ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەت

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 16:37:31

ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەتئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹بايقاش›› ژۇرنىلىدا ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەت باھالاپ چىقىلغان.1. سەييارى...

    ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەت

     

    ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹بايقاش›› ژۇرنىلىدا ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان سەككىز خىل تەبىئىي ئاپەت باھالاپ چىقىلغان.
    1. سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى. 1908 – يىلى دىئامېتىرى 60 مېتىر كېلىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز (كومېتا)نىڭ بىر قىسمى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ، سىبىرىيىدە پارتلىغان. ئاسترونوملار ھەر 100 – 300 يىلدا بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. دىئامېتىرى 800 مېتىر كېلىدىغان چوڭ سەييارىلەر( 25 يىلدا يەر شارىغا بىر قېتىم سوقۇلىدۇ) گەرچە ئۇ ئىنسانلارنى يوقىتىۋەتمىگىنى بىلەن، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىدۇ. دىئامېتىرى 8000 مېتىر كېلىدىغان چوڭ سەييارىلەر تېخىمۇ زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.


    2. گامما نۇرى. ئالىملار يېقىندا گامما نۇرىنىڭ رادىئاتسىيىسىنىڭ يىراق سامانيولىدىكى سىرتقى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش قىيىن، تەخمىنەن قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ 1016 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمى بىزنى
    X نۇرى ۋە گامما نۇرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ، لېكىن، نۇر دەستىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىنى قىزىتقاندىن كېيىن، ئازوت ئوكسىدى(نىتروگېن ئوكسىدى) ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۇ ئوزۇن قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئوزۇن قەۋىتى بولمىسا ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرە راكىنى پەيدا قىلىدۇ، تېخىمۇ ئېغىرراق بولغاندا ئۇ دېڭىز – ئوكيانلاردىكى سۇدا لەيلىگۈچى جانلىقلار(ئۇلار ئاتموسفېرانى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ)نىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ھازىر بايقالغان گامما نۇرلىنىش بىزدىن ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئالىملارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى چەكلىك بولغاچقا، ئۇ ئۇشتۇمتۇت بىزگە يېقىنلاپ كېلەمدۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىگە نىسبەتەن ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

    3. ۋاكۇئۇم ھادىسىسى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالەم تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە ئالەم بوشلۇقى ئېنېرگىيە بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ‹‹ساختا ھەقىقىي بوشلۇق›› ئىنتايىن تۇراقسىز ئىدى. كېيىن يېڭى، تېخىمۇ تۇراقلىق بولغان ھەقىقىي بوشلۇق پەيدا بولۇپ، ئىلگىرىكى ‹‹ساختا ھەقىقىي بوشلۇق››نىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئېنېرگىيىلەر قويۇپ بېرىلدى. ئالەمنىڭ كېڭىيىشى، سوغۇققا ئۆزگىرىشى، ۋاكۇئۇم كىچىك كىلىماتىنىڭ پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا يورۇقلۇق يىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى ۋاكۇئۇم ھالەت بارلىققا كەلدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ‹‹بۇ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك ۋەقە››، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ۋەھىمىلىكى ھازىرقى ئېنىق جەزىملەشكەن قارا ئۆڭكۈر، دەپ قارىماقتا.

    4. قارا ئۆڭكۈر. سامانيولى سىستېمىسى قارا ئۆڭكۈر بىلەن تولدى. ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، سامانيولى سىستېمىسىدا 1 مىليون ئەتراپىدا قارا ئۆڭكۈر بار ئىكەن، بۇ جىسىملار باشقا ئاسمان جىسىملىرىغا ئوخشاش ئايلىنىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر ئادەتتىكى بىر ئاسمان جىسىمى بىزگە يېقىنلاشسا، بىز ئۇنى بايقىيالايمىز، لېكىن قارا ئۆڭكۈر بىزگە يېقىنلاشسا، بىز ئۇنى بايقىيالمايمىز. نەچچە 10 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاسمان جىسىمى يەر شارىغا سوقۇلغان ۋاقتىدا، ئالىملار ئۇنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ۋە ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقالىغان. قارا ئۆڭكۈرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەر شارىغا سوقۇلمايدۇ ھەم يەر شارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ، لېكىن قۇياش سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت ئوربېتىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    5. قۇياش بورىنى. 2001 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، قۇياش ھەر 10 – 11 يىلدا بىر قېتىم ماگنىت كۈچى مەيدانىغا كىرىپ دەۋرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، بۇ ۋاقىتتا، مىكرو دانىچە ۋە رادىئاتسىيە ھەر سائەتتە 1 مىليون كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن يەر شارىغا يېقىنلاپ كېلىدۇ، لېكىن ئالىملار بۇنىڭ يەر شارىغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى مۆلچەرلىيەلمەيۋاتىدۇ.

    6. يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ھەرىكىتى. ھەر 100 مىڭ يىلدا بىر قېتىم جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتا يەر شارى ماگنىت مەيدانى ھەرىكىتى قايتا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمدىكىسى 780 مىڭ يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەن، ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئوزۇن قەۋىتىنى بۇزۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

    7. كەلكۈن. 1998 – يىلى جۇڭگودا كۆرۈلگەن چوڭ كەلكۈن ئاپىتى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە ئېنىق ساقلىنىپ تۇرماقتا.

    8. يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر. باكتېرىيە بىلەن ئىنسانلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتتا بۇنداق تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. 1918 –، 1919 – يىللىرىدىكى تارقىلىشچان زۇكامدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2 مىليون كىشى قازا قىلغانىدى، ھازىر ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ئەيدىز تارقىلىۋاتىدۇ.

     

     

    مەنبەسى:  دىيانەت تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.