ماڭا قېرىلىق يەتكەندە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 19:36:28

ماڭا قېرىلىق يەتكەندەسۆيۇملۈك ئوغلۇم...مەن قېرىغاندا،ياش ۋاقتىمدىكىگە ئوخشىماي قالىمەن، مېنى توغرا چۈشەن، ماڭا نىسبەتەن سەۋىرچان بول.تاماقلارنى كىيمىمگە چاچرىتىۋالسام، ئاياق بۇققۇچۇمنى چىگىش...

    ماڭا قېرىلىق يەتكەندە

     

    سۆيۇملۈك ئوغلۇم...

          

    مەن قېرىغاندا،ياش ۋاقتىمدىكىگە ئوخشىماي قالىمەن، مېنى توغرا چۈشەن، ماڭا نىسبەتەن سەۋىرچان بول.تاماقلارنى كىيمىمگە چاچرىتىۋالسام، ئاياق بۇققۇچۇمنى چىگىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسام، ئەينى ۋاقىتتا ساڭا قانداق ئۈگەتكىنىمنى ئەسلەپ قوي!

    مەن قېرىغاندا ياش ۋاقىتلىرىمدىكىدەك ھەر بىر ئىشلىرىڭنى قىلىپ بېرەلمەي قالىمەن، بۇنداق چاغلاردا، مەندىن ئاغرىنماي، ئۆز ۋاقتىدا سەن ئۈچۈن تۆككەن قان – تەرلىرىمنى ئەسلەپ قوي!

    بۇرۇن ئاڭلاپ زىرىكىپ كەتكەن گەپلەرنى تەكرارلارۋەسەم ،گىپىمگە لوقما سالماي،سەۋىر-تاقەت بىلەن ئاڭلا،سەبىي ۋاقتىلىرىڭدا،مەنمۇ ساڭا ئون مىڭ قېتىملاپ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى يەنە تەكرار ئېيتىپ بېرىپ زېرىكمىگەنمەن.

        يۇيۇندۇرۇپ قويۇشۇڭغا مۇھتاج بولغىنىمدا، مېنى ئەيىپلىمە، سەبىي ۋاقىتلىرىڭدا سېنى قانچە قېتىملاپ يۇيۇندۇرۇپ قويغىنىم ئېسىڭدىمۇ؟

        يېڭى پەن-تېخنىكا، يىڭى شەيئىيلەرنى بىلمىسەم، مىنى مەسخىرە قىلما.كىچىك ۋاقتىڭدا سەن سورىغان "نىمە ئۈچۈن؟" لەرگە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن جاۋاپ بەرگىنىمنى ئويلاپ قوي!~

       ئىككى پۇتۇمنىڭ ماغدۇرى قالماي، مېڭىشقا ئامالسىز قالغىنىمدا، سەبىي چېغىڭدا تەمتىلەپ مېڭىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭدا،مەن سېنى يۆلىۋالغانغا ئوخشاش،سەنمۇ بەردەم قوللىرىڭ بىلەن مېنى قولتۇقلىۋال!~

       پاراڭ تېمىسىنى تۇيۇقسىز ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىمدا،مېنىڭ ئەسلىۋىلىشىم ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت بەر. راستىمنى ئىيتسام، نېمە توغرىسىدا پاراڭلىشىش مەن ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس،پەقەت يىنىمدا ئولتۇرۇپ گىپىمنى ئاڭلاپ بەرسەڭلا مەن شۇنىڭدىن رازى!~

       مېنىڭ كۈندىن-كۈنگە قېرىپ ماجالىمدىن كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرگىنىڭدە، ھەرگىز كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، مېنى چۈشەن، خۇددى سېنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىڭدا، مېنىڭ ساڭا قىلغان مۇئامىلەمگە ئوخشاش!~  

    مەن قېرىغاندا، ساڭا نۇرغۇن ئېغىرچىلىقلىرىمنى سېلىشىم مۇمكىن، ئەمما سېنىڭ قۇرت چاغلىرىڭدىن تارتىپ كىمنىڭ قۇچىقىدا، قانداق پەپىلىنىپ چوڭ بولغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟

    ئەينى ۋاقىتتا سېنى كىشىلىك تۇرمۇش يولىغا مەن باشلىغان ئىدىم، ئەمدى سەن مىنىڭ ئاداققى يولۇمنى تاماملىشىمغا ھەمرا بول! ماڭا مېھىر ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى ئاتا قىلساڭ، مەن ساڭا مىننەتدارلىق تەبەسسۇمى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمەن،ئاشۇنداق تەبەسسۇمۇمغا ساڭا بولغان چەكسىز كۆيۈنۈشلىرىم مۇجەسسەملەنگەن!~

    مەنبە: كروران بلوگى

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:42:15]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.