گىم بىلەن ئەزرائىل

يوللىغۇچى : EOA يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:49:15

گىم بىلەن ئەزرائىل(ئامىرىكا خەلق چۆچىكى)گىم ئىسىملىك بىر دېھقان بار ئىكەن، كۈندە ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا: «ئەمدى بۇ دۇنيادىن ۋاز كەچتىم، ئەي ئەزرائىل، مېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتكىن، غېرىبلىق جېن...

    گىم بىلەن ئەزرائىل
    (ئامىرىكا خەلق چۆچىكى)
    گىم ئىسىملىك بىر دېھقان بار ئىكەن، كۈندە ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا: «ئەمدى بۇ دۇنيادىن ۋاز كەچتىم، ئەي ئەزرائىل، مېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتكىن، غېرىبلىق جېنىمغا تەگدى. كۈن بويى ئىشلەۋېرىپ ماغدۇرۇمدىن قالدىم. مېنى بالدۇراق جەننتەكە ئېلىپ كەتكەيسەن، ئەزرائىل» دەپ دۈرۈت ئوقۇيدىكەن.
       بىر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاغىنىسى ئىشىك تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە دېرىزە يوچۇقىدىن گېپىگە قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئاق يوتقان كىرلىكىنى ئورنىپتۇ ـ دە، يەنە گىمنىڭ ئۆيىنىڭ قېشىغا كەپتۇ.
       گىم سىرتتىن بىرىنىڭ ئاياغ تىۋېشىنى ئاڭلاپ دۈرۈت ئوقۇشتىن توختاپتۇ.
       ـ كىم؟ ـ دەپ سوراپتۇ گىم،
       ـ مەن ئەزرائىل، گىم، ـ دەپتۇ ئاغىنىسى، ـ ئالايىتەن سېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم،
       ـ جېن، دەرھال چىقىپ ئەزرائىلغا مېنى يوق دەپ قويغىن.
       گىم خوتۇنىغا شۇنداق دەپلا، ئالمان ـ تالمان كارىۋات ئاستىغا مۆكۈنىۋاپتۇ.
       دەسلەپتە جېن ئۈنچىقماپتۇ. ئىشىك سىرتىدىكى ئادەم:
       ـ تېز چىق گىم، تېز، سېنى جەننەتكە ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم. ئەمدى جاپادىنمۇ، ھەسرەت ـ نادا مەتلەردىنمۇ قۇتۇلىسەن. تېز بولغىن، گىم، ـ دەۋەرگەندىن كېيىن ئاخىر بولماي:
       ـ ئەزرائىل، گىم ئۆيدە يوق، كېيىن كېلىڭ، ـ دەپتۇ.
       ـ ئەمىسە سىزنى ئېلىپ كېتەي، جېن، ـ دەپتۇ ئۇ ئاۋاز، ـ ئۇنىڭ ئورنىغا سىز بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.
       ـ گىم، كارىۋات تېگىدىن تېز چىقىپ ئەزرائىل بىلەن مېڭىڭ، ـ دەپتۇ جېن پىچىرلاپ، ـ ئۇنى چاقىرىپ كەلگەن ئۆزىڭىز بولغاندىكىن، ئۆزىڭىز بېرىڭ.
       گىم كارىۋات تېگىدە جىمجىت يېتىۋاپتۇ. ئىشىك سىرتىدىكى ئاۋاز يەنە سۈيلەپتۇ:
       ـ جېن، تېز بولۇڭ.
       ـ سىز جەننەتكە كەتمەكچى بولغاندىكىن، ـ دەپتۇ جېن گىمگە، ـ دەرھال ئەزرائىل بىلەن ماڭمامسىز!
       ـ ئەزرائىلنىڭ «جېن، تېز بولۇڭ» دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ، ـ دەپتۇ گىم ئارانلا ئۈنىنى چىقىرىپ، ـ بېرىۋەرگىن!
       ـ مېنىڭ ھېچقانداق جايغا بارغۇم يوق، ئۇنى مەن ئەمەس، ئۆزىڭىز چىللاپ كەلگەن. ئەگەر چىقمىسىڭىز، گىم بۇ يەردە، دەپ قويىمەن.
       ئىشىك سىرتىدىكى ئادەم تېخىمۇ ئالدىراتقىلى تۇرۇپتۇ:
       ـ جېن، تېز بولۇڭ دەيمەن!
       ـ گىم كارىۋات تېگىدە، ئەزرائىل! ـ دەپتۇ جېن.
       ـ ئەمىسە گىم، تېز چىق، ـ دەپتۇ ئۇ ئادەم، ـ دەرھال مەن بىلەن جەننەتكە ماڭ.
       گىم ئامالسىز كارىۋات تېگىدىن چىقىپتۇ. ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، ئىشىك سىرتىدا قاراڭغۇلۇقتا يوغان، ئاپئاق بىر نەرسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
       ـ بۇ كونا ئىشتان بىلەن جەننەتكە كىرسەم بولماس، ئەزرائىل، دەپتۇ ئۇ، ـ ئىشتىنىمنى ئالماستۇرۇۋالغان بولسام.
       ـ بوپتۇ، ئەڭ ئېسىل ئىشتىنىڭنى كىيىۋال!
       گىم ئالدىرىماي ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۇپ، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا بارسا، ئۇ ئاپئاق نەرسە تېخىچە شۇ يەردە تۇرغۇدەك.
       ـ ئەڭ ئېسىل كۆڭلىكىمنى كىيىۋالايچۇ، ئەزرائىل، ـ دەپتۇ گىم.
       ـ بوپتۇ، كىيسەڭ كىيىۋالغىن.
       گىم ئالدىرىماي كۆڭلىكىنى كىيىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قارىسا، ئەزرائىل تېخىچە شۇ يەردە تۇرغۇدەك.
       ـ ھەي، ئەزرائىل، ـ دەپتۇ گىم، ـ مەنغۇ سىز بىلەن كەتكىلى تەق بولۇپ بولدۇم. بىراق ياندىشىپ مېڭىشقا لايىق ئەمەسمەن. مەندىن سەل يىراقراق ماڭغان بولسىڭىز.
       گىمنىڭ ئاغىنىسى ئارقىسىغا بىر نەچچە قەدەم داجىپتۇ.
       ـ سىز ماڭا قارىغاندا كۆپ ئالىيجاناپ، ـ دەپتۇ گىم، ـ سىزگە مۇنداق يېقىن تۇرۇۋېلىشقا لايىق ئەمەسمەن. يەنە ئازراق ماڭغان بولسىڭىز.
       ئۇ كەينىگە يەنە بىر نەچچە قەدەم داجىپتۇ،
       ئاغىنىسى ئەمدىلا پۇتىنى ئارقىسىغا يۆتكىشىگە گىم سىرتقا ئوقتەك ئېتىلىپتۇ، قاپقاراڭغۇ ئېتىزدا ئالدىغا قاراپ قېچىۋېرىپتۇ، ئاق كىرلىككە ئورىنىۋالغان ئاغىنىسىمۇ ئۇنى قوغلاۋېرىپتۇ.
       ئۈچ كۈندىن كېيىن گىم قايتىپ كەپتۇ ۋە ھېرىپ كەتكىنىدىن خوتۇنىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپتۇ.
       ـ سىزنىڭ ئەمدى بۇ دۇنيادىن كەتكىڭىز يوقمۇ؟ ـ سوراپتۇ جېن.
       ـ كەتكۈم يوق، ـ دەپتۇ گىم، ـ بۇ دۇنيا دېگەن، ئەگەر سەن ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇ ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەن. ياخشى ئۆرمىدىڭمۇ، بولدى، ئۇ بىر دوزاخقا ئايلىنىدىكەن. قارىغاندا مەن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن.
      
               (خەنزۇچە «رېتسارنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى» ناملىق توپلامدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گىم