ئۇنىڭ ئىسمى پېت

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-30 00:24:00

ئۇنىڭ ئىسمى پېت ۋېليام فولكنېر ئۇنىڭ ئىسمى پېت، ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر ئىت .ئۇ ئەمدىلا ئون بەش ئايلىق بولغان ئوۋ ئىتى بولسىمۇ ،يەنىلا قاۋۇل بىر ئىت ھېساپلىنىدۇ .ئۇ قىسقىغىنە بىر ئوۋ پەسلىنى باشت...

    ئۇنىڭ ئىسمى پېت

     ۋېليام فولكنېر ئۇنىڭ ئىسمى پېت، ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر ئىت .ئۇ ئەمدىلا ئون بەش ئايلىق بولغان ئوۋ ئىتى بولسىمۇ ،يەنىلا قاۋۇل بىر ئىت ھېساپلىنىدۇ .ئۇ قىسقىغىنە بىر ئوۋ پەسلىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا قانداق قىلغاندا ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ( ئاشىنچىلىك ئۆمۈر كۆرەلىسە ) ياخشى بىر ئىت بولۇشقا تىرشىپ كەلدى . ئۇ پەقەت بىر ئىت. ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ يوق. شۇنداقلا بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ھايات قالمايدۇ . ئۇ بۇ دۇنياغا كەلگەندىن بويان ، ئۇنىڭ قوينىدىن تەلەپ قىلغانلىرى كۆپ بولمىدى مەسىلەن ، تاماق ( ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر ،ھەتتا نىمە بولسىمۇ مەيلى ، پەقەت كۆيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭغا بېرىلسىلا بولىدى.)،قول ئۇنى مىھىرلىك سىلغاندا پەيدا بولغان سېزىم ، بىر ئاۋاز ( گەرچە ئۇنى پەرىق ئېتەلمىسىمۇ ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالسىمۇ )، ئۇ يۈگۈرگىلى بولىدىغان زېمىن ، نەپەس ئالغىلى بولىدىغان بوشلۇق ، تۆت پەسىل ئىچىدىكى قۇياش نۇرى، بۇران _ يامغۇر شۇنداقلا ئۇ يېيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۆدۈنە . بۇ ئۇنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى . ئۇ ئەزەلدىن زېمىن بىلەن پىشىق تۇنۇش . ئۇ ئۆزى ئىگە بولغان بۇ تۇغما خۇسۇسىيەتنى قۇياش نۇرى ئاستىدا ناھايىتى ياخشى ھېس قىلالايدۇ . ئۇ ئاسانلا بۆدۈنىنى ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراش ئارقىلىق بىلىۋالالايدۇ . بۇ خىل ئۇچار _ قۇشلارنىڭ ھىدى ئارقىلىق ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۇنىڭ قاۋۇل ۋە ساداقەتمەن ئەجداتلىرى ئاللا بۇرۇن ئۇنىڭغا ئاتتا قىلغان . يوقاردىكىلەر ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەر . ئەگەر ئۇنىڭ ئۆمۈرى تەبئىي داۋاملىشىپ ئاخىرلاشماقچى بولسا سەككىز يىل ،ئۇن يىل ياكى ئون ئىككى يىل يېتىپ ئاشىدۇ .چۈنكى ئون ئىككى يىل ئۇزۇن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەرياندا ئۇ ھېچقانچە نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ . گەرچە ئون ئىككى يىل قىسقا بولسىمۇ ،نورمال ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۆمرى ئۆزىنى بېسىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ماشىنىدەك تۆت ماشىنىنىڭ ئۆمۈرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۆمكۈن . بۇ خىل ماشىنىنىڭ يوقۇرغا يامىششى سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا ،ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغان ھەرقانداق قاۋۇل ئوۋ ئىتى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ . بىراق، پېتنىڭ ئۆمۈرى ھەتتا بىر ماشىنىنىڭ ئۆمۈردىنمۇ ئاشالمىدى .ئۇ بۇ ماشىنىنى قۇغلىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ تاشيولغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇننداق ئىشنى قىلماسلىقنى ئۈگۈنىۋالغان .ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يولدا تۇرۇپ ئاتقا مۈنىۋالغان خوجايىنى كىچىك قىزنىڭ ئۆزىگە يېتىشىۋىلىشىنى كۈتىۋاتاتتى ھەم ئۇنى بېخىتەر ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قوغداۋاتاتتى . ئۇ يولدا تۇرماسلىق كېرەك ئىدى . ئۇ يول بېجى تاپشۇرمىغان ، شوپۇرلۇق پىراۋىسمۇ يوق ھەم ھىچ كىمگە ئەزەلدىن بىلەت تاشلاپ باقمىغان ئىدى .ئېھتىمال مەسىلە ئۇ تۇرغان قورودىكى گۈدىكى ۋە تورمىزى بار ماشىنىدىن چىققان بولۇشى مۆمكىن .ئۇنىڭ نەزىرىدە بارلىق ماشىنىلار يۇقىرىدىكى ماشىنىغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئەگەر بىز شوپۇر ئىتنى كۆرمىگەن بولىشى مۆمكىن دىگەن ھۆكۈمنى چىقارساق ،بۇ تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ .بۇنداق بولغاندا كۆرۈش ئىقتىدارنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىق مەسىلىسى چىشلەپ تارتىلغان بولۇپ قالىدۇ . ئېنقكى ھەرقاندق ئادەم ئىككى ماشىنا بىمالال ئۆتەلەيدىغان يول ئۈستىدە قۇياشقا دۈمبىسىنى ئۇدۇل قىلىپ تۇرغان بىر ئۆۋ ئىتنى كۆرەلمەيدۇ .بۇنىڭدىن باشقا ھىچ كىم گۈدىكى ياكى تورمىزى يوق ماشىنىنى ھەيدەشكە جۇرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر پېت بولمىغان بولسا نۆۋەت دەل كىچىك قىزغا كەلگەن بۇلاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئارقىلىق بىر كىچىك قىزنى سوقۇپ ئۆلتۈرۋىتشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنلىكىنى ھەممە ئېنىق بىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ماشىنا ھەيدۈگۈچىنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قالغان . مانا بۇ ھەقىقى سەۋەپ بولالايدۇ .شوپۇرنىڭ ئالدىدا يەنە باسىدىغان بىر نەچچە كېلومىتىر يول بولغانلىقتىن ، كەچلىك تاماققا ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىرغان گەپ.دەل مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئۇ ماشىنىنىڭ سۈرتىنى ئاستىلىشقا ،ماشىنىنى توختۇتىشقا شۇنداقلا پېتنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان . دىمىسىمۇ شوپىرنىڭ ئۇستىخانلىرى چۇل _ چۇل بولۇپ ئېرىق ئىچىدە ئازاپلىق غېڭشىپ جان تالىشىۋاتقان بىر ئىت ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرتىپ توختىشى ئېنقكى مۆمكىن بولمايدىغان ئىش . نىمە دىگەن بىلەن ماشىنا پېتتىن ئاللا بۇرۇن ئوزاپ كەتتى .قۇياش ئۇنىڭ تومانلاشقان كۆزلىرى ئالدىدىكى ئورمانلىققا قىيسىيشقا باشلىدى .بۇ پەيىتتە ئۇ شوپۇردىن پېتنىڭ ئازاپلىق غېڭشىشلىرنى چوقۇم ئاڭلىيالايدۇ دەپ ئۈمىت كۈتۈشكە بولامدۇ؟ بىراق پېت بۇ شوپۇرنى يەنىلا كەچۈرىۋەتتى . ئۇ ئون بەش ئايغا يەتمىگەن ھاياتىدا ئىنسانلاردىن مىھرىۋانلىقتىن باشقا ھىچ نەرسىگە ئېرىشىپ باقمىدى . ئۇ يەنىلا ئۆمۇرىنىڭ ئېشىپ قالغان ئالتە يىلىنى، سەككىز يىلىنى ياكى ئون يىلىنى بىر كىشىنىڭ كەچلىك تامىقىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشقا رازى .

    * << ھاياتلىق سوۋغىسى >> ،خبىي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 308_ بەت نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق