ئەڭ قۇدرەتلىك قورال

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-09-14 19:36:10

:«مەجبۇرلاش ۋە قىزىقتۇرۇشتىنمۇ بەكرەك ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان نەرسە چەكتىن ئاشقان مەنمەنچىلىك ئىكەن».

    ئەڭ قۇدرەتلىك قورال                      
    يى مىڭ                         
    پەرھات تەرجىمىسى                            
    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كات ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىدى، مەخسۇس ئەسىرلەرنى سوراق قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر ئاۋاق ئادەمنى يالاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر چۆكمە پاراخوت مۇتەخسسىسى روئېن ئىكەنلىكىنى بىلدى. ناھايىتى تېزلا يۇقىرىدىن مۇنداق پەرمان كەلدى:«روئېن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى چۆچمە پاراخوتىنى لايىھەلەپ ياساشقا قاتناشقان، شۇڭا ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ پاراخوتقا دائىر ئاخباراتنى دەرھال ئىگىلەش كېرەك». كات پەرمان بويىچە روئېننى سورا قىلدى، بىراق ئۇ زادىلا ئىقرار قىلمىدى.
    قانداق قىلغاندا روئېننى ئېغىز ئاچۇرغىلى بولار؟ كات بىردىنلا ئۇنىڭغا ئائىت ماتېرىياللاردىن روئېننىڭ ھەرقانداق ئىشتا توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن كاتنىڭ كاللىسىغا ئىنتايىن ئەپچىل بىر چارە كەلدى.
    شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە كاتنىڭ ياردەمچىسى روئېننى كامىردىن شامالداشقا ئېلىپ چىققاندا، ھامان بىر سىنىپنىڭ يېنىغا كېلىپ دەم ئالىدىغان بولدى. سىنىپتا بولسا بىر «ياشانغان پىروفېسسور» ئوقۇغۇچىلارغا چۆكمە پاراخوت ھەققىدە دەرس سۆزلەيتتى، بىراق سۆزلىگەن مەزمۇن خاتالىقلارغا تولۇپ كېتەتتى. دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە روئېن گەپ-سۆز قىلماستىن بېشىنى چايقاپ ئولتۇردى. ئەمما ئارىدىن يېرىم ئاي
     ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زادىلا چىداپ تۇرالماي، سىنىپقا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ «ياشانغا پىروفېسسور» بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ كەتتى. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار روئېننىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولۇشتى، روئېنمۇ سۆزلىگەنسېرى روھلىنىپ، ئاخىرىدا قولىغا بور ئېلىپ دوسكىغا ئىسخېمىلارنى سىزىشقا باشلىدى.
    مانا مۇشۇ چارە بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ چۆكمە پاراخوتىغا ئائىت ئەڭ مۇھىم ئاخباراتىغا ئېرىشتى. كات روئېن بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈۋالغانىدى، يېنىدىكى باغانچىدە مۇنداق خەتلەر بار ئىدى:«مەجبۇرلاش ۋە قىزىقتۇرۇشتىنمۇ بەكرەك ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان نەرسە چەكتىن ئاشقان مەنمەنچىلىك ئىكەن».
    (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئامېرىكا