تەكلىماكان دۇنيا قەبرىستانلىقى بولامدۇ؟(جۇتاۋ)

يوللىغۇچى : irtish يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-26 00:08:00

يازغۇچى جۇتاۋنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرى "شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ سەركىسى" دېگەن نامى بار شىنجاڭلىق ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچى، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ "قەشقەردىكى يەر شارى" ناملىق توپلىمىغا كىرىش سۆز يې...

    يازغۇچى جۇتاۋنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرى "شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ سەركىسى" دېگەن نامى بار شىنجاڭلىق ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچى، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ "قەشقەردىكى يەر شارى" ناملىق توپلىمىغا كىرىش سۆز يېزىپ،مىللىتىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق ئەدىپ جۇتاۋ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 10-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدا "تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش" تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئەينى چاغدا بۇ تەكلىپ كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمىغان،لېكىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭلىق داڭلىق خەنزۇ شائىر شېنۋېي بۇ تەكلىپنى "شىمالىي قوۋۇق سىرتى مۇنبىرى" (北门外论坛) ۋە "جەنۇب ئازنىسى" (南方周末 ) گېزىتىنىڭ تور بېكىتىگە يوللىغان.
        بۇنىڭ بىلەن بۇ يازما جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى خېلى كۆپ مەتبۇئاتلاردا تارقىتىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ تەكلىپنى ياقلايدىغانلار ۋە ئەيىپلەيدىغانلار كەسكىن ئىككى قاشقا ئايرىلىپ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
       جۇتاۋ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن : تەكلىماكان قۇملۇقى قەبرىستانلىقى دۇنيادىكى ئاسىيا،ياۋرۇپا،ئافرىقا،ئوكيانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بەش قىتئە بويىچە رايونلارغا بۆلىنىدۇ،ئۇنىڭدا دۆلەت ۋە ئىرق پەرقى بولمايدۇ،دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئاممىۋىي قەبرىستانلىقتا راۋان يوللار بىر-بىرىگە تۇتاشقان بولىدۇ، ھەرخىل قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ تۇرىدۇ، ياۋا تۆگە،ياۋا ئات، كىيىك قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ياۋا ھايۋانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرخىل رەڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئەرۋاھىغا ھەمراھ بولىدۇ. تىرىكلەر ئۇنىڭدا ئايلىىنىپ يۈرگەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىدە تەقۋالىق ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسى قوزغىلىپ، ئۆزىنى گويا ئاجايىپ مەنزىلدە ۋە مۇقەددەس جايدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىشىدۇ.
        جۇتاۋنىڭ قارىشىچە،بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن زور بولىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەلىي كۈچى بار،يىراقنى كۆرەلەيدىغان خەلقارالىق شىركەتلەر ئىشتىراك قىلىشى، ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىشى كېرەك، بۇ قۇرۇلۇش نەچچە مىليارت يۈەن بولمىسا پۈتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ تەكلىپكە بولغان ھەر خىل ئەيىپلەشلىرىگە قارىتا، شائىر شېنۋېي جۇتاۋنى ياقلاپ مۇنداق دېگەن: دەۋر نامراتلىقىنىڭ بىرى - تەسەۋۋۇرنىڭ كەملىكىدۇر. ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يول ئاچقاندىلا، بىر مىللەت تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ،ئۇنىڭ قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. مەن كروراندىكى ئەرۋاھلارغا قېرىداش بولۇپ،ئۇلار بىلەن بىللە ئىنسانىيەتنىڭ تەكلىماكانىنى سەيلە قىلىشنى خالايمەن.
       نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بولغان سۇئاللىرىغا قارىتا جۇتاۋ مۇنداق دېگەن: ئەلۋەتتە، تەكلىماكانغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە جەسەت يۆتكەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى .بىرىنجى قەدەمدە ئاددىي پۇقرالارنى ئويلاشماسلىق كېرەك، تەكلىماكانغا خالىغان ئادەمنى دەپىن قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتى چوقۇم تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بۇ تەكلىماكان قەبرىستانلىقىغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، داھىيلار، مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە-تەنتەربىيە چولپانلىرى، لېي فېڭچە شەخسلەر ، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەر، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتىگە تۆھپە قوشقان ئادەملەر دەپىن قىلىنىشى كېرەك. بۇ ناھايىتى چوڭ شان-شەرەپ بولۇشى لازىم.  تەكلىماكاندا جەسەتلەر ياىشى ساقلىنىدىغان بولغانلىقتىن 50يىلدىن ياكى 100 يىلدىن كېيىن ھۈجەيرە كلونلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مارلىن مونرۇ (ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى،كەم ئۇچرايدىغان ساھىبجامال) نى ياساپ چىقىش ئىمكانىيىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
        جۇتاۋ يەنە مۇنداق دېگەن:بارلىق دەپنىگە مۇھىت ئاسرايدىغان بۇيۇملار ئىشلىتىلىدۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دەپنە ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان شەھرلەرگە ئايلىنىدۇ، ھەر يىلى بۇيەرگە مىيىتلارنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ۋە قەبرە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغانلاردىن كىرىدىغان كىرىملا  تەكلىماكان ئەتراپىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنى ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇرىدۇ. مېنىڭ ئويۇم مېنىڭ ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، باشقىلار قانداق باھا بەرسە مەيلى، ھەتتا قارشى تۇرسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن بىلەن ئالاقىسى يوق. مېنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا تەكلىپ بېرىشىم قانۇنغا ئۇيغۇن.
        قانداق ئىش قانۇنلۇق بولىدۇ؟ دۆلەتكە،خەلىققە پايدىلىق ئىش قانۇنلۇق بولىدۇ.
    مېنىڭ بۇ تەكلىپنى بېرىشىم ئۆزۈمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى شىنجاڭنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن. [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 18:29:03]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق