2070-يىلى يېزىلغان بىر پارچە خەت

يوللىغۇچى : nafisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-13 18:44:08

ھازىر 2070-يىلى، مەن ئەمدىلا 50 ياشقا كىردىم، لېكىن قارىماققا 85 ياشقا كىرگەندەكلا كۆرۈنىمەن. مەن سۇنى بەك ئاز ئىچكەچكە، ناھايىتى ئېغىر بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم.

    2070-يىلى يېزىلغان بىر پارچە خەت
     
    ھازىر 2070-يىلى، مەن ئەمدىلا 50 ياشقا كىردىم، لېكىن قارىماققا 85 ياشقا كىرگەندەكلا كۆرۈنىمەن. مەن سۇنى بەك ئاز ئىچكەچكە، ناھايىتى ئېغىر بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. كۈنلىرىمنىڭ ناھايىتى ئاز قېلىۋاتقىنى ماڭا ئايان. مەن ھازىر مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئەڭ قېرىلار توپىغا مەنسۇپ ھېساپلىنىمەن.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، بەش ياش چاغلىرىمدا ئىشلار ھازىرقىغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى.
    ئۇ چاغلاردا باغچىلار يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك چىرايلىق گۈللۈكلەر بار ئىدى، مەن ئاشۇ گۈللۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ھوزۇرلىنىپ بىرەر سائەتتەك يۇيۇنىۋالاتتىم؛ ھازىر بولسا ھۆل لۆڭگىگە مېنىرال مايلارنى سۈركەپ، تېرىمىزنى ئېيتىدىغان بولدۇق.
    ئۇ چاغدىكى قىزلارنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇراتتى، تولىمۇ نازاكەتلىك ئىدى؛ لېكىن ھازىرقى قىزلار چېچىنى يۇيۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، چاچلىرىنى پاك-پاكىز ئالدۇرىۋېتىدىغان بولدى.
    ئۇ چاغلاردا دادام گۈللەرنى سۇغۇرىدىغان ئۇزۇن شىلانكا بىلەن ماشىنىسىنى يۇياتتى؛ ھازىرقى بالىلار سۇنىڭ ئۇنداق كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئەسلا ئىشەنمەيدۇ.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ چاغلاردا «سۇنى تېجەپ ئىشلىتەيلى» دېگەنگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ناھايىتى نۇرغۇن، ھەرخىل مەزمۇندىكى لوزىنكىلار بولىدىغان، لېكىن كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، سۇنى ئىشلەتكەنگە تۈگىمەيدىغان، خورىمايدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس نەرسە دەپ قارايتتى؛ ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى ۋە يەر ئاستى سۇلىرى بۇلغىنىپ بولدى ياكى قۇرۇپ كەتتى.
    كۆزىمىزنى ئېچىپ قارايدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدىكى ھاممىسىنىڭ قۇملۇققا ئايلانغانلىقىنى كۆرىمىز.
    بۇرۇن چوڭلارنىڭ ھەر بىرى كۈندىلىك ئىچىدىغان ئەڭ پاكىز سۇنىڭ مىقدارى سەككىز ئىستاكان بولغان بولسا، ھازىر ئارانلا يېرىم ئىستاكانغا چۈشۈپ قالدى.
    سۇ قىس، قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولغاچقا، يىگىرمە ياشقا كىرگەن ياشلارنىڭ تېرىسى قىرىق ياشلاردىكى ئادەمنىڭ تېرىسىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
    سۇنى ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، دەل-دەرەخلەر ئازىيىپ كېتىۋاتقاچقا، ئوكسىگېنمۇ كۈندىن-كۈنگە شالاڭلاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى ھاياتلىق ئېراسىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنىڭغا مۇناسىپ تۆۋەنلەپ بارماقتا.
    بىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىمىز ئوتتۇز بەش ياش ئەتراپىدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
    سۇ كىشىلەر ئەڭ تەشنا بولىدىغان ئەزىز نەرسىگە ئايلىنىپ، ئالتۇن، ئالماس ۋە برىليانت دېگەنلەر ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالدى.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، ئىلگىرى كىشىلەر مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدا جار سالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىغانىدى.
    قىزىم مەندىن كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشىمنى سورىغاندا، مەن ئورمانلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، يامغۇر ۋە گۈللەرنى تەسۋەرلەپ بەردىم، يۇيۇنۇش ۋە بېلىق تۇتقاندىكى كۆڭۈللۈك چاغلارنى، شۇنىڭدەك پۇخادىن چىققۇدەك ئۇسسۇلۇق ئىچىدىغانلىقمىزنى، كىشىلەر ساغلاملىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەپ بەردىم.
    قىزىم گېپىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەندىن سورىدى:
    -ھازىر نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالدى؟
    شۇئان تىلىم تۇتۇلۇپ قالدى، مەن مۇھىتنى نابۇت قىلغان ئاشۇ ئەۋلادقا مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوڭايسىزلانماي تۇرالمىدىم. بىز تەبىئەتنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئەزەلدىن پەرۋا قىلمىغانىدۇق.
    ھالبۇكى، ئەمدىلىكتە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بۇ تۈپەيلى ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
    مەن ۋاقىتنىڭ كەينىگە قايتىشىنى، يەر شارىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاز-تولا ئىش قىلغىلى بولىدىغان ئاشۇ ۋاقىتقا قايتىپ كېلىشنى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بۇلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە؟!
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۇ تېجەش كەلگۈسى