بالىڭىزنى بىر ئۆمۈر يۆلىيەلەمسىز

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-03 11:38:17

بالىڭىزنى بىر ئۆمۈر يۆلىيەلەمسىز بىر كۈنى، خەلق مەيدانىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بەش-ئالتە ياشلارغا كىرگەن ئوماق بىر بالىسى غالتەكلىك ئاياغدا تېيىلىپ ئويناۋات...

     

    بالىڭىزنى بىر ئۆمۈر يۆلىيەلەمسىز

     

      بىر كۈنى، خەلق مەيدانىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بەش-ئالتە ياشلارغا كىرگەن ئوماق بىر بالىسى غالتەكلىك ئاياغدا تېيىلىپ ئويناۋاتاتتى، شۇ ئارىدا بالا يىقىلىپ ئورنىدىن تۇرالمىدى، بۇنى كۆرگەن ئانا دەرھال بېرىپ بالىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويدى، بالا شۇ ئوينىشىدا بىر قانچە قېتىم يىقىلدى، ئاپىمۇ بىر قانچە قېتىم بېرىپ بالىنى يۆلەۋەردى، ئەمما ئانىنىڭ زېرىكمەي بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. بالىنى كىچىك دەپلا «يۆلەپ تۇرغۇزۇش» داۋاملىشىۋەرسە بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە، كەلگۈسىگە تەسىر يەتكۈزمەسمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋال بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكا، قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسمۇ؟  ھېلىقى بالا يىقىلغان چاغدا ئانىسى ئۇنى يۆلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشقا يېتەكلىگەن، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن بولسا، بالا كېيىنكى قېتىم يىقىلغان چاغدا تەمتىرىمەستىن، بىر كىمنىڭ كېلىپ يۆلەپ قويۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن، دەرھال ئورنىدىن تۇرغان بولاتتى.

      مەدەت بېرىش ھەرگىزمۇ يۆلەپ تۇرغۇزۇش ئەمەس. نالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىش ئىدىيەسىدە چوڭ بولسا، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل رىقابەتلەردە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھېلىقى ئانىغا شۇنداق دېگۈم كەلدىكى:  بالىڭىز ئۆزى تۇرالايدۇ، سىز ئۇنىڭغا مەدەت بېرىڭكى، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە تاياندۇرۇپ قويماڭ، چۈنكى سىزنىڭ ئۇنى بىر ئۆمۈر يۆلەپ كېتەلىشىڭىز ناتايىن.

      <ئاسىيا كىندىكى> گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.