سىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلەمسىز

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-12 23:19:00

سىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلەمسىز ؟ كارخانىچىلار قانداق ساپانى ھازىرلىشى كېرەك؟ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش بىلەن شىركەتتە ئىشلەشنىڭ قانداق ماھىيەتلىك پەرقى بار؟~تۆۋەندە تۆت سوئال بېرىلدى. ئ...

    سىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلەمسىز ؟

     

     


     كارخانىچىلار قانداق ساپانى ھازىرلىشى كېرەك؟ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش بىلەن شىركەتتە ئىشلەشنىڭ قانداق ماھىيەتلىك پەرقى بار؟~
     تۆۋەندە تۆت سوئال بېرىلدى. ئەگەر بۇ سوئاللارغا « شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكى تەشۋىشلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۈرەكلىك بىلەن ھەرىكەتكە كېلىڭ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپسىز.
     بىرىنچى، سىزدە رىقابەتچىڭىز تەڭ كېلەلمەيدىغان، مەھسۇلاتنى ياكى مۇلازىمەتنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىجادچانلىق بارمۇ، يوق ؟ بەزىدە كىشىلەر پەقەت كارخانىچىلارنىڭ ئۆزى مۇستەقىل تىجارەت قىلىدىغان، چوڭ ھوقۇقنى قولىدا تۇتىدىغان، باي ‏- باياشات تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئۇلاردا بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئادەتتىن تاشقىرى ئىجادچانلىق بولمايدۇ.
     ھەقىقىي كارخانىچىدا بازار ئەھۋالىغا نسىبەتەن مۇسەقىل قىممەت تەشەببۇسى بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايدۇ، قەلبىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن ئىزىدىنىدۇ. ئۇلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ بۈيۈك كەشىپىياتلارنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار نۆۋەتتە جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنىڭ ئۇنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش، كىشلەرنىڭ ئالاقىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
     ئىككىنچى، سىز قايتا - قايتا رەت قىلغاندىن كېيىن يەنىلا كۈلەلەمسىز، يوق؟ ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز، نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، خەۋپ ‏- خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سالغۇچىلر، بانكىرلار ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنى سىزگە مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلىشىڭىز ( بەزىدە ھەتتا يالۋرۇشىڭىز) كېرەك، بۇرنىڭىزغا يېيىش ۋە مەغلۇپ بولۇش سىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش. ھېچكىم خالىمىسىمۇ، باشقىلار رەت قىسلىمۇ، ئەمما كارخانىچى بولىمەن دەيدىكەنسىز، سىزدە ئېگىلمەس ‏-  سۇنماس ئىرادە بولۇشى، ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك. ھەقىقىي كارخانىچى ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئېلىشقانسېرى قەيسەرلىشىپ كېتىدىغان ئادەملەردۇر، باشقىلارنىڭ رەت قىلىشى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىجادچانلىقىنى ئىپادىلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
     ئۈچىنچى، سىز ئىستىقبالىڭىزدىن ئۈمىد قالمىغان ئەھۋالنى ياقتۇرامسىز؟ ئەگەر ياقتۇرمىسىڭىز، بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمايلا قويۇڭ. ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز، خالتا كوچىدا ئۇياق ‏- بۇياققا چېپىپ يۈرىدىغان ۋاقتىڭىز ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. چۈنكى، مەبلەغ، ئەڭ يېڭى تېخنىكا ياكى مۇلازىمەت ئىدىيىسىنى تېپىشىڭىز كېرەك. كارخانا قۇرۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك باشقا شەرتلەرنى دېمەيلا قويايلى، ئۇنى خاتا كوچا دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنى سۇ كىرىپ كەتكەن قولۋاقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز، ئەتراپىڭىز دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز، تېخىمۇ ئۇدۇلراق ئېيتقاندا، سىز ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىۋېتىسىز. ئەگەر سىز كارخانىچى بولسىڭىز، بۇنىڭدىن چەكسىز ھوزۇر ھېس قىلىسىز.
     تۆتىنچى، سىزنىڭ مىجەزىڭىز غايىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلىپ قىلىشقا ماس كېلەمدۇ؟ ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىشلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، روناق تاپىمەن دەيدىكەنسىز بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە ئىشلەشكە تەشكىللىشىڭىز، قارشى تەرەپمۇ غايىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدىغان بولۇشى كېرەك. سىز مۇشۇ ئىقتىدارلارنى جەزمەن ھازىرلىشىڭىز، سىزگە ئەگەشكۈچىلەرنى ئىشەنچىلىك ئادىمىڭىزگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك.
     بىز كۆپچىلىكنىڭ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمىز. ئەمما، سىز مۇنداق بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ: ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش بىلەن باشقىلارغا ئىشلەش پۈتۈنلەي باشقا - باشقا ئىش.
     ئەگەر بۇ قاراش سىزنى تەشۋىشلەندۈرسە، بىئارام قىلسا، دەرھال توختاپ قېلىڭ؛ ئەگەر سىزنى ھاياجانلاندۇرسا، دادىللىق بىلەن ئىشقا كىرىشىڭ.

     

    تەرمىلەر ژورنىلىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق