كىشىلىك تۇرمۇش مىزانى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-25 16:28:47

كىشىلىك تۇرمۇش مىزانىچى يۈنخەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر سودىگەرنىڭ ئايالى قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ئېھتىياتسىزلىقتىن خۇر...

    كىشىلىك تۇرمۇش مىزانى
    چى يۈن
    خەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     

       بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر سودىگەرنىڭ ئايالى قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ئېھتىياتسىزلىقتىن خۇرۇم سومكىسىنى دوختۇرخانىدا يوقىتىپ قويۇپتۇ. ھېلىقى سودىگەر قاتتىق تىت-تىت بولۇپ كېتىپ، ئۆزى كېچىلەپ ئىزدەپ چىقىپتۇ. چۈنكى، ئۇ خۇرۇم سومكىدا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا يەنە ئىنتايىن مەخپىي بولغان بازار ئۇچۇرىمۇ بار ئىكەن.
    ئۇ سودىگەر ھېلىقى دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغىنىدا ئۆزى ئىزدەپ چىققان سومكىنى دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق كارىدورىدىكى تام تۈۋىدە توڭلىغىنىدىن جالاقلاپ تىترەپ ئولتۇرغان ئاۋاققىنا بىر قىزنىڭ مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
        ھىياتا دەپ ئاتىلىدىغان ئۇ قىز ئەسلىدە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلگەنىكەن. بىر-بىرىنى ھاياتى دەپ بىلىپ بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ئانا-بالىنىڭ ئائىلىۋى ئەھۋالى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا، سېتىشقا بولىدىغانلىكى ئۆي-بىساتىنى سېتىپ مىڭ تەسلىكتە ئاران شۇ كۈنى بىر ئاخشاملىق دورا پۇلىغا يەتكۈدەك راسخوتىنى تەييارلاپ كەلگەنىكەن. يەنە پۇل بولمىسا ئەتىسى دوختۇرخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدىكەن. ئامالسىز قالغان ھىياتا ئانىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان بىرەر ياخشى نىيەتلىك ئادەمگە ئۇچراپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا ئۇياقتىن-بۇياققا تېڭىرقاپ يۈرگەنىكەن. بىرئايال كارىدوردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قولتۇقىغا قىسىۋالغان خۇرۇم سومكىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھىياتا دەرھال بېرىپ ئۇ سومكىنى قولىغا ئالغان ۋە ھېلىقى ئايالنىڭ ئارقىسىدىن چاققانلىق بىلەن قوغلاپ تاشقىرىغا چىققان، ئەمما ئۇ ئايال بىر ئاپتوموبىلغا چىقىپلا كېتىپ قالغان. ھىياتا بالنىتسىغا قايتىپ كېرىپ ھېلىقى سومكىنى ئاچقاندا سومكىدىن چىققان دەستە-دەستە پۇلنى كۆرگەن ئانا-بالا ئىككىسى ھەيران بولۇپ ھاڭۋېقىپ  تۇرۇپلا قالغان. لېكىن، ئۇنىڭ ئانىسى ھىياتانى ھېلىقى سومكىنى كارىدورغا ئاچىقىپ ئىگىسى كېلىپ ئېلىپ كەتكۈچە ساقلاپ تۇرۇشنى تاپىلىغان.
    ئانىسى: «پۇلنى چۈشۈرۈپ قويغان كىشى بۇ چاغقىچە تازا تىت-تىت بولۇپ كەتكەندۇ، ئادەم ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەممىدىن  مۇھىم ئىش باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن، باشقىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراشتىن ئىبارەت؛ ئەڭ قىلماسلىققا تېگىشلىك بولغان ئىش  ھارام نەرسىنى كۆزلەش ۋە پۇل-مال ئۈچۈن ۋىجدانىنى بۇلغاشتىن ئىبارەت» دەپ ئېيتقان.
       سودىگەر ھەرقانچە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھىياتانىڭ ئانىسى بىر تال تىكەندەك  يالغۇز قىزىنى تاشلاپ قازا قىلغان، ئانا-بالا ئىككىسى ھېلىقى سودىگەرنىڭ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللارلىق زىيىنىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يوقىتىپ قويۇپ قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈۋالغان بازار ئۇچۇرى بولغان ئاشۇ ئۇچۇر سەۋەبى بىلەن ئۇ سودىگەرنىڭ تىجارىتى ناھايىتى روناق تېپىپ، ئۇ سودىگەر كاتتا باي-مىليونېر بولۇپ كەتكەن. باي سودىگەر بېقىۋالغان ھىياتا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باي سودىگەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشكەن.
    باي سودىگەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا كىشىنى ھەيران قىلىدىغان مۇنداق بىر ۋەسىيەت قالدۇرغان:
       - مەن ھىياتا بىلەن تونۇشماس ۋاقتىمدىلا ناھايىتى پۇلدار باي ئىدىم، لېكىن يوقسۇزلۇق بىلەن كېسەل ئازابلاۋاتقان، ھاياتى خەۋپلىك پەيتتە تۇرسىمۇ غايەت جىق پۇلغا كۆز قىرىنى سالمىغان ئانا-بالا ئالدىدا تۇرغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن باي-دۆلەتمەن ئىكەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى، ئۇلار ئەڭ يۈكسەك كىشىلىك تۇرمۇش مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلغان، مانا بۇ مەندەك سودىگەردە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان نەرسە ئىدى. مېنىڭ پۇللىرىم پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئالداش، قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە بۇلاش-تالاش ئارقىلىق قولغا كەلگەن، ئۇلار ماڭا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ كاپىتالنىڭ پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. مېنىڭ ھىياتانى بېقىۋېلىشىم ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشتىنمۇ ئەمەس، خەيرىخاھلىق قىلىش سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئادەم بولۇشۇمنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىم ئىدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمدا بولسا، قايسى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك، قايسى ئىشنى قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى؛ قايسى پۇلنى تېپىش، قانداق پۇلنى تاپماسلىق كېرەكلىكىنى ھەممە ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتالايمەن، كېيىنكى چاغلاردا ئىشلىرىمنىڭ روناق تېپىپ، گۈللەپ-ياشنىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى مانا مۇشۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.