ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟(مۇۋەپپەق

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-15 08:55:59

ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟(مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق)نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ قارايدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇ يەردىكى، ئوخشاش شەرت-شارائىت ئاست...

    ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟(مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق)


    نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ قارايدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇ يەردىكى، ئوخشاش شەرت-شارائىت ئاستىدا، نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئەكسىچە بىر قىسىملا ئۇنداق قىلالمايدۇ؟  مەيلى كارخانا ئۇرۇن، ھۆكۈمەت ئورگىنى ياكى كەسپىي ئۇرۇندا ئىشلىگەن بولسۇن، ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئورتاق بىر خىل خاس قابىلىيەت ۋە خاراكتېر جەلىپكارلىقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئاددىي ھالدا تەلەيگىلا ياكى تاساددىپىي پۇرسەتكىلا باغلاپ قويغىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئاشۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئۆزىگە ئىزچىل ھەمراھ قىلغان قابىلىيەتلەر قايسىلاردۇ؟

    1. مەسىلە ھەل قىلغاندىكى تەتۈر تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى
    ئۇلار يېڭى بىر مەسىلىگە يولۇققاندا، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئايدىڭ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ،  مەسىلە ھەل قىلىشتىكى تەتۈر تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ.

    2. مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇش ئىقتىدارى
    يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇققاندا،  ئۇلار كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزىنى باشقۇرغۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇردىكى توقۇنۇش ۋە ئازارىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ئىشىنىشكە، دوستلىشىشقا لايىق كىشىلەردۇر.

    3. باشقىلاردىن كۈچلۈك بولغان خۇلاسىلاش ئىقتىدارى
    ئۇلار مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، يىغىنچاقلاش ۋە خۇلاسىلاش جەھەتتە ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە، شۇڭا ئۇلار مۇشۇ خىل يوللار ئارقىلىق قوشلاپ ھوسۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. باشقىلار پۇت-قولى يەرگە تەگمەي ئىشلەپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇلار بەخىرامان ھالدا ئۆز ئىزدىنىشىنىڭ غەلبە مېۋىسىنى تېتىپ يۈرگە ن بولىدۇ.

    4. كۈچلۈك بولغان يېزىقچىلىق ئىقتىدارى
    باشقۇرغۇچىلارياكى خوجايىنلار ھەرقاچان ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يېزىلغان خەت-چەكلەرنى ئوقۇپ بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاددىي، ئەمما يىغىنچاق، مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلغان دوكلات ۋە باشقا خەت-چەكلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان تونۇشى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىيالايدۇ.

    5. ئۇچۇر ۋە ماتىرىياللارنى يىغىنچاقلاش ئىقتىدارى
    ئۇلار قانۇن-نىزام، سىياسەت، دوكلات، پىلان، لايھە، مەلۇماتنامە، مەشغۇلات يۈرۈشىشى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، باھالاش لايھىسى دىگەندەك كۆپ خىل ئۇچۇرلاردىن ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى توپلاشنى، يىغىنچاقلاپ چىقىشنى بىلىدۇ. بۇ خىل يىغىنچاق، مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلار سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى تېخىمۇ نامايەن قىلالايدۇ.

    6. مەسىلە ھەل قىلىشتا لايھە بېكىتىش ئىقتىدارى
    ئۇلار مەسىلىگە يولۇققاندا "سۇئال-جاۋاپ" شەكلىدە ئەمەس، بەلكى "تاللاش سۇئالى" شەكلىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر بولسا ئاۋال باشلىقىنڭ يوليۇرۇقىنى ئاڭلاش، ئاندىن مەسىلە ھەل قىلىش خاھىشىغا ئىگە.

    7. نىشاننى تەڭشەش ئىقتىدارى
    مەلۇم ئادەمنىڭ نىشانى مەلۇم بىر تەشكىلات ياكى توپ ئىچىدە گەۋدىلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ھەم شۇنداقلا ئۇ نىشان شۇ توپ ياكى گۇرۇپپىنىڭ مۇھىتىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار ھەمىشە قىسقا مۇددەتلىك نىشانلارنى تەڭشەش ھەمدە شۇنىشانلىرىنى شىركەت (ياكى شۇ ئۇرۇننىڭ) نىشانلىرىغا ماس ھالدا بىردەكلىككە ئىگە قىلالايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاسانلا كۆز قاراش ئورتاقلىقى ئەمەلگە ئېشىپ، قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئورتاق تىل بىرلىكى شەكىللىنىدۇ.

    8. ئادەتتىن تاشقىرى ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرى ئىقتىدارى
     مەغلۇبىيەت، توسقۇنلۇق، زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىرىزىس ۋە خىرىسلار ئىچىدىن قوتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەيدۇ ھەم چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى، جاسارىتىنى قايتىدىن ئۇرغىتىدۇ. ئۇلار ئىشىنىدۇكى:"ياراتقۇچى سىزگە بىر ئىشىكنى يېپىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولىدۇ".

    9. خەت-ئالاقە ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى
    باشقۇرغۇچىلىرى ياكى خوجايىنلاربىلەن توقۇنۇش ۋە ئارازىلىق كېلىپ چىققاندا، ئۇلار ھەمىشە ئېلخەت، خەت ۋە باشقا دوكلات شەكىللىك ئالاقىلەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ(ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىرقىسىم ۋاقىتلاردا يۈزتۇرانە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلىسىز).

    10. كارخانا مەدەنىيتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارى
    ئۇلارنى ھەرقانداق بىر يات مۇھىتنىڭ تەلىپىگە (كارخانا مۇھىتىغا) ئۇيغۇنلىشىشتا تالانت ئېگىلىرى دىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلار يېڭى مۇھىت، يېڭى ئۇرۇنغا خۇددىي بېلىق سۇغا ئۇيغۇنلاشقاندەك ناھايتى تېزلا سىڭىپ كىرىشەلەيدۇ.

    11. ئىش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە (بوھرانغا) بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى
    كەسكىن رىقابەت، كارخانا كىرىزىسىنىڭ چوڭىيىشى بەزىدە تولىمۇ ئۇشتۇمتۇت بولىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئىش ئورنىڭ ياكى خىزمىتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى "تاماق قاچىسى"نىڭ چېقىلىشى-خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئۇلارنى قورقىتالمايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئادەتتىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ شەخسىي تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھاياتلىقتىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

    12. ئوبيېكتىپ بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىك ئىقتىدارى
    ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىزدىنىشىدىن شۇنى بايقىيالايسىزكى، ئۇلارنىڭ ئۆز تەشكىلىگە، كارخانىسىغا قارىتا چەكسىز ساداقەتمەنلىكى بولغان بولىدۇ. ئۇلار ساداقەتمەنلىكنىڭ نوقۇل شىركەت خوجايىنىغىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ بەھىرلەنگۈچىلەرگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەشكىلىگە بولغان سەمىمىيلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرەلىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئېرىشىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

    13. تەربىيلىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە بولغان ئاكتىپچانلىقى
    ئولار ھەربىر قېتىملىق تەربىيلىنىشنى بىر پۇرسەت، دەپ بىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم شىركەتتە ئۇلارنىڭ مۇئاش ياكى پاراۋانلىقى ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە بولمىسا، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ...تەربىيلىنىش ۋە ئەمەلىيەت پۇرسىتى تۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ پۇرسەتلەرنى خوشاللىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالتۇن شوتىسى دەپ بىلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.