بەخت

يوللىغۇچى : arz يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-24 13:19:19

بەختلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىفان ئۈچ نەرسە بار:بىرىنچىسى ئارزۇسى بولۇش ، ئىككىنچىسى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ئۈچىنچىسى باشقىلارنى سۆيەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك. ئارزۇسى بولۇش پادىشاھ ئالېك...

       بەختلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىفان ئۈچ نەرسە بار:بىرىنچىسى ئارزۇسى بولۇش ، ئىككىنچىسى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ئۈچىنچىسى باشقىلارنى سۆيەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك.   

       ئارزۇسى بولۇش

       پادىشاھ ئالېكساندېر بىر قىتىم ئىنئام ‍ زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، بىرىگە نۇرغۇن پۇل بەرسەم ، بىرىگە ئۆلكە، يەنە بىرىگە يۇقىرى مەنسەپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەرتلىكىنى ئىپادىلەپتۇ.  بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دوستلىرى ئۇنىڭغا:

    -ئەگەر سەن مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ، سېنىڭ ھىچنىمەڭ قالمايدۇ، -دەپ نەسىھەت قېپتۇ. 

     ئالېكساندېر مۇنداق دەپتۇ:

     -مېنىڭ قانداقمۇ ھىچنىمەم قالمىسۇن؟!  مەن ئۆزۈمگە ئەڭ ئۇلۇغ نەرسىنى قالدۇردۇم ، ئۇ بولسىمۇ ئارزۇ ئۈمىد .

       بىر ئادەم ئۈمىدسىز ھالدا پەقەت ئەسلىمە ئىچىدىلا ياشىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئەسلىمىلەر بىزنى كۈچ-قۇۋەتكە تولغان ھالدا ياشاشقا ئىلھاملاندۇرالمايدۇ، ئەسلىمىلەر خۇددى جىنايەتچىنىڭ تۇرمىدىن قاچقىنىغا ئوخشاش،  پەقەتلا رېئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، خالاس. 

       قىلىدىغان ئىشى بولۇش 

       ئەنگىلىيىلىك ياشانغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىنى، كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرۇپتۇ:

        ئىچ ئاغرىتما ھازىر ماڭا ، ئىچ ئاغرىتما ئەبەدى.

        خىزمەت قىلمايمەن ئەمدى ، قىلمايمەن خىزمەت ئەبەدىي.

        نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسز قالىدىغان ياكى قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالىدىغان چاغلىرى بۇلىدۇ.  بۇنداق چاغلاردا كۈنلەر ناھايىتى ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك ، تۇرمۇش ناھايىتى مەنىسزدەك بىلىنىدۇ. بۇ خىل تەجرىبىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىلىدىغان ئىش بولۇشنىڭ بەختىسزلىك ئەمەس ، ئەكسىچە بىر خىل بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  

     باشقىلارنى سۆيەلەيدىغان بولۇش 

    ئاتاقلىق شائىر بروۋنىڭ مۇنداق يازغان :«مەن ئۇنىڭغا قارىۋىدىم، ئۇمۇ جاۋابەن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ھايات تۇيۇقسز جانلاندى.  تۇرمۇشتا مۇھاببەت بولغاندىلا بىز ناھايىتى سەمىمىي، كەمتەر، جۇشقۇن بولالايمىز ، يېڭى يېڭى ئارزۇلار تەبىئىي ھالدا پەيدا بولىدۇ، خۇددى مىليۇنلىغان ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك. . . مۇھاببەت بولغاندىل تۇرمۇشتا باھار بولىدۇ،  دۇنيامۇ رەڭدارلىققا تۇلىدۇ».

       ئەڭ گۈزەل دۇئا-تىلاۋەت:«پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە قىلغىن!»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەخت