ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:26:22

يېقىندا داڭلىق فىزىكىشۇناس سېتىفىن خاۋكىڭ ئەگەر ئىنسانلار نەسلى قۇرۇپ كېتىشنى خالىمايدىكەن چوقۇم يەر شارىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دىگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇ يەنە ئىنسانلارنى ئۆزىمىزنى ...

    يېقىندا داڭلىق فىزىكىشۇناس سېتىفىن خاۋكىڭ ئەگەر ئىنسانلار نەسلى قۇرۇپ كېتىشنى خالىمايدىكەن چوقۇم يەر شارىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دىگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇ يەنە ئىنسانلارنى  ئۆزىمىزنى ياكى يەر شارىنى ئىسسىق يادرو قوراللىرى بىلەن ۋەيران قىلىۋىتىش ئىقتىدارىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.بۇلاردىن سىرىت كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشى،قۇياش بورىنى،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقىنى داۋام ئېتىشىگە بولغان خىرىسىنىمۇ مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى يەر شارىدا مەۋجۇد بولۇپ باققان تۈرلەرنىڭ 99%يوقىلىپ كەتكەن.ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا پىلانىتىمىز بىزگە بولغان دوستانە مۇئامىلىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ كۈن بىز ئىنسانلارنىڭ بېشىمىزغا كەپ قالسا تۆۋەندىكى سەككىز خىل ئۇسۇل بىزنىڭ ھاياتلىقمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئالدىنقى تاللاشلىرىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    1.گېئوخىمىيە




      بۇ ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا پايدىسىز شارائىتلارنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشى بولۇپ

    ئىنسانلارنى خۇددى يەر شارىدا نورمال ياشىغانغا ئوخشاش شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. گەرچە ھازىر بىزنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيەرىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بۇنىڭغا يەتمىسىمۇ،لېكىن كەلگۈسىدە بۇ ئۇسۇل بىر ئەمىلى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىرىنچى قەدەم بولسا پارنىڭ گازىنى تاللانغان پىلانىتانىڭ ئاتموسفىرا قەۋىتىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قۇياش ئىسسىقلىقىنى قورشاپ،يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتۇراسىنى ئۆرلىتىش. مارىسنى گېئوخمىيەلىك ئۆزگەرتىشنى مىسالغا ئالساق، يەر يۈزى تېمپىراتۇراسىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق قۇتۇپتىكى مۇز قاپلىمىسىنى  پارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق كاربون تۆت ئوكسىد كۆپلەپ ئاتموسفىراغا قويۇپ بېرىلىپ مارىسنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىللىتىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ئاخىرقى قەدەم بولسا دەرەخ تىكىپ كاربون تۆت ئوكسىدنى ئوكسىگىنغا ئايلاندۇرۇپ تاللانغان شۇ پىلانىتانىڭ ھاۋاسىنى ئىنسانلارنىڭ نەپەسلىنىشىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشتۇر.
    2.پىلانىتا بازىسى





    ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىغا چىقىۋالغاندىن كېيىن پىلانىتا بازىلىرى ۋە كۆچمەنلەر رايونلىرى يەر شارىدىن باشلانغان كېڭەيمىچىلىكنىڭ كېلەركى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېڭى ماكانلار مول قېزىلما بايلىقلىرى بىلەن ئىنسانلارغا مە ڭگۈلۈك تۇرالغۇ بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن . مارىس ۋە ۋېنىرادەك پىلانىتالاردا يەر يۈزىنىڭ ناچار شارائىتى تۈپەيلىدىن يېڭى ماكان يەر ئاسىتىغا ياكى قورشاۋ ھالەتتە قۇرۇلىشى كېرەك.

    ھەددىدىن زىيادە سوغۇق ياكى ئىسسىق ھاۋا شارائىتى ۋە ھاۋا بېسىمىنىڭ پەرقى تۈپەيلىدىن،ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئامال-چارىلار يەر ئاستىدا ياكى ئالەم بوشلۇقىدا ياشىغانغا ئوخشىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن قانداق قىلىپ يوغانراق بولغان گازلىق پىلانىتالاردا ياشاپ كۆپىيىش توغىرىسىدا ئەمەلى چارە –تەدبىرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. نۆۋىتى كەلسە يوغان بالون شارلارغا ئېسىلغان لەيلىمە شەھەرلەرنى ئاتموسفىرانىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىغا قويۇپ بېرىشمۇ بىر خىل ئامال بولۇپ قالغۇسى.
     3. ھەمراھ يۇلتۇزلار بازىسى




      يەر شارىدىن ئايرىلغاندىكى يەنە بىر تاللىشىمىز بولسا ھەمراھ يۇلتۇزلارنى ۋە كىچىك يۇلتۇزلارنى(مارىس ۋە يۇپىتىر ئارىلىقىدىكى) مۇستەملىكە قىلىش. ھەمراھ يۇلتۇزلار بازىسى چوقۇم ئېرىشكىلى بولىدىغان بايلىق مەنبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلىشى كېرەك. كومىتا ۋە كىچىك يۇلتۇزلاردا ئاساسى جەھەتتىن بىزگە مەلۇم بولغان ئېلمىنىتلار تۇراقلىق ھالەتتە تېپىلىدۇ. بىزگە كېرەكلىك بولغان ئېلمىنىتلار ۋە مىنىراللارغا باي بولغان ھەمراھ يۇلتۇزلاردا بولسا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىز بولىشى سەۋەبىدىن بايلىقلارنى قېزىش ۋە يۆتكەپ توشۇش ئىشلىرى بىر قەدەر ئوڭايغا توختايدۇ.ساتۇرن،ئۇران ۋە نېپتۇنلارنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزلىرىدا كۆپ مىقداردىكى مۇز قاتلىمى ۋە كاربونلۇق بىرىكمىلەر بايقالدى. يۇپىتىرنىڭ 3-ھەمراھ يۇلتۇزى گانىمىددا ھەتتا قۇياش رادىياتسىيىسىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان ماگنېتوسفېرا قەۋىتىمۇ بايقالدى. ھەمراھ يۇلتۇزلار بازىسى قۇرۇش قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ۋە يېقىلغۇغا ئېرىشىشتە تۈگۈنلۈك رول ئوينىسىمۇ لېكىن ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرالغۇسى بولالمايدۇ.چۈنكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشتىلىتىپ تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ يەردە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
    4. ئالەم پونكىتى




    ئەگەر يەر شارى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغىدەك ھالەتتە ۋەيران بولۇپ كەتسە ياكى نوپۇس ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتسە ئۇنداقتا بىزنىڭ يەر شارىدىن ئايرىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز قالمايدۇ.يەر شارىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ بارار جايى چوڭ كۆلەمدىكى ئالەم پونكىتلىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ماكانىغا بولغان تەسەۋۋۇرلار ئىزچىل ھالدا فانتازىيەلىك فىلىملارنىڭ باش تېمىسى بولۇپ كەلدى.بۇ تەسەۋۋۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ستانفۇرت تورىسنىڭ ئىدىيەسىدىن كەلگەن.يەنى  ئىچكى قىسىمدىكى مەركەزدىن قېچىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئېغىرلىق كۈچ سىمۇلياتسىيە (بىر سىستېما ياكى بىر جەرياننىڭ ئىقتىدارىنى يەنە بىر  سېستىما ياكى جەرياننىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىپادىلەش ياكى تەقلىد قىلىش) قىلىنغان چوڭ بىر ھالقىسىمان تۇرالغۇ. بۇ ھالقىسىمان تۇرالغۇنىڭ ئىچكى قىسمى تەبىئى مۇھىتنى تەقىلد قىلغۇدەك دائىرىدە مىسالغا بىر تاغ جىلغىسىنىڭ باش ۋە ئاياغ تەرىپى ئىگىلىپ ئۆز ئارا تۇتىشىپ مۇكەممەل بىر ھالقىنى ھاسىل قىلغۇدەك ئۇزۇنلۇقنى سىغدۇرالىغۇدەك دائىرىدە چوڭ بولۇشى كېرەك. قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن توك ھاسىل قىلىش ۋە يېقىن ئەتراپتىكى پىلانىتا ۋە ھەمراھ يۇلتۇزلاردىن بايلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن.يەنە كېلىپ مۇستەقىل ۋە كۆپ خىل ئالەم ماكانى قۇرۇش بىرسىدىكى ھاياتلىق ۋەيران بولغان تەقدىردىمۇ قالغانلىرىدىكى ئارقىلىق ئىنسانلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
    5. دېڭىز-ئوكيانلارنى مۇستەملىكە قىلىش





    نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى زىيادە خورىتىشتىن كېلىپ چىققان مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى بىر ئامال بولسا دېڭىز-ئوكيانلارنى مۇستەملىكە قىلىش. دېڭىز-ئوكيان تېرمال –ئېنىرگە ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تىيىز سۇ قاتلىمى ۋە چوڭقۇر سۇ قاتلىمىدىكى تېمپىراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ ماتورنى ھەركەتلەندۈرىدۇ. بۇ خىل ئېنىرگىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئاسان ئېرىشكىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ. تېخنىكىسى كەڭ كۆلەملىك تېرىلغۇ مەيدانىنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەر شارىدىن كېڭەيگەن بۇ يېڭى ماكاندا ئىنسانلار قىسمەن چۆكمە ياكى قىسمەن لەيلىمە ھالەتتىكى شەھەرلەرگە جايلىشىدۇ. شىمىزۇ-مىگا-شەھەر پىرامىداسىغا ئوخشاش دېڭىز ئاستى زور قۇرۇلۇش لاھىيەسى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ،غايەت زور ئېغىرلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك تېخنىكىغا ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسى تېخى يەتمەيدۇ.
    6. يەر ئاستىغا ماكانلىشىش




    1930-يىلنىڭ باشلىرىدا ياپونىيەدە يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش ئامالىنى ئىزدەش مەقسىتىدە 35 قەۋەت چوڭقۇرلۇقتا توپا قازالايدىغان قىرغۇچ ياساش پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلغان.گەرچە بۇ پىلان روياپقا چىقمىغان بولىسىمۇ.يەر ئاستىغا ماكانلىشش ئەزەلدىن ئىنسانلار قىزىقىشى بولۇپ كەلگەن.ئەگەر يەر شارىنىڭ يۈز قىسمى يادرو ۋە  قۇياش رادىياتسىيىسى،يادرو قىشى قاتارلىق ھادىسىلەر تۈپەيلى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەي قالغان چاغدا يەر ئاستىغا ماكانلىشىش ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ بىر ئامالى بولۇپ قالىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى،ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك،يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ مەسىللىرىگە دۇچ كېلىشىمىز ئېنىق بولسىمۇ،بىراق يېقىندا چىلىدىكى گۈمۈرلۈپ كەتكەن كانغا قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىدىن ئىگەللىشىمىزچە يەر ئاستىدا تۇرۇشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پىخسىكىلىك تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ،روھى ساغلاملىقنى ساقلاش جىسمانى ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. يوچۇق ئېچىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن يورۇقلۇق بىلەن يەر ئاستى دېھقانچىلىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولسىمۇ،لېكىن كېتەرلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى غايەت زور بولغانلىقى ئۈچۈن،يەر ئاستىغا ماكانلىشىش پەقەت يەر يۈزىنى ئوڭشىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىنسانلار ۋاقىتلىق  ماكانلىشىپ تۇرىدىغان بىر تۇرالغۇ بولالىشى مۇمكىن.
    7. تەدىرجى تەرەقىقىياتنى مەجبۇرى ئىلگىرلىتىش





    ئەگەر ئوزۇقلۇق زەنجىرى چۇما ۋە ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەرىپىدىن بۇزىۋىتىلسە،گېننى تىزگىنلەش ئۈنۈملۈك چارە ھېساپلىنىشى مۇمكىن.ئالىملار ئاللىقاچان بىر خىل ۋىرۇسنىڭ تەدىرجى تەرەققىياتىنى ئىلگىرلىتىپ گېن ئۆزگىرىشى ئېلىپ بېرىپ  بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ پېئىلى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تىزگىنلەش ئامالىنى تېپىپ چىقتى.ئالىملار يەنە قانداق قىلىپ بۇ ئۆزگەرتىلگەن گېنلارنى ئادەم بەدىنىدە گېنلار بىلەن ئالماشتۇرۇش چارىسىنىمۇ ئويلاپ چىقتى.بىر قىسىم زىيانسىز ۋىرۇسلار ئىممۇنىت سېستىمىمىزنىڭ غول زەنجىرىنى شەكىنلەندۈرۈش  مەقسىتىدە زورلاپ تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، كۆزلەنگەن ھۈجەيرىگە دورا يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئۆتكۈنچى يول ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. گېن قۇرۇلىشى ۋە گېنلىق داۋالاش كەلگۈسىدە ئىنسانلارنى يۇقۇملۇق كېسەللەكلەردىن يۇقۇملىنىش ئەندىشىسىدىن خالى قىلىشى مۇمكىن. تەن ھۈجەيرىلىرى گېنى ئارقىلىق داۋالاش تېخنىكىسى بولسا ياخشى گېنلارنى ناچار گېنلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئۆمۈرىنى ئۇزارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
    8. يەر شارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش




    يادرو قىرغىنچىلىقى، كىچىك يۇلتۇزلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇپ كېتىشى ،تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلى يەر شارىدا كەڭ –كۆلەملىك گۇمراھلىق يۈز بەرسە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر ئامالى بولسا يەر شارىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش.ئىنسانلار پاناھلىق جاي ئىزدىگەندە بۇزۇلمىغان ياكى ئاپەتنىڭ تەسىرى ئاز بولغان جايلارنى تاللايدۇ.يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ تەمىناتىغا ئېرىشىش ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك تەس بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ساپلاشتۇرۇش ۋە دىستىللەش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئىچىملىك سۇ مەسىلسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئوت-بوغۇزلار يېمەكلىككە ئېھتىياجىمىزنى  قىسقا مۇددەتلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.   ھىم ئېتىپ ساقلانغان سەي-كۆكتات،مېۋە-چېۋە ۋە يېمەكلىكلەرنى تازلاپ تەركىبىدىكى رادىئاتسىيىلىك چاڭ- توزان لارنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامال ھەل قىلىش چارىسى بولسا ۋەيران بولغان تۈرلەرنى تەبىئەتكە قايتىدىن تونۇشتۇرۇش. نورۋېگىيەدىكى 2 مىليارد سىغىملىق سىۋالبارد دۇنياۋى ئۇرۇق ئسكىلاتىدا 250 مىليون خىلدىن ئارتۇق ئۇرۇق ساقلاقلىق. ئەگەر ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتسە سىۋالباردتىكى بۇ گېن ئامبىرى ھاياتلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

       مەنبە- http://listverse.com/2010/08/30/8-ways-to-ensure-human-survival/

    -          

    تەرجىمىسى Lady-Uyghur
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.