ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخسلەر

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-10 13:32:02

ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخسلەربىل گايتىسكىشلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي بىل گايتىسىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىن « قېچىشى» گويا ئەپسانىۋى ھېك...



      

    ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخسلەر

    بىل گايتىس

    كىشلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي بىل گايتىسىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىن « قېچىشى» گويا ئەپسانىۋى ھېكايىدەك كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئون يىلدىن ئارتۇق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى باي بولۇش، شەك –شۈبىھسىزكى، يەر شارىنىڭ خوجايىنى بولۇش دېگەنلىكتۇر. 1973-يىلى ئادۋوكات ۋە مۇئەللىم ئاتا-ئانىسى ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېت – خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرگۈزدى. ئەمما، ئۇ بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ئىككى يىل تۇرۇپلا ئوقۇشتىن توختاپ مىكرو سوفت شىركىتىنى قۇردى. 2007-يىلى يەنى خارۋاردتىن ئايرىلغىلى ئوتتۇز يىل بولغان يىلى ئۇ غايەت زور تۆھپىسى بىلەن ئانا مەكتىپى بەرگەن شەرەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

    سىتۋى جوبس

    ئەگەر سىتىۋى جوبس ياۋاشلىق بىلەن مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا، ئالما كومپيۇتېرىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. ئۇ رىد ئىنستىتۇتىدا ئالتە ئاي ئوقۇغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى چىقىم قىلدۇرۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئوقۇشتىن ۋاقىتنچە توختاپ قالدى. 2005-يىلى ئۇ سىتانفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە، ئۆزىنىڭ ئالما كومپىيۇتېر شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېردا بەت ياسىغانلىقىنى ھەمدە رىد ئۇنۋېرسىتىتىدا بىر قېتىملىق قانۇن دەرسى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

    فرانك لويد رايت

    ئۇ ئامېرىكا قۇرۇلۇش لايىھەلەش ساھەسىدىكى نېگىزلىك شەخس. ئۇنىڭ لاھىيە مەكتىپىدە سەرپ قىلغان ۋاقتى مۇقىم دەرس ئوقۇغان ۋاقتىدىنمۇ كۆپ. 1886-يىلى ئۇ ۋىكونسىن ئىشتاتىدىكى مادىسون ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىكاگوغا كۆچۈپ بېرىپ ئەينى چاغدا" ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش ئاتىسى" دەپ نام ئالغان لوئىس سۇللىۋاننى ئۇستاز تۇتىدۇ. رايت 500 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىمارىتى بولسا«شارقىراتما» ۋە «نىيۇ يورك شەھرى سولۇمون گۇگېنخېيىم مۇزىيى».

    باكمىنستېر فۇللېر

    باكمىنستېر-ئارخىتېكتور، مۇتەپەككۇر، كەشپىياتچى، كەلگۈسى ئېقىمى -دىكى رەسسام، يەنە كېلىپ ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇشتىن توختاپ قالغۇچى. ئۇ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئوقۇشتىن توختىتىلغان. فۇللېرنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەكتەپتىن توختاپ قېلىشى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھاياتىدا كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىرىدى، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن سالغان مەبلىغى زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى، يەنە تېخى قىزىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنى قاتتىق ئازابقا سالدى. ئۇ سوپۇن ماغزىپىدا ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ ئاخىر ۋاز كەچكەن. 32 ياشتا ئۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى نىشان قىلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان يۇمىلاق ئۆگزىلىك قۇرۇلما ئۇنى خەلقئارانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە شان-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن.

    جېمىس كامېرون

    كامېرو ئەينى يىلى بېلەت كىرىمى مىلياردتىن ئاشقان «تىتانىك ناملىق پاراخوت » فىلىمى بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسور شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ نەتىجىلەرنى ھوللىۋودتا جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقلىق قولغا كەلتۈرگەن. كامېرون كانادا تۇغۇلغان، 1971-يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ يەردە ئۇ فۇللېرتون ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ فىزىكا ئۆگەنگەن. بىراق، ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتى ئۇزۇنغا بارمىغان. ئۇ ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ بىر قىز مۇلازىم بىلەن توي قىلغان، ئۆزى شۇ جايدىكى بىر مەكتەپتە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بولغان. 1977-يىلى ئۇ «پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق فانتازىيەلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن كۆك ياقىلىق ئىشچىدىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ كۆپ پۇل كەتكەن فىلىمنى ئىشلىگەن قالتىس رېژىسسورغا ئايلانغان.

    ماك زاكېربېرگ

    ئۇنۋېرسىتېتتىدىكى ياتاقلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۇخلىمىغان بولسا ئۆگىنىش قىلىدۇ ياكى ئاتا-ئانىسى بىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ماك زاكېربېرگ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق face bookئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكتىنى قۇردى. مارك ئەسلىدە بۇ پروگراممىنى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشى ئۈچۈنلا قۇرغانىدى، بىراق ئۇنىڭ ئالىقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسى قىياستىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكىدىكى پىچەكگۈل بىرلەشمىسىگە تەۋە ئالىي مەكتەپلەر كەينى-كەينىدىن بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ھازىرقى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكتىگە ئايلاندى. بۇ تور بېكەتنىڭ شۇنچى تېز داڭق چىقىرىشى بىلەن مارك يۈك- تاقىسىنى يىغىشتۇرۇپ مەكتەپتىن چېكىنىپ كالفورنىيەدە شىركەت قۇردى. ئامېرىكا «فوربېس» تا ئېلان قىلىنغان ياش زەردارلارنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، مارك قۇرغان شىركەتنىڭ 2010- يىللىق تور قىممىتى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

    توم خانكس

    ئامېرىكا « دەۋر » ژۇرنىلى توم خانكسنى « ئامېرىكىنىڭ تىرىك يىلنامىسى » دەپ ئاتىدى، ساكرامېنتو ئۇنۋېرسىتېتتى ئۇنى داڭلىق مەكتەپتىن توختاپ قالغۇچى، دېدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەكتەپتىن ۋاقىتنچە توختاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ئامېرىكا ئوخېئو ئىشتاتىدىكى چوڭ كۆل تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دراما فېستىۋالى ئۈچۈن ئىدى. فېستىۋالدا خانكس نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى. چىراغ نۇرىدىن تارتىپ ئوبراز يارىتىشقىچە بولغان ئۇقۇملار ئۇنىڭ ھوللىۋوتتا چولپان، فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسىور ۋە سىنارىسىت بولۇشىغا ئاساس سالدى. توم خانكس داڭق چىقارغاندىن كېيىنمۇ ئەسلىنى ئۇنتۇمىدى، 2009-يىلى ئۇ سەھنە ھاياتىنى باشلىغان كلېۋىرلاند تىياتىرخانىسىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ رېمونت قىلدۇردى.

    خاررىسون فورد

    خاررىسون «يۇلتۇزلار ئارا ئۇرۇش» ۋە «ئىندىيانا جونس» دېگەن كىنولار ئارقىلىق داڭق چىقارغان. داڭق چىقىرىش ئالدىدا ئۇ رىپون ئىنستىتۇتىدا پەلسەپە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، لېكىن ئوقۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالمىغان. خاررىسوننىڭ داڭق چىقىرىش يولى ئەگرى-توقايلىققا تولغان، دەسلىپىدە ھوللىۋودتىكى كىنولاردا ئۇششاق روللارنى ئوينىغان، ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقىدىن بېسىم ھېس قىلىپ، كەسپ ئۆزگەرتىپ ياغاچچىلىقمۇ قىلغان. ئۇ «يۇلتۇزلار ئارا ئۇرۇش» دېگەن فىلىمنى سۈرەتكە ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا 10 يىل ياغاچچىلىق قىلغان.

    لېدىي گاگا

    لېدىي گاگا 1986-يىلى نىيۇ يوركتىكى يونكېرستا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىتالىيەلىك. كىچىكىدە the sacred heart دەپ ئاتىلىدىغان كاتولىك دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، داڭلىق مودا قىز پارس خىلتون ۋە كارولىن كېنىددىي ئۇنىڭ مەكتەپدىشى. 2006-يىلى ئۇ نىيۇ يوركتىكى ئۇنۋېرسىتېتتىن توختاپ قالغاندىن كېيىن ئىنتېرسكوپې رېكوردس پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئاھاڭ ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىلگىرى برىتنىي، فېرجخي، ياۋا مۈشۈك گۇرۇپپىسى ، ئاكون قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلارغا ناخشا ئىجاد قىلىپ بەرگەن. ئاكون گاگانىڭ سەھنىدە ناخشا ئورۇنلاش سەۋىيەسىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن گاگانى ئۆز قارمىقىدىكى شىركەت بىلەن توختاملاشتۇرغان، گاگا شۇنىڭدىن كېيىن تۇنجى ناخشا پىلاستىكىسىنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلغان. 2008-يىلى گاگا ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا پىلاستىكىسى the fameنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇ بۇ ناخشا پىلاستىكىسىنى «ھەممىلا ئادەمگە قانداق داڭق چىقىرىشنى ھېس قىلدۇرۇش» ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان، دەپ چۈشەندۈرگەن.

    تايگېر ۋۇدىس

    گولف توپ ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان ۋۇدىس ئىلگىرى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ۋۇدسنىڭ « پۇرسەت تەننەرخى» گە بولغان چۈشەنچىسى بەك چوڭقۇر بولغاچقىمۇ قانداق، ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىپ، كەسپىي گولف توپ ھاياتىنى باشلىغان. ۋۇدس گولف توپ ساھەسىدىكى كىرىمى ئەڭ كۆپ توپچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، يىلىغا 100مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مول ھەم مەزمۇنلۇق شەخسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    مەنبە: تەرمىلار ژۇرنىلى7-2010

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بىلگايتس لېديى گاگا _