دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى-ھوقۇققا ئەسىر بولۇپ قالماسلىق كېرەك

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:34:12

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى دۇبەيدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈشتە ھوقۇقنى تۆۋەنگە بىرىشكە جۈرئەت قىلىش،ھوقۇققا ...

    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى

     

     


    دۇبەيدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈشتە ھوقۇقنى تۆۋەنگە بىرىشكە جۈرئەت قىلىش،ھوقۇققا  ئەسىر بولۇپ قالماسلىق كېرەك.

     


    مەن كىچىك چاغلىرىمدا بىر شىر باققان ئىدىم. ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن بارغانسىرى بوينى قاتتىقلىشىپ ھەم كەپسىزلىشىپ ، ئادەمنى يىقىن يولاتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆيدىكىلەر بۇنىڭدىن خاۋاتىرلىنىپ، ئۇنى شەھەر سىرتىدىكى دىھقانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىۋەتتى. بىر كۈنى مەن دىھقانچلىق مەيدانىدا يالغۇز قونۇپ قالدىم.  يىرىم كىچىدە مەن بىرىنىڭ پۇش- پۇش تىنىشىىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى شۇنداق ئاچسام ئاجايىپ بوغان بىر باش ماڭا يىقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى چوغدەك پارقىراپ تۇراتتى، ئىسسىق شۆلگىيى يۈزۈمگە تامچىلاۋاتاتتى. ئەسلىدە بۇ يوغان جانىۋار  باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىچىپ چىقىپ، مېنىڭ دەرىزەمنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يىنىمغا سەكرەپ كىرىپ،  تاكى مەن ئويغانغىچە مېنى ھىدلاپ تۇرغان ئىكەن.

     

    ياۋايى ھايۋانلار ئولجىسىنىڭ ھىدىنى يىراقتىنلا بىلىۋالالايدۇ. شۇنداقلا ئۇنى يەۋەتىلەيدۇ. لىكىن مەن بۇ شىرنى چۈشىنەتتىم. ئۇنىڭ ھەركىتى مېنى قورقۇتالمايتتى، ئۇ پەقەت مېنىڭ شىرىن چۈشلىرىمنى بۇزىۋەتتى خالاس. مەن ئۇنى ئىشىكتىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم، لىكىن ئۇ چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى، ئۇنى دەرىزىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم ، لىكىن ئۇ  مىدىر- سىدىر قىلغىلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن توساتتىن قارا كۈچتىن ياخشىراق بولغان بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتىم.  ئۆزەم دەرىزىدىن سىرىتقا ئۆمىلەپ چىقىپ، شىرمۇ مېنى دوراپ چىققاندا، دەرھال قايىتپ كىرمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن دەرىزىدىن سىرىتقا ياماشتىم. دەرۋەقە شىرمۇ ماڭا ئەگىشىپ سىرىتقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى سىرىتتا قالدۇرۇپ تىزلىكتە ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، ئىشىك- دەرىزىلەرنى تاقاپ، خاتىرجەم ئۇيقامنى ئۇخلىدىم.

     

    سىياسى ساھەدىمۇ مۇشۇنۇڭغائوخشاش ناھايتى ئاددى بىر ئۇسۇل بار. يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلار ھەممە ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەيدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە تايانسا بولىدۇ، مانا بۇ ھوقوق. لىكىن بەزى باشقۇرغۇچىلار يەنىلا جاھىللىق بىلەن ھوقوق دەستىكىنى مەھكەم تۇتىۋىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ھىچقانداق ئىش تاپشۇرمايدۇ.

     

    بۇنداق ئادەملەر شۇنى بىلىشى كىرەككى، ھوقوقنى تۆۋەندىكىلەرگە بىرىش ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقوقىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ  سۇنۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ ۋە ياكى  بارلىق خىزمەتنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇرۇشتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.  ھوقوقنى تۆۋەنگە بىرىش- ھاكىميەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق يول. بۇنداق بولغاندا تۆۋەندە ئىشلەۋاتقانلارمۇ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زىھنىنى تەرەققىياتقا سەرىپ قىلىدۇ، يىڭىلىق يارىتىدۇ ۋە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  بۇ جەرياندا تۆۋەندە ھوقوق تۇتۇۋاتقانلارنىڭمۇ رەھبەرلىك قىلىش قابىلىيىتى چىنىقىش ۋە تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. شۇنداقلا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماققا يانداش ھالدا بىرىنجى ۋە ئىككىنچى تارماق لىينەلەرمۇ بارلىققا كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھوقوقنى تۆۋەنگە  بەرمەيدىغانلار  قورقۇنچاقلار شۇنداقلا ئىشەنمەسلىكنىڭ قۇللىرىدۇر.  قەدىمقى ھوقوقپەرەسلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قوغىدىغۇچىلىرىدۇر. بۇنداق ئەنئەنە  ئىجادچانلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ھازىرقى زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنداق ئىللەت- ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دەۋىرنىڭ تەلىۋىگە پەقەت ئۇيغۇنلاشمايدۇ.

     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.