يىگانە قىز

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-15 01:39:19

يىگانە قىزبۇرۇنقى زاماندا بىر قىز مۇھەببەتتىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئورمانلىقتا كىتىپ بېرىپ ئىككى بۇلبۇل چۈجىسىنى تېپىۋالدى،ئۇ بۇ ئىككى بۇلبۇلنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ قەپەزگە...

    يىگانە قىز


    بۇرۇنقى زاماندا بىر قىز مۇھەببەتتىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئورمانلىقتا كىتىپ بېرىپ ئىككى بۇلبۇل چۈجىسىنى تېپىۋالدى،ئۇ بۇ ئىككى بۇلبۇلنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ قەپەزگە سولاپ، كۆڭۈل قويۇپ باقتى، قىزنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن بۇ ئىككى بۇلبۇل چۆجىسى تېز چوڭ بولدى. ھەر كۈنى سەھەردە ئۇلار قىزغا ناھايىتى يېقىملىق ئاھاڭلاردا سايراپ بېرەتتى.قىزمۇ بارغانسىرى بۇ بۇلبۇللارغا ئىچىركەپ كەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزىگە مۇشۇنداق يېقىملىق سايراپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلاتتى.
    بىر كۈنى قىز بۇلبۇللارنى ئۆزىگە كۆنۈپ قالدى دەپ ئويلاپ، قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى،بۇلبۇلنىڭ سەل قاۋۇلراقى قەپەستىن ئۇچۇپ چىقىتى،قىز بۇنى كۆرۈپ تەمتىرەپ كىتىپ دەررۇ بۇلبۇلنى دەرھال چاڭگاللاپ تۇتىۋالدى، قىز ئۇ بۇلبۇلنىڭ ئۇچۇپ كىتىشىدىن، ئۇنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىدىن تەشۋىشلىنىپ، ئۇنى تەلۋىلەرچە چاڭگاللىۋالدى،يۈرىكىدە بولسا ئۇنى تۇتۇۋالغىنىدىن شاتلىنىۋاتاتتى، توساتتىنلا قىز بۇلبۇلنىڭ جىمىپ قالغىنىنى سەزدى،ئۇ بۇلبۇللىرىنى چاڭگاللىغان بارماقلىرىنى ئاستا ئېچىۋىدى،بۇلبۇلنىڭ ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدا ئۆلۈپ قالغىنىنى كۆردى،قىز ئۆزىنىڭ بۇلبۇلنى ياخشى كۆرگىنىدىن ئەكسىچە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغىنىدىن قاتتىق ئۆكۈندى. دەل شۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر بۇلبۇلنىڭمۇ قەپەزنىڭ ئىشىكىگە ئۇچۇپ كېلىپ قونغىنىنى كۆردى،قىز بۇلبۇلنىڭ ئەركىنلىككە نەقەدەر تەشنا بولىۋاتقىنىنى سەزدى،بۇلبۇل شۇ دەقىقىلەردە كۆك ئاسمانغا بوينىنى سوزۇپ تەلمۈرىۋاتقان ئىدى،ئۇ بۇلبۇلنى ئاستا ئېلىپ ھاۋاغا قويۇپ بەردى…
    بۇلبۇل ئاسماندا بىر …ئىككى… ئۈچ قېتىملاپ چۆگىلەپ ئۇچۇشقا باشلىدى.قىز بۇلبۇلنىڭ بۇ دەقىقىلەردىكى خوشاللىقىنى سەزدى،ئۇنىڭ يۈرەكلىرىمۇ ئەمدى ئۇ بۇلبۇلنى يوقىتىپ قويۇشتىن غەم يىمەۋاتاتتى. قىز بۇلبۇلنىڭ خوشاللىققا ئېرىشىشىنى ئۈمىت قىلماقتا ئىدى،تۇيۇقسىز بۇلبۇل قىزغا قاراپ ئۇچۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ يەلكىسىگە يىنىككىنە قوندى-دە، قىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان يېقىملىق ئاھاڭلاردا سايراپ كەتتى…

    « مۇھەببەتكە قانچە كىرىشىپ قانچە چىڭ تۇتقانسىرى،ئۇ شۇنچە تېز يوقۇلىدۇ. مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى-ئۇنىڭغا قانات ئاتا قىلىشتۇر.»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يىگانە قىز