ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ«كۈل قىز»دەرسىنى ئۈتۈشى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 02:09:39

ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ« كۈل قىز» دەرسىنى ئۈتۈشى ئامېرىكا نۇسخىسى : دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى، بالىلار سىنىپقا كىرىشتى، بۇ سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم ‹‹كۈل قىز›› دېگ...

    ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ « كۈل قىز» دەرسىنى ئۈتۈشى

     

         ئامېرىكا نۇسخىسى : دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى، بالىلار سىنىپقا كىرىشتى، بۇ سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم ‹‹كۈل قىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بىر بالىنى مۇنبەرگە چىقىپ كۈل قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. بالا ناھايىتى تېزلىكتە سۆزلەپ بولدى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن بالىلاردىن سوئال سوراشقا كىرىشتى.  
    مۇئەللىم: سىلەر بۇ ھېكايىدىكى كىمنى ياخشى كۆرىسىلەر، كىمنى ياقتۇرمايسىلەر؟ نېمىشقا؟   
    ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا (كۈلقىز) نى، يەنە شاھزادىنى ياخشى كۆرىمىز، كۈلقىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ھەدىلىرىنى ياقتۇرمايمىز. سىندىرېلا ئاقكۆڭۈل، سۆيۈملۈك، چىرايلىق. ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۆگەي ھەدىلىرى سىندىرېلاغا يامانلىق قىلىدۇ. 
    مۇئەللىم: ئەگەر يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا سىندىرېلا ئۆزىنىڭ كاۋا پەيتۇنىغا چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالسا، ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولاتتى؟

    ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا بۇرۇنقى قاسماق ئەسكى كىيىملىك ھالىتىگە كېلىپ قالغان بولاتتى، ئۇنداق بولغاندا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى-دە.
    مۇئەللىم: شۇڭا، سىلەر چوقۇم ۋاقىتقا رېئايە قىلىدىغان ئادەم بولۇشۇڭلار كېرەك، ئۇنداق بولمىسا ئۆزۈڭلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا قاراڭلار، سىلەر ئادەتتە چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىسىلەر، شۇڭا ئۇشتۇمتۇتلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ۋەيرانە ھالدا چىقىپ يۈرمەڭلار، بولمىسا دوستلىرىڭلار قورقۇپ كېتىدۇ. قىزلار سىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، سىلەر چوڭ بولغاندا يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەگەر دىققەت قىلمىساڭلار ئوغۇل دوستۇڭلارغا بەكمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالىسىلەر، ئۇلار قورققىنىدىن ھۇشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن (مۇئەللىم ھۇشىدىن كەتكەن ھالەتنى دورايدۇ)

    مۇئەللىم: ئەمدى يەنە بىر سوئال، ئەگەر سىز سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسىڭىز، سىندىرېلانىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كەچلىكىگە بېرىشىنى توسامتىڭىز؟ چوقۇم راست گەپنى قىلىشىڭلار كېرەك!   
    ئوقۇغۇچىلار: (بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدۇ) شۇنداق، ئەگەر مەن سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسام، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى توسىغان بولاتتىم.
    مۇئەللىم: نېمىشقا؟ ئوقۇغۇچىلار: چۈنكى، مەن ئۆز قىزلىرىمنى سۆيىمەن، قىزىمنىڭ خانىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   
    مۇئەللىم: شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۆرگەن ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەمدەكلا، ئۇلار پەقەت باشقىلارغا ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆز بالىلىرىغا ناھايىتى ياخشى، بىلەمسىلەر ئۇلار ئەسكى ئادەملەر ئەمەس ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەلمەيدۇ.مۇئەللىم: بالىلار ئەمدىكى سوئال، سىندىرېلانى ئۆگەي ئانىسى شاھزادىنىڭ تانسىسىغا قاتناشقۇزمىغان ئىدى، نېمىشقا ئۇ يەنىلا بارالىدى، ھەتتا تانسىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز بولۇپ بارالىدى؟   
    ئوقۇغۇچىلار: ھۆر-پەرىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيىم بەردى، كاۋىنى پەيتۇنغا، ئىت بىلەن چاشقاننى چاكارغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
    مۇئەللىم: توغرا، ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭلار! سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلمىغان بولسا، ئۇ تانسىغا قاتنىشالمىغان بولاتتى، شۇنداقمۇ؟
    ئوقۇغۇچىلار: شۇنداق!   
    مۇئەللىم: ئەگەر ئىت، چاشقان ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئاخىرقى ۋاقىتتا ئۆيگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلەرمىدى؟
    ئوقۇغۇچىلار (كۈلۈشۈپ كېتىپ): ياق، ئۇنداق بولغىنىدا شاھزادىنى قورقۇتىۋەتكەن بولار ئىدى (يەنە ئومۇمىي كۈلكە).

    مۇئەللىم: سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلىدۇ، بىراق، ھۆر-پەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار مەيلى قەيەرگە بارايلى، بىز دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز، بىزنىڭ دوستلىرىمىز ھۆر-پەرى بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، مەن سىلەرنىڭ نۇرغۇن دوستۇڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە، يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، سىندىرېلا ئۆگەي ئانىسى يول قويمىغانلىقى ئۈچۈنلا شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇ شاھزادىنىڭ جۆرىسى بولالىغان بولارمىدى؟    
    ئوقۇغۇچىلار: بولالمايتتى! ئۇنداق بولغىنىدا ئۇ تانسىغا بارالمايتتى، شاھزادىگە ئۇچرىمايتتى، تونۇشمايتتى ۋە شاھزادە ئۇنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالمايتتى.

    مۇئەللىم: ناھايىتى توغرا! ئەگەر سىندىرېلا تانسىغا بېرىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى توسماي قوللىسىمۇ پايدىسى بولمايتتى، كىم ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى قارار قىلدى؟ )ئوقۇغۇچىلار: ئۇنىڭ ئۆزى.
    مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار، سىندىرېلانىڭ غېمىنى يەيدىغان ئانىسى يوق، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، ئۆز غېمىنىمۇ قىلمىسا بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلىگىنى ئۈچۈن، ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئىزدىشى كېرەك. ئاراڭلاردىن بىركىم باشقىلارنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلسا ياكى سىندىرېلادەك كۆيۈنمەيدىغان ئۆگەي ئاناڭلار بار بولسا، قانداق قىلاتتىڭلار؟ يەنە بىر گەپ، بۇ ھېكايىدە قانداق نامۇۋاپىق جاي بار؟ 
    ئوقۇغۇچىلار: (سەل ئويلىنىپ) يېرىم كېچىدىن ئۆتسە ھەممە نەرسە ئەسلىگە قايتاتتى، ئەمما سىندىرېلانىڭ مەرمەر ئايىغى ئۆزگەرمەيدۇ.

    مۇئەللىم: پاھ، قالتىسكەنسىلەر! قاراڭلار، مۇشۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭمۇ خاتالىق سادىر قىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، شۇڭا، خاتالىشىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاراڭلاردىن كەلگۈسىدە يازغۇچىلار چىقسا، بۇ يازغۇچىدىنمۇ قالتىس بولۇپ چىقىدۇ! ئىشىنەمسىلەر؟ (بالىلار چۇقىرىشىپ ئاۋاز قوشىدۇ).
    مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاددىي بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سائەتلىك تېكىست ئوقۇش دەرسى. بىز قانچە يېشىمىزدا مۇشۇنچە تەپەككۇر قىلالىغان بولغىيتتۇق-ھە؟

      
    ________________________________________
      
    بۇ دەرسنىڭ جۇڭگوچە نۇسخىسى نى كۆرۈپ باقايلى:
      
    دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىردى.
    مۇئەللىم: بۈگۈنكى دەرستە بىز ‹‹كۈلقىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتىمىز. كۆپچىلىك ئالدىن ئۆگىنىپ كەلدىڭلەرمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار: ھېكايىنىمۇ ئالدىن تەكرار قىلىدىغان گەپمۇ؟ 
      
    مۇئەللىم: “كۈلقىز” گىرىمنىڭ چۆچىكىمۇ ياكى ئاندېرسوننىڭمۇ؟ ئاپتورى كىم؟ قاچان تۇغۇلغان؟ ئاپتورنىڭ ھايات پائالىيىتى قانداق؟  
    ئوقۇغۇچىلار: ھەممىسى كىتابتا بارغۇ، ئۆزىڭىز ئوقۇيالمامسىز؟  
    مۇئەللىم: بۇ ھېكايىنىڭ زور ئەھمىيىتى نېمە؟ ;   
    ئوقۇغۇچى: ھە، مانا بۇ ئىمتىھاندا چىقىدىغان يېرى.  
    مۇئەللىم: ياخشى، دەرس سۆزلەشنى باشلايمىز، كىم بۇ ھېكايىنى ئابزاسلارغا بۆلۈپ باقىدۇ ھەم ئابزاسقا بۆلۈشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىدۇ.  
    ئوقۇغۇچى: بېشى بىلەن ئاخىرى بىردىن ئابزاس، ئوتتۇرىسى يەنە بىر ئابزاس بولۇپ جەمىي…   
    مۇئەللىم: دەرسنى باشلايمىز، ساۋاقداشلار دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار.   
    ئوقۇغۇچىلار: دەرس باشلانغىنىغا خېلى بولدىغۇ…   
    مۇئەللىم: ئەمدى مۇنۇ جۈملىگە دىققەت قىلىڭلار… بۇ قانداق جۈملە، ئاپتور نېمىشقا مۇشۇنداق يازغان؟ ئوقۇغۇچىلار (بىرمۇنچىسى ئۇيقۇغا كىرىشىپ كېتىدۇ
    مۇئەللىم: كۆپچىلىك مۇنۇ سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، بۇنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرساق، نېمىشقا يازغۇچىنىڭ يازغىنىدەك ياخشى چىقمايدۇ؟   
    ئوقۇغۇچىلار: (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ)   
    مۇئەللىم: كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمۇ يوق، بۇ جۈملىدىكى ئاۋۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلسا بولامدۇ بولمامدۇ، نېمىشقا؟
    ئوقۇغۇچىلار: مەن يا سىز بولمىسام، قانداقسىگە دىققەت قىلاتتىم؟ (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ…) 
    مۇئەللىم: نېمىشقا بۇنچە كۆپ بالا ئۇخلايدۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ياخشى ئوقۇمىساڭلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىلەر، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەڭلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىلەر، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭلەر … كەلگۈسىدە كوچا تازىلاشقىمۇ يارىمايسىلەر… سىلەر بۇ ئادەم بولۇش قائىدىسىنى بىلىشىڭلار كېرەك.  
    بىز سورايمىزكى: ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە قانداق بولماقچىدى؟   

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.