چىۋىننىڭ تەقدىرى (مەسەل)

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-10-11 17:25:55

-ھەي ئەخمەق، ئۇلار ئۇسسۇل ئوينىمايۋاتىدۇ، قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇياق-بۇياققا ئېتىۋاتىدۇ!-دەپتۇ ھەسەل ھەرىسى. بىراق چىۋىن ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، ئۇ قەغەزگە قونغانىكەن، چاپلىشىپ قېلىپ ئۇچالماپتۇ.

    چىۋىننىڭ تەقدىرى (مەسەل)
     
    بىر چىۋىن ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى چۆرگىلەپ ئۇچۇشقا باشلاپ، بىراق ئۇنىڭغا قونۇشقا زادىلا جۈرئەت قىلالماپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئىچى پۇشقان ئۆمۈچۈك ئاخىر بېشىنى كۆتۈرۈپ، چىۋىننى قونۇپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىپتۇ:
    -بولدى، رەھمەت،-دەپتۇ چىۋىن،-مەن باشقا چىۋىنلەرنى ئىزدەپ يۈرىمەن، بىراق ھازىرغىچە بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. ئۇلارنى تېزرەك تاپسام بولاتتى، چۈنكى مەن توپتا بولساملا ئۆزۈمنى خاتىرجەم سېزەتتىم.
    چىۋىن ئۇچۇپ كەتتى ھەم پاتلا مۇرادىغا يېتىپ، يەنە بىر مۇنچە چىۋىننى تاپتى، بۇ چىۋىنلەرنىڭ ھەممىسى بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى.
    -ئۇنىڭغا قونساڭ بولمايدۇ!-دېدى شۇ چاغدا ئۇچۇپ كەلگەن ھەسەل ھەرىسى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ،-ئۇ دېگەن چىۋىن تۇتار قەغەز، قونساڭلا ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرغان چىۋىنلەردەك چاپلىشىپلا قالىسەن.
    -يالغان گgپ قىلما،-دېدى چىۋىن ئۇنىڭغا ۋاقىراپ،-ئۇلار ھازىر خۇشال ئويناۋېتىپتۇ، قارىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقان ئۇسسۇللىرىغا، نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك؟
    -ھەي ئەخمەق، ئۇلار ئۇسسۇل ئوينىمايۋاتىدۇ، قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇياق-بۇياققا ئېتىۋاتىدۇ!-دەپتۇ ھەسەل ھەرىسى. بىراق چىۋىن ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، ئۇ قەغەزگە قونغانىكەن، چاپلىشىپ قېلىپ ئۇچالماپتۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىۋىن