ئەقىللىق دېھقان

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-26 16:48:18

ئادەم كۈچى بايلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىزمەتچى خادىم خوجايىن ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەركىن ئازادە دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سەھراغا ساياھەتكە بېرىپتۇ.

     
    ئەقىللىق دېھقان

    ئادەم كۈچى بايلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىزمەتچى خادىم خوجايىن ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەركىن ئازادە دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سەھراغا ساياھەتكە بېرىپتۇ.
    ئۇ ئېتىنى قوشۇپ يەر ھەيدىمەكچى بولۇپ تۇرغان خاررى ئىسىملىك بىر دېھقاننى ئۇچرىتىپتۇ. خاررى ئېتىغا:
    -چۇ...چۇ...بېيتىيە!-دەپ توۋلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېتى پەرۋامۇ قىلماي جايىدا تۇرىۋېرىپتۇ.
    -چۇ...چۇ...جېكسون!
    -چۇ...چۇ...توماس!
    دېھقان خاررى كەينى-كەينىدىن تۆت ئىسىمنى ئالماشتۇرۇپ توۋلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئات بىر قەدەممۇ ماڭماي جايىدا تۇرىۋېرىپتۇ. ئاخىرىدا خاررى:
    -چۇ...چۇ...بېيتىيە!-دەپ توۋلىشىغىلا، بۇ ئات باشقىچە روھلىنىپ يورغىلاپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.
    ھېلىقى خادىم بۇ ئەھۋالنى زادىلا چۈشىنىپ يېتەلمەپتۇ، ئاخىرى بولماي دېھقاندىن:
    -ئېيتىڭا، بۇ ئاتنىڭ تۆت ئىسمى بارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. دېھقان:
    -ئۇنىڭ بېيتىيە دەپ بىرلا ئىسمى بار،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
    ئۇ خادىم تېخىچە ئاڭقىرالماي:
    -ئەمىسە سىز ئۇنىڭ ئىسمىنى نېمىشقا ئۈچ قېتىم خاتا چاقىردىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ. خاررى بۇنى ئىزاھلاپ:
    -مېنىڭ تۆت ئېتىم بار، بۇلاردىن  مۇشۇ بېيتىيەنىڭلا ئىككى كۆزى كۆرمەيدۇ. ئۇ دەسلەپتە يالغۇز ئۆزىنىلا كۈچەپ ئىشلەۋاتىمەنغۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى، شۇڭا بايا كېلىپلا ماڭماي تۇرۇۋالدى. مەن ئۇدا ئۈچ ئاتنىڭ ئىسمىنى توۋلىغانىدىم، ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
    خىزمەتچى خادىم بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نېمىدۇر بىر نەرسە توغۇرلۇق خىيال سۈرۈپ قالدى، يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.