ئوباما:تۈركىيە قىرغىنچىلىق قىلغان دۆلەت!

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-10 10:40:04

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ باراك ئوبامانىڭ باياناتىغا قارىتا مۇنداق دېدى: تولىمۇ ئەپسۇسكى باراك ئوبامانىڭ باياناتى يەنىلا ھەم بىرتەرەپلىمىلىك ھەمدە تارىخىي ۋەقەلەرگە پەقەت بىر تەرپنىڭلا قارىشىغا ئاساسەن بېرىلگەن بايانات بولۇپ

    \

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 1915 - يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك 24 - ئاپرېل باياناتىدا يەنە بىر قېتىم «چوڭ پالاكەت» دېدى.

    باراك ئوبامانىڭ باياناتىغا تۈركىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

    ئوبامانىڭ باياناتىغا تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامىك تان بىرىنچى بولۇپ نارازىلىق بىلدۈردى. نامىك تان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرتەرەپلىمىلىك ۋە سىياسىي سەۋەبلەرگە ئاساسلىنىدىغان باياناتلارنىڭ ئورنىغا دىئالوگ ۋە نورماللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

    تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) باشلىقى مەھمەت ئەلى شاھىن باراك ئوبامانىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بەلكىم بۇ تۈركىيىگە تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ 1915 - يىلقى ۋەقەلىرىنىڭ ھەر يىلى 24 - ئاپرېل كۈنى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىنى تولىمۇ بىمەنە پوزىتسىيەلەر دەپ قارايمەن. تارىخىي ۋەقەلەرنى تارىخشۇناسلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشىغا قالدۇرۇش لازىم، ھەممىگە مەلۇمكى، سىياسىيونلارنىڭ نە تارىخ يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇش نە تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوق.

    دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ باياناتىدا ئەرمەنلەرنىڭ قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر خىل پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

    دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ باراك ئوبامانىڭ باياناتىغا قارىتا مۇنداق دېدى: تولىمۇ ئەپسۇسكى باراك ئوبامانىڭ باياناتى يەنىلا ھەم بىرتەرەپلىمىلىك ھەمدە تارىخىي ۋەقەلەرگە پەقەت بىر تەرپنىڭلا قارىشىغا ئاساسەن بېرىلگەن بايانات بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. ھالبۇكى بىز باراك ئوبامانىڭ باياناتىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. شۇنداقلا ئەينى يىللاردا ئانادولۇ زېمىدىن يولغا چىقىپ، يەمەندە، سارىقامىشتا، چاناققەلئەدە، گالىچيادا ۋە بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەردە يوق بولۇپ كەتكەن بىر نەسىلنىمۇ ئەسلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركلەرنىڭمۇ ھەسرەت - نادامەتلىرىنى ئورتاقلىشىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز ئىدى. شۇڭا باراك ئوبامانىڭ باياناتىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇنداقتىمۇ بىز تۈركلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خاتىرىلىتىش ئىرادىمىزدىن قەتئىي يانمايمىز

    مەنبە:تارىمى تورى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈركىيە