كىشىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئوغرىلار

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-24 16:26:23

بىرىنچى قېتىم چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كېلىشىم ئىدى. ئەمدىلا پويىزدىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا سومكامنىڭ سېرتمىسىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


    كىشىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئوغرىلار

    بىرىنچى قېتىم چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كېلىشىم ئىدى. ئەمدىلا پويىزدىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا سومكامنىڭ سېرتمىسىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىسام ماتېرىياللىرىم ھېلىھەم جايىدا ئىكەن، ئەمما ماتېرىيالنىڭ بوش يېرىگە ئوغرى يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان مۇنۇ خەتلەر تۇراتتى: «بۇنچە چىرايلىق سومكىغا پۇل سالماي ماتېرىيال سالغىنىڭ نېمىسى؟ پۇلۇڭ يوق تۇرۇپ نېمە يوغانچىلىق ساڭا؟»
    ئىككىنچى قېتىم، كۈندىزى ئۆيدە ئارام ئالغاچ تورغا چىقىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئاشخانىدىن بىر ئاۋاز كەلدى، چىقىپ قاراپ باقسام، بىر ئوغرى بىخەتەرلىك ئىشىكىنى قومۇرۇۋاتقانىكەن. مەن دەررۇ پىچاق ئاچىقىپ:
    -نېمە قىلماقچىسەن؟ ھازىرلا ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن،-دەپ ۋارقىرىدىم.
    ئوغرى ئالدىرىماي-تېنىمەي سايمانلىرىنى يىغىشتۇردى-دە:
    -ساراڭمۇ سەن؟ ئۆيدە بولغاندىكىن ئاۋاز چىقارمامسەن؟ بىكارغىلا ئاۋارە بولدۇم دېسە،-ئوغرى سۆزىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى.
    ئۈچىنچى قېتىم، ئۆزۈم يالغۇز بازار ئايلىنىۋاتاتتىم، ئون ياشلاردىكى بىر بالا يانچۇقۇمنى ئاختۇردى.
    -ھەي بالا، نېمە قىلىۋاتىسەن؟-دېدىم مەن.
    -قۇرۇق گەپ، ئەلۋەتتە پۇل ئاختۇرۋاتىمەن،-دېدى بالا.
    -مەندە پۇل يوق، ئەمدى ئاختۇرما، بولمىسا سېنى ساقچىخانىغا ئاپىرىمەن،-دېدىم مەن ئۇنى قورقۇتۇپ.
    بالا ماڭا چەكچەيگىنىچە:
    -پۇلۇڭ يوق تۇرۇپ نېمانچە ئاچچىقلايسەن؟-دېدى-دە، كېتىپ قالدى.
    تۆتىنچى قېتىم، كەچلىك ئىسمېنادىن قايتىپ ئۆيگە كەلگۈچىلىك خېلى كەچ قالدىم. تازىلىق ئۆيىدە چىشىمنى چوتكىلاۋاتسام، بىرەيلەننىڭ قۇلۇپۇمنى ئېچىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم:
    -كىم؟ نېمە ئىش؟
    كىم بىلسۇن، ھېلىقى ئوغرى:
    -بۇنچە كەچتە ئۇخلىماي نېمە قىلىۋاتىسەن؟-دەپلا جىمىپ كەتتى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوغرى سومكا پۇل