ئاپتوموبىللىق تۇرمۇش سىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 17:17:01

كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان بېنزىن ھەققى، ماشىنا توختىتىش ھەققى قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان قاتناش قىستاڭچىلىقى كىشىلەرگە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش خۇددى مۇقەررەر زىيان چىقىدىغان تىجارەتتەك تۇيغۇ بەرمەكتە.


    ئاپتوموبىللىق تۇرمۇش سىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى

    مېڭ جيالى
    نەجمىدىن نەسىردىن تەرجىمىسى
     
    دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئاپتوموبىلى بار كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ماشىنىنى ئىشلىتىش ۋاقتى يەتتە يىل ئەتراپىدا ئىكەن. كىشىلەر ماشىنا سېتىۋالغاندىن تارتىپ يېڭىسىنى ئالماشتۇرغىچە تەخمىنەن 440 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىدىكەن.
    كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان بېنزىن ھەققى، ماشىنا توختىتىش ھەققى قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان قاتناش قىستاڭچىلىقى كىشىلەرگە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش خۇددى مۇقەررەر زىيان چىقىدىغان تىجارەتتەك تۇيغۇ بەرمەكتە. ئەلۋەتتە ئاپتوموبىل تۇرمۇشىڭىزغا ئاز بولمىغان خۇشاللىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى يەنىلا كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
    1.ئاپتوموبىل سىزنىڭ ئىشقا بېرىپ كېلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتتى، قايسى يەردىن ئۆي سېتىۋېلىشىڭىزغا نۇرغۇن يېڭى تاللاشلارنى ئەكەلدى. ئۇ يەنە سىزنىڭ رومانتىك خىياللىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تايانچ بولدى.
    2.يول قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتتى. پرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، سىز نىشانىڭىزغا تېخىمۇ ئاسان يېتىپ بارالايدىغان بولدىڭىز.
    3.پائالىيەت قىلىش دائىرىڭىز كېڭەيدى. ئەڭ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، سىزنىڭ يېڭى شەيئى ۋە يېڭى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىڭىز كۆپەيدى.
    4.سىزنىڭ مەلۇم يەرگە بېرىشتىكى تۇيغۇڭىزنى ئۆزگەرتتى. گەرچە يولدا توسۇلۇپ قالسىڭىزمۇ، كۈچلۈك ئاپتاپ، قەھرىتان سوغۇقتا ئاپتوبۇس ساقلاشتىن، كوچا ئاپتوبۇسىدا ئۆرە تۇرۇپ بەل-پۇتلىرىڭىزنىڭ تېلىپ كېتىشىدىن قۇتۇلدىڭىز.
    5.باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، سىز يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدىڭىز، بولۇپمۇ پىيادە ماڭغان ۋاقتىڭىزدا.
    6.ئۇ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىزدىكى يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇچى، يېڭىچە بىر ئويۇن.
    7.ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئۇ سىزگە خۇشاللىق ۋە قولايلىقلارنى ئەكەلگەندىن سىرت، يەنە سىزگە ئاز-تولا مايمۇ ئېلىپ كەلدى-بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ئاشۇردى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.