ئۆز - ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 00:28:19

ئۆز - ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشسەي يۈمىڭغوپۇر قادىر تەرجىمىسى  كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقنى تىندۇرۇۋاتقاندا، بىر ئېشەك قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. قۇدۇق بەك تېرەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېشەك ...

    ئۆز - ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش

    سەي يۈمىڭ
    غوپۇر قادىر تەرجىمىسى



        كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقنى تىندۇرۇۋاتقاندا، بىر ئېشەك قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. قۇدۇق بەك تېرەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېشەك بەك قېرىپ كەتكەنىكەن، شۇڭا كىشىلەر ھەممە ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بېقىپمۇ ئېشەكنى تارتىپ چىقىرالماپتۇ. گەرچە بۇ ئېشەك قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ يېلىنغىنىچە ھاڭرىسىمۇ، كىشىلەر ئىلاجىسىزلىقتىن يەنىلا ئۇنى كۆمۈۋېتىشنى قارار قىپتۇ.
    قۇدۇققا بىرىنچى گۈرجەك توپا تاشلانغاندا، ئېشەك تېخىمۇ چىڭ ھاڭراپتۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىۋالغىنى ئېنىقكەن. ئەمما قۇدۇققا ئىككىنچى گۈرجەك توپا چۈشكەندە، ئېشەك كۈتۈلمىگەن يەردىن تىنچلىنىپ قاپتۇ. كىشىلەر ئېشەكنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر گۈرجەك توپا دۈمبىسىگە چۈشكەندە ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى  دۈمبىسىدىكى توپىنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ سىلكىپ چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى دەسسىگىنىچە ئۆز - ئۆزىنى ئازراقتىن كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ.
    كىشىلەر قۇدۇققا كەينى - كەينىدىن توپا تاشلاۋېرىپتۇ، ئېشەكمۇ تىنماي سىلكىنىپ ئۇلارنى چۈشۈرۈپ دەسسەۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېشەك سىلكىپ چۈشۈرگەن توپىسىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپتۇ، ئاخىر ھەيرانۇ - ھەس قالغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا، قۇرۇپ قالغان قۇدۇقتىن نوچىلىق بىلەن مېڭىپ چىقىپتۇ.
    شۇ تاپتا سىز قۇرۇپ قالغان قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن بولسىڭىز، قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ھەققىدىكى نالە - پەريادىڭىز سىزنى دەپنە قىلىدىغان لاي - توپىنىلا چىللاپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئېشەك بىزگە مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلۇشنىڭ سىرى ئۈستۋېشىمىزدىكى لاي - توپىلارنى جان - جەھلىمىز بىلەن سىلكىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۇنى ئۆز - ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرىدىغان پەلەمپەيگە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىپ قويدى.

    يەنە بىر ھىكايە بار :

        ئۈچ يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى ئىمارەت لايىھىلىگۈچى خرىستورېيىن بۇيرۇققا بىنائەن ئەنگلىيىنىڭ ئۇنرې شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىنى لايىھىلىدى، ئۇ قۇرۇلۇش مېخانىكا بىلىملىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ، زالنىڭ بىرلا تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تورۇسىنى ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەپ چىقتى. ئەمما بىر يىلدىن كېيىن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان چاغدا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە رېيىندىن جەزمەن يەنە بىرنەچچە تۈۋرۈك قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.
        رېيىن ئۆزىنىڭ لايىھىسىگە ئىنتايىن ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ناھايىتى بېشى قاتتى: ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرىۋالاي دېسە، ئۇلار جەزمەن باشقا ئادەم تېپىپ لايىھىنى ئۆزگەرتەتتى؛ چىڭ تۇرماي دېسە، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پرىنسىپىغا مۇخالىپ كېلەتتى. رېيىن ناھايىتى ئۇزاققىچە زىددىيەت ئىچىدە قېلىپ، ئاخىر ئەپچىل چارىدىن بىرنى ئويلاپ تاپتى،  ئۇ زالدا تۆت تال تۈۋرۈكنى كۆپەيتتى، ئەمما ئۇلار تورۇس بىلەن تۇتاشمايتتى، بۇ پەقەت ھېلىقى تەرسا ئەبلەخلەرنى كولدۇرلىتىدىغان قۇرۇق جازىلارلا ئىدى.
     ئۈچ يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ مەخپىيەتلىك باشتىن - ئاخىر بايقالمىدى. ئىككى يىل ئاۋۋال شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىنىڭ تورۇسىنى ئوڭشىماقچى بولغان چاغدىلا ئاندىن رېيىننىڭ ئەينى يىللاردىكى «ساختىپەزلىكى»نى بايقاپ قالدى.
    رېيىن ئارخىتېكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما تەبىئىي ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن شەك - شۈبھىسىزلا ئىنتايىن ئۇلۇغ كىشى. مۇنداق ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ ئۆز پرىنسىپىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلغانلىقى، قەلبىدىكى ئېسىلزادىلىققا گۈزەل بىر ماكان ئاتا قىلغانلىقى، ئەڭ زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىسىمۇ، بىر ئامال قىلىپ غەلىبە قۇچقانلىقىدا ئىپادىلەنگەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر غوپۇر قادىر