مۇھەببەت دوقمۇشلىرىدىن چىرايلىق ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭ

يوللىغۇچى : Rose يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 21:55:02

مۇھەببەت دوقمۇشلىرىدىن چىرايلىق ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭ رومانتىك شېرىن مۇھەببەت ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان مەزگىللەردە ئىشقا سېلىنغان بەزى بەك ئالاھىدە بىلىنمەيدىغان ئىشقىۋازلىق ھۈنەرلىرى سىز بىلەن ئ...

    مۇھەببەت دوقمۇشلىرىدىن چىرايلىق ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭ

         رومانتىك شېرىن مۇھەببەت ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان مەزگىللەردە ئىشقا سېلىنغان بەزى بەك ئالاھىدە بىلىنمەيدىغان ئىشقىۋازلىق ھۈنەرلىرى سىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى تېخىمۇ شېرىن- شىكەر قىلۋىتىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق ھۈنەرلەرنىڭ بەزىلىرى سىزنىڭ مۇھەببەت يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىپ، سىزنى ئۆمۈرلۈك داغدا قويۇشى مۇمكىن.
        ئۇنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىشىگە يول قويماڭ. بىز ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا مۇھەببەت دىشۋارچىلىقى ئىچىگە كىرىپ قالىغىنىمىزدا، تەبىئىي ھالدىلا ئۆزىمىزنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئالايلۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىمىز، ئىچكى سىرلىرىمىز، ھەتتا ھېچقاچان، ھېچكىمگە ئېيتىپ باقمىغان مەخپىيەتلىرىمىزنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىشىمىز، بەزىدە بولسا، بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچىرشىشلاردىن كېيىن ھەتتا ھە دەپلا بىر ياستۇققا باش قويۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئىچ- باغرىنى بىراقلا يېرىپ بېرىدىغان بۇنداق ئوچۇق- يورۇقلۇق، قارشى تەرەپتە ھۆرمەت ۋە ئىشىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئەكسىچە مۇھەببەتتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ بېشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
       مۇتەخەسسىسلارنىڭ قارىشىچە، تېخى تازا تونۇشۇپ بولماي تۇرۇپلا ئۆز مەخپىيتىنى باشقا ئەرلەر بىلەن ئورتاقلىششنى خالايدىغان بۇنداق ئاياللارنى ئەرلەر ئىككى ئادەمنڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرشىۋاتىدۇ، دەپ قارىماي، بەلكى بۇ ھەر قانداق ئادەمگە خالىغانچە ۋاراقلىسا بولىدىغان كىتاپ ئىكەن، دەپ قارايدۇ. بۇنداق چاغدا، سىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىڭىز ۋە ئاغزىڭىزنى يۇمۇپ ئولتۇرغىنىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ ئۆپكىڭىزنى قېقىپ بەرگىنىڭىزدىنمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپكە بەك بالدۇر تەقدىم قىلۋەتمەڭ، تەقۋادار قىياپەتكىمۇ كىرۋالماڭ، زىيادە تەشەببۇرسكارلىقمۇ قىلماڭ، قولىڭىز كەمىرىڭىزگە سۇنۇلغان ئەنە شۇ پەيتتە ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىڭ- دە، ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىشنى، نەپىسڭىزنى يىغىۋىلىشنى بىلىڭ. مەخپىي ئەسلەتمە: ئەرلەر تەبىئىي ئوۋچىلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولىسى سىرلىقراق كۆرىنىدىغان ئاياللارغا ھېرسمەن كېلىدۇ، قىزىقىش ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى دوپامىن ( بەدەندە كۈچلۈك ئىشق- ھەۋەس ئوتىنى قوزغايدىغان بىر خىل ئېلېمىنىت) نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سىزنىڭ گېپىڭىزگە قۇلاق سېلىشنى خالايدىغان ھەم سىزنى چۈشىنىدىغان بىر ئەرنىڭ سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى بىلەمسىز؟
       ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئالدىراش كۆرسىتىڭ. سىلەر ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن بولساڭلارمۇ، بىراق ئۇنى ھەرگىز ئۇنىڭ برلىق ۋاقتى ۋە تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىمغا ئېلىۋالدىم، دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ، سىزنىڭ خوشاللىق، خاپىلىق، ئاچچىق- تاتلىقىڭىزنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈنلا بولۋاتىدۇ، دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە شۇنداق بىر كەيپىيات ھاسىل قىلىڭكى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىڭىز ھاۋالىق جايغا بېرىپ سەيلە قىلغاندەك ۋە چىرايلىق مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندەك كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە يېنىكلىككە ئىگە بولسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە خوجايىنلىق قىلالمايدۇ، تۇرمۇشىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ پىلاننى تېخىمۇ ئوبدان ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بەزى ئۇچرىشىش ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى توختىتىپ قويۇڭ، ئاندىن ئۇ ھەدەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگىلى تۇرغاندا، ئانچە ئېرەن قىلمىغان ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بەزى باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىڭىزنى مۇنداقچىلا دەپ قويسىڭىز بولىدۇ. مەخپىي ئەسلەتمە: ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇنى ياخشى كۆرۈڭ، ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، ھايات شامىڭىز ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يالقۇنجىسۇن، ئەمما تىزگىنىڭىزنى ھەرگىز ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويماڭ. سىز ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا خاس بولغان ئىشەنچ ۋە مۇستەقىللىقنى نامايەن قىلىڭ. بۇ دەل ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى جەلىپكارلىقنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
        ئەرلەر ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ. ئەمما، ئۇ سىزنىڭ ئۆزىگە يۆلىنىۋىلىشقا مۇھتاج ئەمەسلىكىڭىزنى بايقىغاندا، تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش ئەندىشىسى شۇ ھامان غايىپ بولىدۇ- دە، ئۇنىڭ ئورنىنى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىشقا ئىنتىلىشتەك، بىر خىل جىددىي تەقەززارلىق تۇيغۇسى ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇسۇسىي ماكان بىلەن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى ئارىلاشتۇرۇۋىتشكە بولمايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر- بىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كەلگەن تېلېفۇن ۋە E‪-‬mail غا ئالدىرماي جاۋاپ بېرىڭ. يۈرەك پارىڭىزنىڭ جاۋاپ تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن چاقىرىقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىڭىزدا يۈرىكىڭىزدىن قوزغالغان ھاياجاننى بېسىۋالالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بەك ئالدىراپ كەتمەي، ئۆزىڭىزنى سەل بېسىۋىلىڭ. ئارغامچىنى ئۇزۇنراق قويۇپ بېرىڭ. دەيدەيگە سېلىش دېگەن بۇ ئۇسۇل ئاڭلىماققا سەل ۋاقتى ئۆتكەندەك قىلسىمۇ، ئەمما، شۇ تاپتا سىز ئۈچۈن، بۇنىڭ زادىلا كۈتۈلمىگەن زور ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، بۇنداق «سوغ مۇئاملە» ڭىز ۋە چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغان ئىپادىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى ۋە سېغىنىشىنى قوزغىماسلىقى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇ ھەتتا ئاستا- ئاستا ئۇنىڭدا: سىزسىز ھايات ھارام، دېگەن كۈچلۈك ھېسىياتنى پەيدا قىلىپ قويۇشمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن تېلېفۇن كەلگەندە، سىز تېلېفۇنغا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كەلگەن پوچتا يوللانمىللىرىغىمۇ جىددىي جاۋاپ قايتۇرىمەن دەپ ئالدىراپمۇ كەتمەڭ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇلار ئۇنىڭدا تېخىمۇ زور قىزىقىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى سىزنى زادى نىمە ئىشلارنى قىلۋاتقاندۇر، دەپ ئويلىنىدىغان قىلىشنىڭمۇ سىزگە ئانچە زىيىنى يوق.
       مەخپىي ئەسلەتمە: ئەرلەر مۇھەببەتلىشش داۋامىدا، خىرىسىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا بەك ھېرىسمەن كېلىدۇ. بەزى ناھايىتى ئەرزىمەس بىر تەپسلات ئارقىلىقلا ئۆزىڭىزنىڭ ھەدەپلا قولغا كىرگۈزۈۋالغىلى بولمايدىغان ئاددىي ئايال ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالايسىز. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ ئويۇن ئارقىلىق سىز ئۇنىڭ سىزگە زادى قانچىلىك كۆڭۈل بەرگەنلىكىنى بىلۋالالايسىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىز ئۇنىڭ دەماللىققا كۆڭۈل بەرگىنىنى ياكى چىن كۆڭلىدىن مۇھەببەت قويىۋاتقىنىنى بىلۋالالايسىز.
       ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ يات جىنىسلىق دوستىلىرىڭىز بارلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇڭ. نۇرغۇن ئاياللار ھەمىشە مۇنداق بىر خاتالىقنى سادىر قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ: كۆڭۈلدىكىدەك ئادىمىنى تاپقان ھامان بۇرۇنقى يات جىنىسلىق دوسىتلىرىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن ئەرلەر ياقتۇرىدىغان ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇش، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتنى ئوبدان بىر ياقلىق قىلىش ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىگە زەرەر يەتكۈزمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى، ئۇنى مەن پەقەت باشقىلاردىن ئېشىپ كېتەلىگىنىمدىلا ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تېخىمۇ چىڭ قارىتالايدىكەنمەن، دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى خىرسقا دۇچ كەلگەندىلا ئاندىن تولۇق غەيرەتكە كېلەلەيدىكەن. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن: يات جىنىسلىق دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئالاقىڭىز لايىقىدا بولسۇن، ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن، سۆيگىنىڭىزنىڭ يېغىرىغا تەگمەڭ.
        مەخپىي ئەسلەتمە: ئۆزىڭىزنىڭ جەزبىسىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇڭ، شۇ چاغدىلا ئۇ ئاندىن سىزگە تېخىمۇ كۆڭۈل قويىدىغان، شۇنداقلا سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى تولۇقى بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولىدۇ. ئۆزىڭىز تىرشمىسىڭىز ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىمەك بەسى مۈشكۈل. مۇھەببەتتە ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئىشلار ماشىنىسىغا چاقچاق قىلىش ئەرلەر ئۆز ماشىنىسىغا «كىچىك خوتۇن»نىدىنمۇ بەك ئامراق كېلىدۇ. ئاياللارنىڭمۇ ئەخمەقلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىدىن كۈنلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئىچىڭىز ھەرقانچە دەرتكە توشۇپ كەتكەندىمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭ ماشىنىسىنى قوشۇپ چاقچاق قىلماڭ، يەنى جېدەللىشىپ قالغاندا: سىزگە مەن مۇھىممۇ، ماشىنىمۇ، دەپ ۋاقىرىماڭ، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى قەستەن تىقىپ قويۇپ، ئىلاجىسىزلىقتىن ئۇنى يالۋۇرتىدىغان ئىشنىمۇ قىلماڭ، تېلېفۇندا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچىردى، دېگەن گەپنى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىككىڭلارنىڭ ئامراقلىق بىلەن چۈشكەن سۈرتىڭلارنى كومپىيۇتېرنىڭ باش بېتىگە كىرگۈزۈپ قويماڭ ئىككىڭلارغۇ بىر- بىرىڭلارغا ناھايىتى ئامراق، ئەمما، ئىككىڭلار بىللە چۈشكەن سۈرەتنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ باش بېتىگە كىرگۈزۈش- كىرگۈزمەسلىك مەسىلىسىدە، ئۇنىڭغا ئازراق تاللاش ئىمكانىيتى بېرىڭ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپىيۇتېرنى ئالساق، بۇنداق قىلىش خىزمەتداشلار ئوتتۇرسىدا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى ياكى ئۇنى مەسخىرىگە قويىشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىز نېمىلا دېگەن بىلەن مانا شۇنداق بىر ئەرزىمەس ئىشنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىشىنى خالىمايدىغانسىز- ھە؟
       ئۇنىڭ پۇلىغا بەدخەجلىك قىلماڭ بۇنى ھەرگىز ئۇنى سىناپ بېقىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، دەپ قالماڭ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئۇنىڭ سىزگە ئاتاپ سوۋغا سالام، تاماق، كىنو كۆرۈش، ماگىزىن ئايلىنىش قاتارلىق ئىشلارغا خەجلىگەن پۇلىنىڭ يىغىندىسى مەلۇم ساندىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇ ئەمدى سەل كەيىپسىزلىنىشكە باشلايدۇ. ئەگەر بېرىش- كېلىشلەر ئاخىرى سودىغا ئايلىنىپ كەتكۈدەك بولسا، ئۇ دەرھال بۇنداق مۇناسىۋەتتىن ۋاز كېچىدۇ ھەم سىزنى «ئالاقە قىلىشقا بولمايدىغان خېرىدار» قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.