نېمە ئۆزىڭىزنىڭ؟(ئەدەبى خاتىرە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 00:32:18

نېمە ئۆزىڭىزنىڭ؟مو شياۋمى ئەدەبىي خاتىرىلەرغوپۇر قادىر تەرجىمىسى  بەزىلەر ئۇنى ئامىتى ئاپەت بولدى دېسە، بەزىلەر ئۇنى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئىكەن دېدى، يەنە بەزىلەر ئۇنى كەم - كۈتىس...

     


    نېمە ئۆزىڭىزنىڭ؟
    مو شياۋمى
    ئەدەبىي خاتىرىلەر

    غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

       بەزىلەر ئۇنى ئامىتى ئاپەت بولدى دېسە، بەزىلەر ئۇنى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئىكەن دېدى، يەنە بەزىلەر ئۇنى كەم - كۈتىسىز لەقۋا ئىكەن دېدى. ئۇ زادى نېمىنى خاتا قىلدى؟
      - تەڭرىتاغ ژورنىلى 2003 -يىل 1 - سان


        پېنسىيىگە چىققان بۇ بوۋاي لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 480 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇمۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.  
    ئۇ شۇئانلا بۇنىڭدىن 180 مىڭ يۈەننى دۆلەتكە ئىئانە قىلىۋېتىپ، قالغان 300 مىڭ يۈەننى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى. بۇمۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.
    ئاددىي بىر ئادەم كۈتۈلمىگەن بايلىققا ئېرىشىپ، خوتۇن - بالىلىرىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئائىلە يىغىنىدا ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئۆزلىرىگە 100 مىڭ يۈەن بېرىش، بوۋاي بىلەن موماي 100 مىڭ يۈەن ئېلىپ قېلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭغا خوتۇنى قوشۇلدى، ئەمما ئېرى قوشۇلمىدى. ئۇ: «بۇ پۇل ھامىنى سىلەرنىڭ، ئەمما مەن بۇنى ھازىرلا بۆلۈپ بەرسەم، سىلەرنىڭ ھۇرۇنلۇشۇپ كېتىشىڭلاردىن، ھەتتا ئالغا بېسىشقا ئىنتىلمەسلىكىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.
    بىراق، بوۋاي ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ھېلىقى پۇلنى «ئىشلىتىۋالدى»  سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمما پۇلى بولمىغانلىقتىن داۋالىنالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا؛ ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن ئوقۇيالمىغان بالىلارغا، ئۆزىگە قارىغاندا پۇلغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە ئىشلەتتى... 300 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنلا قالاي دېگەندە، «بۇنى ئىككى بالامغا ئەپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى، ئەمما دەل شۇ چاغدا 100 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ھېلىقى 100 مىڭ يۈەننى بىراقلا «ئىئانە» قىلىۋەتتى.
    بوۋاينى خاتا قىلمىدى دېيىشكە بولاتتى، ئۇ ناھايىتى زېرەك ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېلىقى پۇلنى كۆڭلىدە ساقلاپ يۈرگەنىدى، بەلكىم ئۇلار بۇ پۇلنىڭ پەيزىنى قانداق سۈرۈش ياكى ئۇنى نېمىگە مەبلەغ سېلىش ھەققىدە كۈرمىڭ قېتىملاپ چوت سوققاندۇ، شۇڭا شېرىن چۈشلىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى ئۇشتۇمتۇتلا ئۇققىنىدا ئاتىسىدىن يۈز ئۆرىدى، ئانىسىنى قۇترۇتۇپ ئۆزلىرى ھەم پىخسىق، ھەم ئادىمىگەرچىلىكنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق دەپ ھېسابلىغان بۇ بوۋايدىن ئايرىلىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، بوۋاي راستتىنلا ئامەتتىن ئاپەت كۆردى، خوتۇن - بالىلىرىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولدى.
    قارىماققا بوۋاي ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق قىلغان، ئېرىشىشكە تېگىشلىكىگە ئېرىشەلمىگەن، قولدىن بەرمەيدىغىنىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغانىدى.
    ئەمما قولغا كىرگەنلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى  ئۆزىنىڭ بولىۋەرمەيتتى، مەسىلەن، ھېلىقى نۇرغۇن پۇل شۇنداق بولغانىدى.
       ئۆزى ئىگە بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان، يېنىدىلا تۇرۇۋاتقان نەرسىلەرمۇ ئۆزىنىڭ بولىۋەرمەيتتى. مەسىلەن، نوپۇس ۋە ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن فامىلە ئىسپاتلىغان خوتۇن - بالىلارمۇ شۇنداق بولغانىدى. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ سەمىمىي تاللىشىنى بىلەلمىسە، ئۇلارغا كۆيۈنۈۋاتقان ياخشى نىيىتىنى چۈشەنمىسە، ئۇ قانداقمۇ ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ دېيەلىسۇن؟
       ئۇنداق بولسا زادى نېمە ئۆزىنىڭ بولىدۇ؟ تاللاش ھوقۇقى، پەزىلەتنىڭ چىڭ ساقلىنىشى، ۋىجدان مىزانى ئۆزىنىڭ بولىدۇ.
       بوۋاي ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسىنى قولدىن بەرمەي، ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىدىن مەھرۇم بولغان، خالاس.





    «ئۈچ يۈز ھېكمەت» ناملىق كىتابتىن

    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.