«ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق» بوپقالسىچۇ؟

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 01:43:37

«ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق» بوپقالسىچۇ؟  مەلۇم بىر ئۆلكە رەھبىرى گېزىتكە ماقالە يېزىپ، «مەسىلىلەرگە ئاۋام مەۋقەسىدە تۇرۇپ قاراپ باقايلى» دەپتۇ. بۇ سۆز دۇرۇس ئېيتىلغان. ئەمما، بۇنى روياپقا چى...

    «ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق» بوپقالسىچۇ؟
      مەلۇم بىر ئۆلكە رەھبىرى گېزىتكە ماقالە يېزىپ، «مەسىلىلەرگە ئاۋام مەۋقەسىدە تۇرۇپ قاراپ باقايلى» دەپتۇ. بۇ سۆز دۇرۇس ئېيتىلغان. ئەمما، بۇنى روياپقا چىقارغىلى بولارمۇ؟ مېنىڭچە، «ئەمەل ـ مەنسەپ ئاساس» بوپقالغان بۈگۈنكى كۈندە تەس جۇمۇڭ!
      ئالايلۇق، ئاۋام دۇچ كېلىۋاتقان بالىلارنى ئۇقۇتۇش قىينچىلىقى، داۋالىنىش قىينچىلىقى، ئۆي قىيىنچىلىقى، ئىشسىزلىق قىينچىلىقى ئاشۇ مەنسەپدارلارنىڭ مەنسەپدارلارنىڭ بېشىغا كېپباقتىمۇ؟ ئاۋامنىڭ ئوقۇشسىز، ئىشسىز قالغان بالىلىرى بار، مەنسەپدارلارنىڭچۇ؟ بىز بۇرۇن بالىلىرى ئىشسىز قالغان مەنسەپدارلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىغان. مىسالەن، ئۆز ۋاقتىدىكى دىپلوماتىيە مىنىسترى جاڭ ۋىنتيەننى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ قىزى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە ماشىنىست ئىكەندۇق دۆلەتتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن زامانلاردا  جاڭ ۋىنتىيەن قىزىنى يېزىدا دېھقان بولۇشقا ئەۋەتىپ، قىيچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنىكەن. بۇنداق ئىشنى ھازىر ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟ داۋالىنىش بىلەن ئۆي مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى: مەنسەپدارلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى غېمى ئاللىقاچان تۈگىگەن.ئويلاپ باقماسىز: ئۆيىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، چويلىسىدا گۈللۈكلىرى بار، ئالاھىدە داۋالىنىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدىغان مەنسەپدارلارنىڭ ئاۋامنىڭ ھال ـ كۈنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى مۇنكىنمۇ؟
      بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئۇنداق مەنسەپدالارنى «ئاۋام بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش»نى خالىمايدۇ، «ئاۋام ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن ـ تاشقويۇن بولۇش، ئاۋامنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتى يوق» دېكەنچى ئەمەس. مۇھىمى، ھازىرقى تۈزۈلمە شارائىتىدا ئۇلارنىڭ چىن دىلىدىن ئاۋام بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ كېتەلىشى بەسىي مۈشكۈل.
       مىسالەن،  مەنسەپدارلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭمۇ ئەسلىدە پۇقرالارنى مالال قىلغۇسى يوق. بىراق ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرى مەنسەپدارلارنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن، كۈتۈۋېلىش تارماقلىرىمۇ تەييارلىقنى ئالدىنلا قىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىش خۇددى سەھنىدىكى ئويۇنغىلا ئوخشىغاچقا، مەنسەپدارلارلىرىمىز پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئىشلارنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
       دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كۆكتات سېتىۋېلىش ھەققىدە توختىلىلىپ باقايلى: ھازىر پۇقرالار مالال قىلغۇسى يوق. بىراق ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرى مەنسەپدارلارنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇۇتپ مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن، كۈتۈۋېلىش تارماقلرىىمۇ تەييارلىقنى ئالدىنئالا قىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىش خۇددى سەھنىدىكى ئويۇنغىلا ئوخشىغاچقا، مەنسەپدارلىرىمىز پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئىشلارنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
       دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كوكتات سېتىۋېلىش ھەققىدە توختىلىپ باقايلى: ھازىر پۇقرالار مال باھاسىنىڭ ئۆرىلىكى، دورىلارنىڭ قىممەتلىكىدىن «داد» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمما، مەنساپدارلىرىمىز بۇنى ھېس قىلىپ يېتەرلەرمۇ؟ ئۇلار دۇكان ـ ماگىزىنلارغا ئەزەلدىن كىرىپ باقمايدىغان، كۆكتات بازىرىغا بېرىپ باقمايدىغان تۇرسا، مالنىڭ سۈپىتى قانداق ؟ ساختا مال قانداق بولىدۇ؟ كىملەر تارازىغا ھۈنەر ئىشلىتىۋاتىدۇ. مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىدە مەسىلە بارمۇ ـ يوق؟ بۇنى نەدىن بىلسۇن!
     چېقىلىدىغان، كۆرۈلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى. «پالانى باشلىقنىڭ ئۆيى چېقىلغۇدەك» ، «پۇستانى باشلىقىنىڭ ئۆيى كۆچۈرۈلگەندەك» دېگەننى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ چۈنكى، مەنسەپدارلارنىڭ ئۆيلىرى ساپلا شەھەرنىڭ ئوبدان يەرلىرىدە ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە پوست قويۇلىدۇ؛ كوچىدىكى شوپۇرلار ئۇنداق ئۆيلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە سىگنال بېرىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ. ھەممىمىز «شەھەردە ۋاڭ ـ چۇڭ كۈچىيىپ كەتتى، يايمىچىلار كۆپىيىپ كەتتى...» دەپ ۋايساۋاتىمىز. ئەمما مەنسەپدارلار تۇرۇۋاتقان مەھەللىلەر ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا، مەنسەپدارلارنىڭ  ئۆيىنى كۆچۈرۈشى ھاجەتسىز. كۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ تېخىمۇ ئېسىل، تېخىمۇ ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلىدۇ. ھازىر شەھەر كوچىلىرى قىستاڭچىلىشىپ كەتكەچكە، ئەركىن ـ ئازادە ماڭغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، مەنسەپدارلار سىرتقا چىققاندا قاتناش ساقچىلىرى ئۇلار ئۈچۈن يول ئېچىپ بولغان، ئۇلانرىڭ ماشىنىلىرى ئۆتىدىغان يول ـ كوچىلار ئاللىبۇرۇن قامال قىلىنغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەنسەپدارلار قاتناش قىستاڭچىىقنىڭ قاندقا بولىدىغانلىقىنى ئەسلا ھىس قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار قاتناش قىستاڭچىلىقنى كۆرۈپ باقمىغان.
      ھاسسىلىكالام، ئۇلارنى ئاۋامنىڭ غەم ـ قايغۇسى ھېس قىلدۇرۇشنىڭ ئامالى بىرلا: يەنى ئۇلاردىكى ئالاھىدە ئىمتىيازنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك. ئۇلارمۇ بازارغا كۆتتات سېتىۋالغىلى بېرىپ باقسۇن، دوختۇرخانىلاردا باشقىلاردەك ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىپ باقسۇن، شۇ چاغدىلا ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆيىدىمۇ ئوقۇشسىز، ئىشسىز بالىلار بولسا ئىدى. ئاۋامنىڭ نېمە غەمدە ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلگەن بولاتتى.

     ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      چيەن يۈەن ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2010 ـ يىل مارت سانىغا بېسىلغان. ھەزرەتئەلى تۇراق تەرجىمىسى، تىلماچ: يۇپۇرغا ناھىيە ئەشمە بازار ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.