سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

يوللىغۇچى : osman1996 يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-03 19:20:00

ھېچكىم كېيىن بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، چۆلدە يالغۇز ئېزىپ قالىدىغان، باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ قېلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي...

         ھېچكىم كېيىن بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، چۆلدە يالغۇز ئېزىپ قالىدىغان، باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ قېلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي «بېشىمىز تۆرۈپ قالىدىغان»، قىبلىنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشلىرىمىزمۇ مۇمكىن. ... دەرد-ئەلەملەر كېلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ باشىگە... ئەمەسمۇ؟ شۇنداق چاغدا قولىڭىزدا سائەت بولسىلا، يۆنىلىشنى بىمالال پەرقلەندۈرەلەيسىز. سائىتىڭىزگە قاراپ، شۇ يەر ۋاقتى قانچە بولغان بولسا، شۇنى ئىككىگە بۆلىسىز. چىققان ساننى قۇياشقا ئۇدۇل قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن «12» ئىستېرىلكىسى كۆرسەتكەن تەرەپ _ شىمال بولىدۇ. شىمال ئېنىق بولغاندىن كېيىن، «ئالدىم شىمال، كەينىم جەنۇب، ئوڭۇم شەرق، سولۇم غەرب» بويىچە قالغان تەرەپلەرنى ئېنىقلايسىز. مەسىلەن: سائەت 10 بولغان بولسا، ئىككىگە بۆلسىڭىز 5 بولىدۇ. سائەت تەخسىسىدىكى 5 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىسىڭىز، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ. چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالسا، 24 سائەتلىك بويىچە ھېسابلايسىز. مەسىلەن: ھازىر چۈشتىن كېيىن سائەت 6 بولدى. بۇ 18 دېگەن گەپ. ئىككىگە بۆلسەك، 9 بولىدۇ. 9 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىساق، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ. قېنى سىناپ بېقىڭلار (باشقۇرغۇچىلار بۇ تېماممنى تەستىقىلىسىلا) مەنبە:<<تەرمىلەر>>دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق