كۈتۈلمىگەن ئىش

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-31 15:55:45

سىز ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز دەپ ھېس قىلامسىز؟ ئەگەر راستلا شۇنداق قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ بېقىڭ، شۇندىلا كۆڭلىڭىز سەل ئارام تېپىپ قېلىشى مۇمكىن.


    كۈتۈلمىگەن ئىش

    ساتىن ستار [ئامېرىكا]
    قەيسەر ئابلىكىم تەرجىمىسى
     
    سىز ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز دەپ ھېس قىلامسىز؟ ئەگەر راستلا شۇنداق قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ بېقىڭ، شۇندىلا كۆڭلىڭىز سەل ئارام تېپىپ قېلىشى مۇمكىن.
    كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرى بۇ قېتىمقى زور ئاپەت زىياننى مۆلچەرلەپ باھالاش جەريانىدا، نەق مەيداندا بىر ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. ئەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ، دۈمبىسىدە غەۋۋاسلار سۇ ئاستىدا ئىشلىتىدىغان ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىش ئەسۋابى، پۇتىدا پالاق، بېشىدا غەۋۋاسلار بۆكى بار ئىدى. جەسەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇن دوختۇرلىرى بۇ ئەرنىڭ قانداقتۇر ئوت ئاپىتى سەۋەبىدە ئۆلمەستىن، بەلكى زور سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئىچكى ئەزالىرى زەخىملىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
    مۇتەخەسىسىسلەر ئۆلگۈچىنىڭ چىشىنى تەكشۈرۈشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، تولۇق قوراللانغان بۇ غەۋۋاسنىڭ قانداق قىلىپ ئوت كەتكەن ئورمانلىقتا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
    ئەسلىدە بۇ ئەر ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن كۈنى، ئوت كەتكەن نەق مەيدانغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىزدا سۇغا شۇڭغۇپ ئويناۋاتقانىكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۋېلىش ئۈچۈن، باش ئەترەتتىن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياردەمگە كەلگەن مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ساڭگىلىتىپ ئېسىلغان سۇ سىغىمچانلىقى زور چېلەك بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىزدىن سۇ توشۇپ كېلىپ ئورمانلىقتىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە چاچىدۇ.
    شۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
    تېخى بىر مىنۇتنىڭ ئالدىدىلا دېڭىزدا خۇددى بېلىقتەك ئەركىن ئۈزۈپ يايراۋاتقان ئادەم ئوشتۇمتۇت سۇ بىلەن قوشۇلۇپلا تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ساڭگىلاپ تۇرغان غايەت زور چېلەككە قاچىلىنىپ قالىدۇ، ئۇ غەۋۋاس چېلەككە سولىنىپ قېلىپ تېپىرلاپ زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا، 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتىن سۇ بىلەن قوشۇلۇپ لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ...
    بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ يەنە ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز دەپ قارامسىز؟ ئەگەر شۇنداق قارىسىڭىز، مۇنۇ ھېكايىنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭ.
    بىر ئەر ھويلىسىدا تۇرۇپ ئۆزى ئامراق موتوسىكىلىتى بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى، خوتۇنى بولسا ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز نېمە سەۋەبتىندۇر موتوسىكلىت قوزغىلىپ كېتىپ، ئەر موتوسىكلىت بىلەن قوشۇلۇپلا مېھمانخانا ئۆينىڭ ئەينەكلىك تېمىغا سوقۇلۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇنۇپ كەتكەن ئەينەك پارچىلىرى ئەرنىڭ يۈز-كۆزلىرى ۋە قوللىرىنى يارىلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان خوتۇنى جاراڭلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىدۇ-دە، ئېرىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن دەررۇ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيى تاغ قاپتىلىدا بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چىقىدىغان بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چىقالماي، خادىملار پەلەمپەي بىلەن چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قۇتقۇزۇش خادىملىرى يارىلانغان ئەرنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا مىڭ تەستە ئەكىلىپ يارىسىنى تېڭىۋاتقاندا، خوتۇنى موتۇسىكلىتنى ئاران تەستە سىرتقا ئاچىقىپ، موتوسىكلىتتىكى ۋە ئۆيگە تۆكۈلۈپ كەتكەن ماي يۇقۇندىلىرىنى سۈرتكەن قەغەز پارچىلىرىنى ھاجەتخانىنىڭ تەرەت قاچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ.
    ئەر يارىسىنى تاڭدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ-دە، موتوسىكلىت ۋە كۇكۇم-تالقان بولغان ئەينەك پارچىلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق-قاتتىق شورىغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خىيالى پۈتۈنلەي ئامراق موتوسىكلىتىدا قالغاچقا، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە ئېتىبار قىلماستىن تاماكىسىنى تەرەت قاچىسىغا تاشلاپلا ھاجەتكە ئولتۇرىدۇ..
    ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان خوتۇنى يەنە «گۇم» قىلغان ئاۋازنى، ئاندىن ئېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەررۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئىشتىنى كۆيىۋاتقان ئېرىنىڭ يەردە تېپىرلاپ ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ شۇئان ئېرىنىڭ ئۈستىبېشىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ، جىددى قۇتقۇزغۇچىلارغا يەنە تېلېفون قىلىدۇ، تېخى ئانچە يىراقلاپ كەتمىگەن قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئارقىسىغا يانىدۇ. تۆت نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىم ئەرنى نوسۇلكىغا سېلىپ پەلەمپەي بىلەن پەسكە ئەپچۈشكەچ ئايالدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ، ئايال تازىلىق ئۆيىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى قىلچە يوشۇرۇپ قالماي ئەينەن ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئارىدىن نوسۇلكىنىڭ بىر ئۇچىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر قۇتقۇزغۇچى خادىم كۈلۈپ تېلىقىپ قالغاچقا، نوسۇلكا قىيسىيىپ كېتىپ، يارىلانغان ئەر ئېگىز پەلەمپەيدىن دومىلاپ كېتىدۇ-دە، بىر قولى سۇنۇپ كېتىدۇ.
    سىز يەنە ئۆزىڭىزنى بەختسىز دەپ قارامسىز؟ بۇ دۇنيادا كېلىشمەسلىككە چېتىشلىق نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن.
    بىر سېسترا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىشتان بېغىدىن توك سىمى ساڭگىلاپ قالغان ئېرىنىڭ تام تەرەپكە قارىۋېلىپ خۇددى توك تېپىۋەتكەن ئادەمدەك تىنماستىن تىترەپ تولغىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى توكتىن ئاجراتماقچى بولىدۇ-دە، يوغان بىر تال ياغاچ كالتەك بىلەن ئەرنى ئۇرۇشىغا ئەر يەرگە يىقىلىدۇ ۋە بىر قولى سۇنۇپ كېتىدۇ. ئايال شۇ چاغدىلا ئېرىنىڭ قۇلۇقىغا تىڭشىغۇچنى سېلىۋېلىپ، تولغىما مۇزىكا ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
    گېرمانىيەنىڭ بوئىن شەھىرىدىكى ئىككى كىشى ھايۋاناتلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە، قۇشخانىدىكى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈش ھەركىتىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قۇشخانىنىڭ قاشاسىنى ئېچىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاشا ئىچىگە سولاقلىق ئىككى مىڭدەك چوشقا قاشادىن يوپۇرۇلۇپ چىقىپ، تېخى ئۆزىنى ئوڭشاپ قېچىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھېلىقى ئىككى ئادەمنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
    ئىراقلىق كاي راھاناگار ئىسىملىك بىر تېررورچى پوچتىدىن ئىچىگە بىر بوما قاچىلانغان بىر يوللانمىنى يوللىغان ۋاقىتتا پوچتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغاچقا، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۈستىگە «ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلسۇن» دېگەن قەغەز چاپلانغان يوللانما ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىدۇ، بومبا قاچىلانغانلىقى يادىدا يوق، ئاغزىنى شۇنداق ئېچىشىغىلا، بومبا پارتىلاپ كېتىپ ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولىدۇ...
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوت غەۋۋاس ئورمان