يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ18-سى ئاۋگۇست

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-15 13:24:00

قەدىمقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى ئاۋگۇست(AUGUSTUS CAESAR) تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ، رى...

       قەدىمقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى ئاۋگۇست(AUGUSTUS CAESAR) تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ، رىم ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى ۋە دۆلەتنى كېڭەيتىپ ئىمپىرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپىرىيىسى ئىككى ئەسىر تېنچ ۋە گۈللىنىش ئىچىدە تۇردى.
       ئاۋگۇست مىلادىدىن 63يىل بۇرۇن رىمدا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى كەيۇس ئوكتاۋىيانۇس . ئوكتاۋىيانۇس 10 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ بىلەن تۇققان كېلىدىغان رىم ھۆكۈمرانى جۇلىيۇس كايزار تەرىپىدى بېقىۋېلىنغان. 18ياشقا كىرگەندە كايزار قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. كىشىلەر ئوكتاۋىيانۇسنى بېقىۋېلىنغان بالا دەپ كۆزگە ئىلمىغان ، لېكىن ئوكتاۋىئانۇس ئۇستىلىق قىلىپ كايزارنىڭ كونە قوشۇنلىرى ئىچىدىكى بىر بۆلۈك مۇھىم شەخسلەرگە ۋەدە بېرىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ باشقا بارلىق ئۆكتىچىلەرنى باسۇرۇپ ئۆز ئورنىنى تىكلەپ كايزارنىڭ فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. باشتا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئىمپىرىيەنى ئانتونى بىلەن بۆلۈشۈپ ئىمپىرىيىنىڭ شەرقى قىسمىنى ئانتونىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن. بىراق ئانتونى مىسىر گۈزىلى كلوپاترانىڭ ھۆسنىگە مەپتۇن بولۇپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغان. مىلادىدىن 32يىل بۇتۇن ئوكتاۋىيانۇس قوشۇن باشلاپ ئانتونى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئانتونىنى يېڭىپ پۈتۈن ئوتتۇرا دېڭىزنى ئىچىگە ئالغان رىم دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.
       مىلادىدىن27يىل بۇرۇن رىم ئاقساقاللار كېڭىشى ئۇنىڭغا ئاۋگۇست دىگەن پەخرلىك نامنى بەرگەندىن كېيىن ئاۋگۇست قىزىقارلىق ھالدا شۇنىڭغا ماس بولغان 8-ئاينى 31كۈنلۈك ئاي قىلىپ ئۆزگەرتتى. گەرچە ھەممە ھوقۇق قولىغا ئۆتكەن ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەت ئورنىتىش غەرىزى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ رىمنىڭ جۇمھۇرىيەت نامىنى ساقلاپ قالدى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا جۇمھۇرىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىمپىرىيەگە ئۆتۈشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدى نەتىجىدە مىلادى 14-يىلى ئاۋگۇست ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ئاسانلا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
       ئاۋگۇستنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ تارىختا ئىقتىدارلىق ، رەھىمدىل بىر ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمران ئىدى، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە رىم قوشۇنلىرى ئىسپانىيە، شىۋىتسارىيە، ئاناتولىيە، ۋە پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىنى ئىىشغال قىلدى، ئىمپىرىيىنىڭ شىمالى چېگرىسى رېيىن ۋە دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلۇپ بىر نەچچە ئەسىر داۋاملاشتى. ئۇ يەنە رىمنىڭ باج ۋە مالىيە تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتى، قوشۇنلارنى رەتكە تۇرغۇزدى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى ئارمىيەدىن ئايرىپ تەشكىللىدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئىبادەتخانىلارنى، دۇنيادىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولغان، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان رىم تىياتىرخانىسى قاتارلىق نادىر قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇپ رىمنى گۈزەل شەھەرگە ئايلاندۇردى. كىشىلەرنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ جۇمھۇرىيەتنى قايناق ۋە شانلىق بولغان مەدەنىيەت  ئالتۇن دەۋرىگە ئېلىپ كىردى.   مىسىر، يۇنان ۋە يەھۇدى مەدەنىيىتى ئاۋگۇست دەۋرىدە ياۋروپاغا تارقالدى. ئاۋگۇستتىن كېيىن ياۋروپادا ھىچكىم بۇنداق شۆھرەتلىك ، چوڭ ۋە ئىقتىدارلىق ئىمپىرىيە قۇرۇپ باقمىدى.
        مانا بۇلار ئاۋگۇستنى دۇنيادىكى بارلىق ئىمپىراتۇرلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئىچىدە 18-ئورۇنغا تىزىشتىكى سەۋەبلەردۇر.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىمپىراتورى