تامچە سۇ تاشنى تېشەر

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-01 13:48:00

فىرانسىيە مۇخبىرى بود 1995يىلى يۈرەك كېسلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ قېلىپ مېيىپ بولۇپ قالغانىدى ،سۆزلەش ئىقتىدارى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى ،بارلىق بەدەن ئەزالارى ئىچىدە سول كۆزىل...

          فىرانسىيە مۇخبىرى بود 1995يىلى يۈرەك كېسلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ قېلىپ مېيىپ بولۇپ قالغانىدى ،سۆزلەش ئىقتىدارى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى ،بارلىق بەدەن ئەزالارى ئىچىدە سول كۆزىلا ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتمىغانىدى ،لېكىن ئۇ كېسەللىك ئالدىدا باش ئەگمەي ،گەرچە سۆزلىيەلمىسىمۇ ئاڭلىيالمىسىمۇ ،خەت يازالمىسىمۇ ،لېكىن ئاغرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى كۆڭلىگە پۈككەن ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرۈش ۋە نەشىر قىلدۇرۇشقا بەل باغلىدى،بۇنى ئاڭلىغان نەشىريات سودىگىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئېيتتى، ھەم ئۇنىڭغا بىر ياردەمچى ئەۋەتتى،ئۇلار كۈنىگە 6تە سائەت خىزمەت قىلاتتى. ياردەمچى فىرانسوس تىلىدا كۆپ قوللىنىدىغان ھەرىپلەرنى رەت تەرتىپى بويىچە ئوقۇغاندىن كېيىن بودى تاللايتتى ،ناۋادا بودى كۆزىنى بىر قېتىم قىسسا بۇ ھەرىپنىڭ توغىرلىقىنى ئىككى قېتىم قىسسا بۇ ھەرىپنىڭ خاتالىقىنىى ئىپادىلەيتتىۋە شۇ ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى . بىر قانچە يىل ئۈزۈلدۈرمەي خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەسىرى تاماملاندى ، قىياس قىلىنىشچە ،بۇ ئەسەر پۈتكىچە بودى كۆزىنى تەخمىنەن 200مىڭدىن ئارتۇق قىسقان ئىدى ،ئەسەر جەمئىي 150 بەت بولۇپ نەشىردىن چىققان .ئەسەرگە(تامچە سۇ تاشنى تېشەر)دېگەن ماۋزۇ قويۇلغانىدى . دۇنيادا ئەقىللىق ئادەملەر كۆپ ،بىراق مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەنلە رئاز ،نۇرغۇن ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزلىرى مۇۋەپىقىيەت قازىنىش شارائىتىگە ئېرىشكەندە ،بۇنىڭدىنمۇ پايدىلىق شارائىتلار كۈتۈپ تۇرىدۇ،مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلار بولسا ،شارائىت تاللاپ ئولتۇرمايدۇ،شارائىتنى ئۆزى يارىتىدۇ ،خۇددى بىر كۆزىى قالسىمۇ قىسقانغا ئوخشاش.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق