ئاچ ئىشىكنى مەن كەلدىم-تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى ئاغدۇرمىسى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-01 18:18:34

ئاچ ئىشىكنى مەن كەلدىمتۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى ئىشىكنى چەكتى…ئىچىدىن ئاۋاز يوق. يەنە بىر قېتىم چەكتى، يەنە يوق… ئەمدى ،《 بەلكىم ئۇخلاۋاتقانلار باردۇر، راھەتسىزلەندۈرمەي》دەپ ئويلاپ ب...



     

    ئاچ ئىشىكنى مەن كەلدىم

    تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى

       ئىشىكنى چەكتى…ئىچىدىن ئاۋاز يوق.

       يەنە بىر قېتىم چەكتى، يەنە يوق…

       ئەمدى ، بەلكىم ئۇخلاۋاتقانلار باردۇر، راھەتسىزلەندۈرمەيدەپ ئويلاپ باسمىغان ئىشىك قوڭغۇرۇقىغا كەلدى.

       قوڭغۇراق چېلىندى ، يەنە ئاۋاز يوق، يەنە بىر قېتىم چېلىندى …

       يوق…

       بىرازدىن كېيىن نەپىسىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئىچىگە قۇلاق سالدى.

       شۇنداق، ئىچىدىن ئاۋاز كەلدى، ئۇ ئەسلىدە ئىچىدە ، دەپ ئويلىدى ۋە ئەقلىگە ئىككى خىيال كەلدى.

       ياكى تۇيمىدى ياكى قەستەن ئاچمايۋاتىدۇ؟…

       توغرا، بەلكىم بىرەر سەۋەب باردۇر دەپ ئويلىدى ، ئاچماي قالماس دەپ ئارتۇق ئويلىماستىن ئىشىك قوڭغۇرۇقىنى…

       يۈزىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى ۋە قەلىبىدىكى ئوتلارنىڭ يالقۇنلىغىنىنى ھىس قىلدى.

       ئازابلىق بىر ھىكايە ئىشىكىدە ۋەقەنىڭ جەريانىغا تۇتۇلغانلىقىنى ھىس قىلدى ۋە تىترىدى.

       شۇ ئەسنادا ئەقلىگە بىردىن قول تېلفۇنغا تېلفۇن قىلىش كەلدى ۋە قول تېلفۇننى ئالدى، ئۇردى، ئەمما جاۋاپ يوق!…

       بىر قولى قول تېلفۇندا يەنە بىر قولى بولسا ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىدا, تۇيماسلىقى مۇمكىن ئەمەسدېگەن خىيال ئېلكىدە ، يان خوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، قىسقىغىنە ھىچ نەرسە دېيىشمەستىن ئىككىيلەن بىر-بىرلىرىگە نەزەر سېلىشتى...

       قوشنىسى ناھايىتى تەمكىن، ئۇ بولسا قول تېلفۇنى بىلەن ئىشىك قوڭغۇرۇقى زورۇختۇملىقىنىڭ ئوڭايسىلىقى ئىچىدە ۋە شۇنچىلىك ئېزگۈن.

        -《ئەجىبا ئۆيدە يوقمۇ؟خىجىللىق ئېلكىدە سورىدى خوشنىسىدىن.

       قوشنىسى ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:سەنچە؟دەپ جاۋاپ بەردى.

       شۇنداق، بۇ سۇئال شۇنچىلىك ئوڭايسىز سورالغان ئەمما جاۋابى يوقلىقى ئېنىق…

       پەقەتلاشۇدېدى،يەنى شۇ》!

        -《مېنىڭچە ئىچىدە، سەۋەبى ئاۋاز تۇيغۇدەك كەلمىگەندۇ، ھە-قانداق بولسا مەن كىرىپ كېتەي،شۇ-توغرا،ئەپۇ سورايمەن؟چوڭقۇر ئەپۇ سورايمەن

        - باقدېدى، خوشنا:

          -《ئۇ ئىشىكنىڭ ساڭا ئېچىلمايدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىڭمۇ؟

       ئىستىگىنىڭ قەدەر ئىشىك قوڭغۇرۇقىنى باس، ئىشىكنى چەك، تېلفۇن قىل، بىر ئىشىك ئېچىلمىغان بولسا دېمەك ئېچىلمايدۇ.

        ئۇ ئىشىك ساڭا ئېچىلىدىغان بولسا تۇنجى چەككىنىڭدە ئېچىلماسمىدى؟

        تېخى سەن چەكمەستىن ئۇ ئىشىك ساڭا ئېچىلماسمىدى؟

        ئەمدى پەقەتلا شۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەر، سەن ھىچ بۇ خىل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانمۇ؟

        بىر دەقىقىدە ھەقىقەتنىڭ بۇ قەدەريەنە كېلىپ ناتۇنۇش بىرى تەرىپىدىن يۈزۈمە ئوچۇق ھەم قوپال سۆزلىنىشىنىڭ ئوڭايسىزلاندۇرۇشى بىراز ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن    .

       《سىزكىم ئېدىڭىز خۇدا ھەققى؟!دېدى.

        《مەنمۇ؟دېدى.《مەن ھەقىقەتمەن، سەن كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئۈمۈدىدە بولغان ھەقىقەتمەن، ئۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنىڭ  سېنىڭ ئۈچۈن بىر خىيال بولغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈدەك ھەقىقەت، مەسىلەن، سېنى ئۇمۇ چاقىردى؟ ياق. ساڭا بىر ۋەدە بەرگەنمۇ؟ ياق. سەن پەقەتلا ، بارىمەن، ئۇ ئىشىك ماڭا ئېچىلىدۇ دىدىڭ. خوش، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمنىغان ھالدا،  ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىغا ۋە سېنىڭ غەزەپلىنىشىڭگە سەۋەپ بولغان ئۇ نېمە؟

       ئەمدى مېنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا:

       《خاتا ئىشىكلەردە ۋاقتىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمە،  قوڭغۇراق چالماستىن ئېچىلىدىغان ئۆز ئىشىكىڭنى ئىزدە، ئاقساقاللىقىڭنىڭ      خىجىللىقىنى تارتىشىڭنىڭ كېرىكى يوق ۋە ئېچىلمىغان بىر ئىشىك يۈزۈڭگە يېپىلغان بىر ئىشىكتىن تېخى ياخشى، بۇنىمۇ ئۇنۇتما》…

       خوشنىنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەن ، ئىشىكتىن ئارقىغا چېكىندى ۋە لېفىتتېزسۆرگۈچنىمۇ ساقلىماستىن پەلەمپەيدىن ئۇچقاندەك چۈشۈشكە باشلىدى…

       خوشنىسى ھەقلىقتۇر، ئىچىدە: مەن بولساممۇ ھەق... ۋە قۇلاقلىرىدا ئاخىرقى سۆز.

     《ئېچىلمىغان بىر ئىشىك يۈزۈڭگە يېپىلغان بىر ئىشىكتىن تېخى ياخشىدۇر،بۇنى ئونۇتما!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىشىك خوشنا يۈز _