايرىپ ئاشخانىغا كىرگەندە  ئاددىيغىنە ئاشخانا ئىچىنى ھور قاپلاپ كەتكەن بولاتتى، چىراغ يورۇقىمۇ ئىنتايىن غۇۋا كۆرۈنەتتى.
    ھەممە يەرنى تاماكا ئىسى ۋە گۆشنىڭ مەززىلىك ھىدى، شۇنداقلا ناخشا ساداسى قاپلىغان بولۇپ، ناخشا كىشىنى تاڭ قالدۇراتتى. ناخشا كىشى قەلبىنى كۆيدۈرۈپ قىشنىڭ سوغۇقلىرىنى ئاللىقاياقلارغىدۇر قوغلىۋەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
     ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىكى باشقا ناخشىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ چەكسىز، بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ يوقتەك ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھېسسىيات ئۇنىڭغا باغلانغان بولۇپ، ئاڭلىغان ھامان سىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالاتتى.
    مەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم. غۇلجىدىكى ئۆيۈمدە كېچىلىرى دائىم دېگۈدەك «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. ناخشا ئېيتىۋاتقان مەستمىدۇ ياكى كېچىدە يول يۈرگۈچىمىدۇ؟ ۋە ياكى يۇلتۇزلۇق كېچىدە كېتىۋاتقان كىشىمىدۇ، ھارۋىكەشمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ناخشىنى شۇنچىلىك ھېسسىيات بىلەن ئېيتاتتى. غېرىبلىق باسقان سوغۇق كېچىدە ئۇلار ناخشىسى ئارقىلىق «قارا كۆز» قىزغا بولغان مۇھەببىتىنى، رومانتىك ئارزۇسىنى   ئىپادىلەيتتى. تۇرمۇش ئىنتايىن مۇشەققەتلىك، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن مەنىسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناخشىسى شۇنچە قىزغىن، ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.
    كېيىن، مەن بىرقانچە قېتىم دېھقان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە سورۇنلاردا ھاراق ئىچىشكەچ ناخشا ئېيتىشتىم. ئارىمىزدا بىر ناخشىچى بولۇپ، ئۇ خەلق قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ئات - جۆنى  خالىق ئەمەت بولۇپ، ئۇ ناخشا ئېيتسىلا بىزمۇ ئەگىشەتتۇق. ھەر بىر مىسرانىڭ ئاخىرقى ئاھاڭى ئۆزگىچە  بولۇپ، مەن ھەرقانچە ئەگىشىپ ئېيتساممۇ، غىڭشىساممۇ يەنىلا ئاشۇ خىل قىزغىن ھېسسىيات، بىپايان غېرىبلىققا ئەگىشەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
    بەزىدە ئۇلارغا ئەگىشىپ ئېيتماستىن جىمجىت تىڭشاپ ئولتۇراتتىم، پەقەت خالىق ۋە باشقىلارنىڭ پۈتكۈل ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئېيتقىنىغا قاراپلا ئىنتايىن ھاياجانلىناتتىم. 1973 - يىلى مەن غۇلجىدىن ئايرىلدىم. 1979 - يىلى بولسا شىنجاڭدىن ئايرىلدىم.
    1991 - يىلى تاۋۇز چاغىنىدىن كېيىن ئىلىغا قايتا بېرىپ زىيارەت قىلدىم. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە شائىر تېيىپجانمۇ مەن بىلەن بىرگە ئىدى. «كېپىنەك» ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن كىنو ئىشلەش  ئۈچۈن چاڭچۈن كىنو ستۇدىيىسىنىڭ رېژىسسورى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي مېنى ئىزدەپ ئىلىغا كەپتۇ. بىر كۈنى كەچتە بىز غۇلجا «خۇڭشىڭ» (ھازىرقى خەنبىڭ  يېزىسىدا، تەھرىردىن) گۇڭشېسىدا،  يەنى غەربىي باغچىغا يېقىنلا يەردە پائالىيەتكە قاتناشتۇق.  بىز ئىسمايىل ئىسىملىك بىر ئەما خەلق سەنئەتكارىنى تەكلىپ قىلغانىدۇق. ئۇ دۇتارنى قولىغا ئېلىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دەسلەپ ئېيتقىنى يەنىلا شۇ «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» ئىدى.
    ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق بولۇپ،  ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ لېكىن ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقىنى مۇھەببەت ناخشىسى ئىدى. مەڭگۈلۈك سېغىنىش، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر ئېرىشكىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىدى. ئۇ ئىنتايىن يىراقتىن ئاڭلانغان ھەم مۇڭلۇق، ھەم يېقىملىق ئاۋاز ئىدى. كىشى قەلبىنىڭ  ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەڭگۈ ساقلىغۇدەك مۇشۇنداق ناخشا ئېيتالىغان ئادەم نەقەدەر ئامەتلىك - ھە! ئادەم مۇشۇنداق ناخشىنى ئېيتىپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئارمان يوق - تە! ئەي، يورۇقلۇقتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان ئەما ناخشىچى، بەلكىم ناخشاڭدا يورۇقلۇققا بولغان ئىنتىلىش ۋە تەسەۋۋۇر باردۇر.  ئىلىنىڭ بىپايان يايلىقىدا يالغۇز كېتىۋاتقان چەۋەنداز، سەن بۇ ناخشىنى ئېيتقان چېغىڭدا كىشىلەردىن ئىللىقلىق كۈتكەن  بولغىيمىدىڭ؟ ناخشا دېگەن گوياكى كۈچلۈك شامال، كۆكتىكى لاچىن، گوياكى پەسىل دەريالىرىدا ئۆركەشلىگەن كەلكۈندەك شۇنچە ئەركىن بولىدۇ. ناخشا يەنە توسقۇنلۇققا ئىگە بولۇپ تۈرلۈك - تۈمەن ئازاب - ئوقۇبەتلىك كەچمىشلەر  ناخشىدا بىر خىل توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
    «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن بۇ ناخشىنى ئېيتىش بىلەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ.
    ئۇيغۇر شائىرى نەۋائىي «غەم - قايغۇ  ناخشىنىڭ روھى» دەپ ئېيتقانىكەن. بۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش. سەن نېمىشقا شۇنچە ئازاب چېكىسەن؟  ئاشۇ قۇرغاق قۇملۇقلار ئۈچۈنمۇ؟ سېنىڭ بوستانلىقىڭ قاغجىرىغان قەلبلەرگە سالقىنلىق ئاتا قىلىۋاتامدۇ؟ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىدىن خەۋەرلىشەلمەي قېلىشىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتامسەن؟ سېنىڭ ئېتىڭ ۋە چەكسىز سەۋر - تاقىتىڭ ئالاقە قىلىشىڭغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغۇ؟ ياكى سۆيگىنىڭنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمەسلىكتىن ۋايىم يەۋاتامسەن؟ سېنىڭ ناخشاڭ، ئۇسسۇلۇڭ، مەي - شارابلىرىڭ نەقەدەر سەرخۇش - ھە! يۇمۇرلىرىڭ بولسا ئادەمنى تېخىمۇ مەست قىلىدۇ.
    قىزىقچى نەسىردىن ئەپەندى يۇرتداشلىرىنىڭ «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»گە ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان مەڭگۈلۈك مۇھەببەت كۈيلىرى بار.
    مەن بۇ سىرنى يېشەلمىدىم. ئۆزۈمنى شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە تۇرمۇشىنى چۈشىنىمەن دېسەممۇ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ناخشىنى ئېيتىشنى ئۆگىنەلمىدىم. مەن ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرسەممۇ، نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتىشنى بىلسەممۇ، ئۆزۈمچە ناخشا ئۆگىنىش ئىقتىدارىمدا چاتاق يوق دەپ قارىساممۇ، بۇ ناخشا ماڭا نىسبەتەن شۇنچىلىك تونۇش ۋە شۇنچىلىك ئۆگەنگۈم بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۆگىنەلمىدىم. بۇ نېمىدېگەن غەلىتە ئىش - ھە!؟
    مەيلى مەن «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»نى ئۆگىنەلمەي ياكى ياخشى ئېيتالماي قالاي، بىراق مەن يەنىلا ئۇنى بىلىمەن، ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا ئىنتىلىمەن. ئۇنى نەچچە مىڭ خىل ئاۋازلار ئىچىدىن يىراق تۇرۇپمۇ پەرقلەندۈرەلەيمەن. بۇ ناخشا مەن ياشىغان ئاشۇ ئىلى دىيارى، مېنىڭ  سىرلىق پىغانلىرىم،  ھېچبولمىغاندا ئىلىدىن ئايرىلغانلىقىم ئۈچۈن، ھېچبولمىغاندا ئۇ تا بۈگۈنگىچە مېنى خۇشال قىلىدىغان ھەم ماڭا تونۇش بولغان، ئەمما مەن ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ ئېيتالمايدىغان ئاشۇ ناخشا بولغانلىقى ئۈچۈن.
    ئانارگۈل
    قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ ناخشىسى بىلەن ئىلىنى مەركەز قىلغان شىمالىي شىنجاڭ ناخشىسىنىڭ خېلى زور پەرقى بار. «ئانارگۈل»نىڭ مەنىسى ئانارگۈلى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان قىزلارنىڭ ئىسمى. بۇ ئىسىم بەكمۇ چىرايلىق. «ئانارخان» ناملىق فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى دەل مۇشۇ «ئانارگۈل» ئاساسىدا رەتلەنگەن. ناخشا باشلىنىشىدىلا:
    راۋابىم جاراڭلايدۇ بالا،
    تارىسى ئالتۇنمىكىن؟
     دەپ باشلىنىدۇ.
    تىكىستتىكى «بالا» سۆزى ئىنگلىزچىدىكى baby يەنى «بالا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
    «ئانارگۈل» قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى تېخىمۇ رىتىملىق بولۇپ، كىشىلەر بۇ ناخشىنى ئېيتقان چاغدا خۇددى ئېغىر قەدەم تاشلاۋاتقاندەك، گوياكى تاشلىق يولدا ئۇزۇن سەپەرگە كېتىۋاتقاندەك، قارلىق چوققىلار قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ، قۇرۇپ كەتكەن ئوت - چۆپلەر شامالدا يەلپۈنۈۋاتقاندەك تۇيغۇ  بېرىدۇ. يولۇچىنىڭ ناخشىسىدىن مەن گويا ناخشا ئېيتقۇچىنىڭ جەنۇبنىڭ ئاپتىپىدا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايىنى كۆرگەندەك بولىمەن.
    بەلكىم، ئۇلار بۇ ناخشىنى تۆگىگە مىنىۋېلىپ  ئېيتىۋاتقاندۇ. «قۇملۇق كېمىسى»نىڭ ئۈستىدە ئۇلار زېمىننىڭ بىپايان، چەكسىز، تىنچ ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلالايدىغاندۇ؛ ئۇلار يەنە قەلبىدىكى يالقۇننىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، نۇر چېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىغاندۇ. ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت سەپەر قىلدى، شۇنچە يىل تەقەززا بولدى. ئۇلار نۇرغۇن شەھەر، بازارلارنى قۇردى، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنى كۈتۈۋاتىدۇ.
    مەن تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر ناخشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.  ئۇ دەل زەرەپشان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىدىكى مەكىت ناھىيىسىدىكى ۋاقتىم بولۇپ، 1964 -  يىلى مەن ناھىيىلىك پارتكوم مېھمانخانىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يانتاق يېزىسىغا بارماقچى بولۇپ تۇراتتىم. مېھمانخانا بۇ يەرگە يېڭى ئۆي سېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگىنى سەككىزدىن كېيىن يېزىدىن كەلگەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىشقا چۈشەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى ياش ئايال بولۇپ، ئۇلار ئالدىرىماي - تەمتىرىمەي زەمبىلدە كېسەك توشۇغاچ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى يەنىلا «ئانارگۈل» بولۇپ، ناخشا ئىنتايىن تەبىئىي ئاڭلىناتتى. ئۇلارنىڭ ناخشىسى گويا ئۆزىنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈنلا ئېيتىلغاندەك شۇقەدەر ئەركىن - ئازادە ئىدى. ئۇلار بېشىغا شەپەقرەڭ سارغۇچ كىچىك دوپپا، ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك كۆڭلەك ۋە  يېشىل رەڭلىك ئىشتان كىيىۋالغانىدى. ئۇلار بۇ ناخشىنى ئەتىگەندىن - چۈشكىچە ئېيتىپ، ئاندىن بىرئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن تاكى كۈن ئولتۇرغىچە ئېيتتى. ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە، قىزغىنلىقىغا، ئاۋازىغا چەكسىز كۈچ يوشۇرۇنغاندەك ئىدى.
    بىز شەھەردە ئالدىراشچىلىق، ئەنسىرەش ياكى غەم - ئەندىشە ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسەكمۇ، لېكىن مۇشۇنداق ناخشىنى ئېسىمىزگە ئالغىنىمىزدا ئاشۇ ئىللىق ئېقىمدىن قەلبىمىز قانداقمۇ ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن؟

    2003 - يىل 3 - سان
    تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.