غەلىتە دورا (شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-14 01:57:00

غەلىتە دورا (مىكرو ھىكايە) شىنىچى خۇشى(ياپونىيە) ئەپەندىنىڭ دوستى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كېلىپ: ـ سىز دورا بىلەن ھەپىلىشىشنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىكەنسىز جۇمۇ، ئۆيىڭىزگە ھەر قېتىم كەلسەم دورا ئا...

    غەلىتە دورا (مىكرو ھىكايە)

    شىنىچى خۇشى(ياپونىيە)

         ئەپەندىنىڭ دوستى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كېلىپ: ـ سىز دورا بىلەن ھەپىلىشىشنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىكەنسىز جۇمۇ، ئۆيىڭىزگە ھەر قېتىم كەلسەم دورا ئارىلاشتۇرۇپ، دورا قىزىتىپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرىمەن. بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالىدىڭىزمۇ؟ ـ دىدى. ـ سىز مەن ئۈچۈن خوشال بولىسىڭىز بولىدۇ! ئاخىرى كارامەت ئۈنۈملۈك بىر دورا ئىشلەپ چىقتىم. مانا قاراڭ! ـ دىدى k ئەپەندى دورا پاراشوكى قاچىلانغان بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ، دوستى دورا بوتۇلكىسىغا قاراپ: ـ بۇغۇ يامان ئەمەس ئىش بوپتۇ. بىراق بۇ نىمە دورا؟ ـ دەپ سورىدى. ـ زۇكام دورىسى. ـ زۇكامنىڭ باشقا دورىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ دورىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ ـ سىز بۇنىڭ ئۈنىمىگە قاراپ تۇرۇڭ، ھە، ـ k ئەپەندى سۆزلىگەچ دورىنى كىچىكىنە ئېلىپ يىدى. دوستى گاڭگىراپ قالدى: ـ ئۇ دورىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتمەكچى بۇلۋاتامسىز؟ بىراق سىز زۇكام بولمىغان تۇرسىڭىز؟ ـ ئالدىرىماي قاراپ تۇرمامسىز. بىردەمدىن كېيىن k ئەپەندى يۆتىلىشىكە باشلىدى. دوستى ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ كۈرۈپ دىدى: ـ قىزىپ كىتىپسىز! بۇ قانداق ئىش؟ ـ ھەيران بولماي تۇرۇڭ. بۇ، زۇكامنى داۋالايدىغان دورا ئەمەس، بەلكى زۇكام پەيدا قىلىدىغان دورا. ـ زادىلا چۈشىنەلمىدىم. بولدى، بولدى، ماڭىمۇ يۇقتۇرۇپ قويماڭ يەنە. ـ چاتاق يوق، ھەي، توختاپ تۇرسىڭىزچۇ. بىر سائەتلەردىن كېيىن، k ئەپەندىنىڭ يۆتىلى توختىدى، قىزىتمىسىمۇ ياندى. دوستى بارغانسېرى گاڭگىراپ قالدى: ـ بۇ مۇنداق ئىش: بۇ دورىنى يىگەندە قارىماققا راستىنلا زۇكام بولغانغا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. ئەمىليەتتە بۇ پەقەت سىرتقى ئەھۋال. دورا يىگەن ئادەمدە قىلچە ئاغىرىق ئازاۋى بولمايدۇ، سالامەتلىككىمۇ زىيىنى يوق. بىر سائەتىن كېيىنلا ئەسلىگە كېلىدۇ. ـ بۇغۇ قالتىس ئىسىل بۇپتۇ! بىراق بۇ دورىڭىزنى نىمىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ ـ شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ ئاغىرىق بولىۋىلىپ دەم ئالماقچى بولغاندا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، خۇشياقمىغاندا ئىشلىمەسلىكنىڭ ئامالى ـ دە. ئۇنىڭ چۈشەندۇرۈشىنى ئاڭلاپ دوستى ناھايىتى قايىل بولدى: ـ مانا، مانا، قالتىس ئەپلىك چارىكەن بۇ. ئەگەر خوشياقمىغان ئىش توغرا كېلىپ قالسا، بۇ دورىنى يەۋېلىپ، نىمىلا دىسە يوللۇق بولغۇدەك ئەمەسمۇ؟ بەك ئىسىل بوپتۇ! ماڭا ئازراق بەرسىڭىز بولغۇدەك، ـ مانا قاراڭ، ئالغۇڭىز كېلىپ قالدى ـ ھە، چاتاق يوق. ئازراق بەرسەم بېرەي. دوستى دورا قاچىلغان كىچىك قۇتىنى ئېلىپ خۇشال قايتىپ كەتتى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن k ئەپەندى دوستىنى يوقلاپ باردى. ئۇ كۈنى دوستى تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى چاقىرغان ئىدى. k ئەپەندى تاماق يەۋېتىپ توساتتىن قوشۇمىسىنى تۈردى ـ دى: ـ ئەجەپ قورسىغىم ئاغىرىپ كەتتى، ئەپۇ قىلىڭ، مەن كېتىپ قالاي، ـ دىدى. دوستى دەسلەپتە ھولۇقتى، ئارقىدىنلا بىر نىمىنى سەل چۈشەنگەندەك بولۇپ دىدى: ـ چاخچاق قىلماڭ. ئۆيۈمدە زېرىكىپ قېلىپ بالدۇرراق قايتماقچى بۇلۇۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟ كىتىشكە ئالدىرىماڭ، كۆپىرەك ئولتۇرۇپ بېرىڭ. ـ ئۇنداق ئەمەس، قوسىغىم راستىنال بەك ئاغىرىپ كەتتى. k ئەپەندىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ، پۈتۈن ئەزايى سوغاق تەرلەپ بوشىشىپ كەتتى. دوستى بۇ ھالەتنى كۆرۈپ، زادىلا ئىشەنمىگەن ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ دىدى: ـ بۇ قېتىمقى دورىڭىز ئۆتكەن قېتىمقى زۇكام دورىڭىزدىنمۇ ئۆتكۈررەك بۇلۇپتۇ. دائىملا زۇكام بولىۋەرگەندە باشقىلارنىڭ گۇمانلىشىدىن ساقلىنىش قىيىن، داۋاملىق يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، قوساق ئاغرىتىدىغان دورىغا ئوخشاشلارنىمۇ ئىشلەش كېرەك. ئارىدىن بىر سائەت ۋاقىت ئۆتتى. k ئەپەندىنىڭ كېسىلى يەڭگىللەشمەي، ئەكىسچە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. دوستى كۆڭلىدە راستىنلا قوسىغى ئاغىرىپ قالغان بولمىسۇن يەنە، دەپ ئويلاپ، ئالدىراش بېرىپ، دوختۇر چاقىرىپ كەلدى. دوختۇر k ئەپەندىگە دىئاگنوز قۇيۇپ كۆرۈپ: ـ خەتەر چىققىلى تاسلا قاپتۇ! بىر ئاز كېچىكسە قۇتقۇزغىلى بولماس ئىكەن، نىمىشقا مېنى بالدۇرراق چاقىرمىدىڭلار؟ ـ دىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، k ئەپەندى غەلىتە دورىلار بىلەن زادىلا ھەپىلەشمەيدىغان بولدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق